ئەدىپ ۋە تارىخشۇناس مۇھەممەد سادىق قەشقەرى

سادىقىي- ئەدىپ ۋە تارىخشۇناس مۇھەممەد سادىق قەشقەرى(تەخەللۇسى سادىقىي) قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسىدە بىر دىنىي مۆتىۋەر زات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.قەشقەردىكى ‹‹ساچىيە مەدرىسە››سىدە ئوقۇغان.بىر مەزگىل قەشقەر شەرئى مەھكىمىسىنىڭ قازىسى بولغان.1850-يىلى قەشقەردە بىر قېتىملىق سىياسى توپىلاڭدا ئۆلتۈرۈلگەن.سادىقىي ئۇيغۇر ئەدىبىياتى تارىخىدا ئەلشىر ناۋايىدىن كېيىن ئۆتكەن يەنە بىر ھوسۇللۇق ئەدىبدۇر.ئۇ ئۆز ئۆمرىدە «تەزكىرەئى ئەزىزان» (ئۇلۇغلار تەزكىرىسى)، «ئادابۇسسالىھىن» (ياخشى كىشىلەرنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقى)، «زۇبدەتۇلمەسائىل » (مەسىلىلەر جەۋھىرى)،«تەزكىرەئى ئەسھابۇل كەئب»،«تارىخى ئىسكەندەرىيە ۋە تاجىنامەئى شاھ» (ئىسكەندەر خانلىقى تارىخى ۋە شاھلارنىڭ تاجىنامىسى)«رىسالەئى كەسىپدار»(كەسىپدارلار رىسالىسى) قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.ئۇنىڭ 10 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.