بابارەھىم مەشرەپ

مەشرەپ- (1657-1711) بابارەھىم مەشرەپ 1657-يىلى نەمەنگان شەھەر ئەتراپىدىكى موللا ۋەلى ئىسىملىك بۆزچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.ياش ۋاقتىدا قەشقەرگە كېلىپ ئاپپاق غوجىغا شاگىرت بولۇپ، ئۇنىڭ ھوزۇرىدا يەتتە يىل تۇرغان.لېكىن ئاپپاق غوجا تەرىپىدىن ئېغىر تەن جازاسىغا ئۇچراپ سەرگاندانلىق ھاياتىنى باشلىغان.ھىجرىيە 1123 –يىلى (مىلادىيە 1711-يىلى) فېئودال روھانىيلارنىڭ تىل بۈرۈكتۈرۈپ پىتنە-ئىغۋا قىلىشى سەۋەپلىك قۇندۇز شەھىرىدە دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن.مەشرەپ ئىجادىيىتىدىن ‹‹مەبدەئى نۇر››،‹‹دىۋان مەشرەپ››قاتارلىق ئەسەرلەر بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.ئۇنىڭ 140 مىسرا شېئىرى‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.