مۇقام تەتقىقاتى ھەققىدە ئىككى كەلىمە

2005 -يىل 11 – ئاينىڭ 25 – كۈنى ب د ت پەن – مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ پارىژدىكى باش شتابى‹‹جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇرئون ئىككى مۇقامى›› نىڭ ‹‹ئىنسانىيەت ئاغزاكى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرى›› تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى. بۇ مۇقام تەتقىقاتىمىزغا نىسبەتەن زور رىغبەت، كۈچلۈك تەلەپ، ئەلۋەتتە.
«جۇڭخۇانىڭ قىممەتلىك گۆھىرى ۋە يىپەك يولىدىكى نۇرلۇق مەرۋايىت» ھېسابلىنىدىغان كلاسسىك ‹‹ئون ئىككى مۇقام›› سەنئەتخۇمار خەلقىمىزنىڭ بىباھا سەنئەت خەزىنىسى، شۇنداقلا خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك مۇرەككەپ، مول ھاياتىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى سەنئەتلىك بايان قىلىدىغان مۇزىكا قامۇسى. ‹‹ئون ئىككى مۇقام›› ژانىر جەھەتتىن ئۇنىۋېرساللىققا ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇزىكا، ناخشا، ئۇسسۇل بىر گەۋدىلەشكەن. ھەر بىر مۇقام ئاھاڭ شەكلى – مېلودىيىسى، رىتىمى، ئۇدارلىرى ئارىسىدا مۇئەييەن قانۇنىيەت ساقلانغان ئاساستا ئىجرا قىلىنىدۇ.
«ئون ئىككى مۇقام»نىڭ ھەجىمى ھەقىقەتەن زور، قۇرۇلمىسى مۇكەممەل. تارىخىي مەنبەلەر ئاساسىدا مۇقاملىرىمىزنىڭ ئۇزاق تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئەقلىي تەپەككۇر چەمبىرىكىدە تەسەۋۋۇر قىلساق، ‹‹ئون ئىككى مۇقام››نىڭ مۇزىكىلىق گېنى ئەجدادلىرىمىزنىڭ مەدەنىيەت توپىنىڭ قەدىمكى چاچما ئۇدارلىق كۈيلەر ھەيكىلى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ھەقىقەت ئايان بولىدۇ. ‹‹ئون ئىككى مۇقام›› تەركىبىدىكى ھەر بىر مۇقام خەلقىمىزنىڭ سەنئىتىدىكى ئۈچ ئاساسلىق ئامىلنى، يەنى ناخشا، ئۇسسۇل، مۇزىكىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن. ‹‹ئون ئىككى مۇقام››نى تەتقىق قىلىشتا مۇقامنىڭ مۇزىكىلىق قۇرۇلمىسىنى مۇقامشۇناسلىق تەتقىقاتى بويىچە مۇزىكىلىق تەركىب، ئاۋاز باسقۇچلىرى، ئاۋاز ئۆزگىچىلىكلىرى، ئۇدار، رىتىم، داپ تاكىتى بويىچە ئەنئەنىۋى مىللىي مۇزىكىلارغا سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش زۆرۈر. ‹‹ئون ئىككى مۇقام›› چوڭ نەغمە، داستان، مەشرەپتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قىسىمدىن تۈزۈلگەن.
چوڭ نەغمە مۇقەددىمىسىنىڭ ئالدىنقى ئاھاڭ قىسىملىرىدا ھەر بىر مۇزىكا بۆلەكلىرىنىڭ باشلىنىش ياكى ئاخىرلىشىشىنى كونترول قىلىدىغان ئاساسلىق مەركىزىي ئاۋاز بولىدۇ، ئۇ 3 – دەرىجىلىك مى، ئۈچ ئاۋازنىڭ ماسلىشىشى نەتىجىسىدە يۇقىرى – تۆۋەن ئۈچ گرادۇسلۇق سەكرەش ئارقىلىق مۇقەددىمىنىڭ مۇزىكىلىق تىلىنىڭ ئىچكى باشلىنىشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مېلودىيىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. مۇقەددىمىنىڭ مۇزىكىلىق قۇرۇلمىسى ئەنئەنىۋى خەلق ناخشىلىرىدىكى باش ئەۋج، ئورتا ئەۋج ۋە ئاخىرقى ئەۋج دېگەن ئۆلچەملەر بويىچە تەرەققىي قىلماستىن، بەلكى شۇ مۇقەددىمىدىكى ئاساسلىق ئاۋاز بۆلەكلىرىدە ئۈچ گرادۇس، ھەتتا سەككىز گرادۇس سەكرەش ئارقىلىق ۋاقىتلىق كۈي ئۆزگىرىشى ھاسىل قىلىپ تەرەققىي قىلىدۇ.
داستان – مۇقام تەركىبىدىكى كۈچلۈك ناخشا – مۇزىكا پۇرىقىغا ئىگە نەزمىلىك ۋە نەزمىسىز ئاھاڭلار توپى بولۇپ، ئۇ لىرىكىلىق، گۈزەل، ئىخچام، قىسقا، ئېيتىشقا ۋە چېلىشقا قۇلايلىق بولغىنى ئۈچۈن، خەلق ئىچىگە كەڭ تارقالغان. ھەر بىر مۇقامدا ئۈچتىن بەشكىچە داستان بولۇپ، ھەر بىر داستاننىڭ نەزمىسىز قىسمى، يەنى مەرغۇلى بولىدۇ.
مەشىرەپ – مۇقاملار تەركىبىدىكى نەغمىلەرنىڭ ئالاھىدە بىر گۇرۇپپىسى. ئۇ تولاراق ئۇسسۇلغا باپ تېز، شوخ، ئاھاڭلاردىن تەركىب تاپىدۇ. ‹‹ئون ئىككى مۇقام››نىڭ پۈتكۈل مۇزىكىلىق قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، مۇقام مۇزىكىسىدا ئارىلاشما ئۇدارنى ئۇچرىتىش مۇمكىن ئەمەس. ئەجدادلىرىمىز مۇقام مۇزىكىسىدىكى ئىنتايىن مۇرەككەپ رىتىم ۋە ئۇدار قۇرۇلمىلىرىنى شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلغانكى، ھازىرغا قەدەر مۇزىكا تەتقىقاتچىلىرىمىز بۇ سىرنىڭ تېگىگە يېتەلىگىنى يوق. شۇڭا، مېنىڭچە، ‹‹ئون ئىككى مۇقام››نىڭ تارىخىي جەھەتتىكى سېلىشتۇرما تەتقىقاتى بىلەن ئۇنىڭ مۇزىكىلىق قۇرۇلمىسى ھەققىدىكى تەتقىقاتنى زىچ بىرلەشتۈرۈشكە، مۇزىكىلىق قۇرۇلما ھەققىدىكى تەتقىقاتنى ئاساس ۋە مەركەز قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.