ئۇيغۇر 12 مۇقامنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسى

ئومۇمىي ئاتالغۇ بولغان«مۇقام» - ئورۇن، دەرىجە، دائىرە دېگەن مەنىگە ئېگە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 12مۇقامنىڭ يەنە ئۆز ئالدىغا مەنىلىرى بار ئىكەن.
1-«راك مۇقامى» __ ھۆرلۈككە تەلپۈنۈش.
2-«چەبىيات مۇقامى»__ نەپىس، گۈزەللىكنى سېغىنىش.
3-«مۇشاۋىرەك مۇقامى»__ راستلىق، چىنلىق، توغىرلىققا تەلپۈنۈش.
4-«چارگاھ مۇقامى»__خەلقنىڭ ئاسايىشلىققا، تاڭغا، گۈزەل ھاياتقا بولغان تەلپۈنىشى.
5-«پەنجىگاھ مۇقامى»__ بۇ مۇقامنىڭ بۇرۇنقى ئىسمى «بۇزرۇك مۇقامى» بولۇپ، ئۇلۇغلۇق، يۈكسەكلىككە تەلپۈنۈش.
6-«ئۆزھال مۇقامى»__ بۇ مۇقامنىڭ بۇرۇنقى ئىسمى«كۆجەك مۇقامى»بولۇپ، كىچىك پېئىللىق .
7-«ئەجەم مۇقامى»__«ئەجەم» ئەرەبچە سۆز بولۇپ، شۇ دەۋىردە ئەرەبلەر ئۇيغۇرلارنى ئەجەم دەپ ئاتىغان. ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ناخشا-مۇزىكىسىنى ئەزىزلەش مەقسىتىدە ئەرەبلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئاتىغان بۇ سۆزىنى ناخشا-مۇزىكىنىڭ نامى سۈپىتىدە قوللانغان.
8-«ئوششاق مۇقامى»__ئاشىقلار، پىدائىيلار ، ئاشىقلار ساداسى.
9-«بايات مۇقامى»__ بۇ مۇقامنىڭ بۇرۇنقى نامى ساباھان بولۇپ، ئەسلەش دېگەن مەنىسى بار ئىكەن. ھازىرقى مەنىسى ياد ئېتىش، يورۇقلۇقنى ئىزدەش.
10-«ناۋا مۇقامى»__ جاسارەت، كۈچ-قۇۋەت.
11-«سىگاھ مۇقامى»__ بۇ مۇقامنىڭ بۇرۇنقى نامى« پەسىللىك مۇقامى»بولۇپ، ئارىسلاننى ھەيران قالدۇرۇش دېگەن مەنىدە ئىكەن. سىگاھنىڭ ئەسلى تەلەپپۇزى«شىگاھ»بولۇپ، بۇنىڭ مەنىسى غەپلەتتىن ئويغىتىش، غەرەتلىنىش.
12-«ئىراق مۇقامى»__دەريا قىرغىقىنىڭ ئۆرۈلۈشى دېگەن مەنىسى بار بولۇپ، خەلقنىڭ قاينام-تاشقىنلىق روھى . ئۇيغۇر 12 مۇقامى جەمئىي 268 ئاھاڭ(نەغمە)، 2700 مىسرادىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇنى باشتىن-ئاخىر ئۇلاپ ئورۇنلاشقا 24 سائەت كېتىدۇ.