‹‹ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى» تېكىستلىرىنىڭ ئاپتورلىرى ۋە مەنبەلىرى توغرىسىدا

ئاساسى مەزمۇنى: ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ تېكىستلىرى ئۇيغۇر كىلاسسىك شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرى،ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى ۋە ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدىن تەركىپ تاپقان.تېكىست ئاپتورلىرىنىڭ ھاياتى ۋە ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇش مۇقامنى ئومۇملاشتۇرۇشتىكى مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ.بۇ ماقالىدا شېئرلىرى مۇقام تېكىستتى قىلىپ تاللانغان شائىرلارنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى ۋە داستانلارنىڭ مەزمۇنى تونۇشتۇرۇلىدۇ. ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: مۇقام، كىلاسسىك شائىرلار، داستانلار1960-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىككى قىسىملىق ‹‹ئون ئىككى مۇقام››كىتاۋى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان،‹‹ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى›› ئىزچىل تولۇقلىنىپ ،رەتلىنىپ 1992-يىلى ۋە 1997-يىللىرى ئىككى قېتىم نەشىر قىلىندى.‹‹بۇ قېتىمقى رەتلىنىشلەردە ئاھاڭلار تولۇقلىنىش بىلەن بىرگە يەنە بۇرۇنقى تەكرارلانغان ،مۇزىكا رېتىمىگە ماسلاشمايدىغان ،مەنبەسىز تەرمە مىسرالار ئورنىغا ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتقان ئاتاقلىق شائىرلارنىڭ نادىر شېئىرلىرى ۋە بىر قىسىم خەلق داستانلىرىدىن پارچىلار سەپلەندى››. جوڭگو قامۇس نەشرىياتى 1997-يىلى نەشىر قىلغان 12 توملۇق‹‹ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى›› كىتاۋىغا جەمئى 43 كىلاسسىك شائىرنىڭ شېئىرلىرى ۋە 13 خەلق داستانلىرىدىن پارچىلار كىرگۈزۈلگەن بولۇپ ،ئومۇمى تېكىست 3435 مىسرا .تېكىستى ئەڭ كۆپ ئىسلىتىلگىنى شائىر نەۋائىي بولۇپ جەمئى 594 مىسرا شېئىرى ،ئەڭ ئاز ئىشلىتىلگىنى نەفىسىي بولۇپ 4 مىسرا شېئىرى ئشلىتىلگەن.(چۈشۈرگىلەردىكى شېئىرلار قايتىلانغانلىقى ئۈچۈن ھىساپلانمىدى).خەلق داستانلىرىدىن باشقا بەزى كىلاسسىك شائىرلارنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ داستانلارمۇ ئورۇن ئالغان.داستانلاردىن ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلگىنى ‹‹غېرىپ-سەنەم››داستانى بولۇپ ،جەمئى 322 مىسرا ئېلىنغان.‹‹ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى››غا شېئىرى كىرگۈزۈلگەن بۇ كىلاسسىك شائىرلىرىمىزنىڭ ھاياتى ۋە خەلق داستانلىرىمىزنى تەتقىق قىلىش ۋە خەلققە تونۇشتۇرۇش، مۇقام تەتقىقاتىدىكى ۋە ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇشتىكى مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ.
بەختىيار ئابدۇساتتار