شائىر قەلەندەر

قەلەندەر- شائىر قەلەندەر(نامرات،يوقسۇل دىگەن مەنىدە)نىڭ ئىسمى، تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان ۋاقتى ھەققىدە مەلۇمات يوق. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىن شائىرنىڭ 18-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىن 19-ئەسىرنىڭ بىرىنچى چارىكىگىچە بولغان مەزگىل ئىچىدە ياشىغانلىقى،ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ قۇندۇز شەھىرىدە تۇغۇلۇپ،كېيىنكى ھاياتىنى خوتەندە ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلەلەيمىز.ئۇنىڭ ئىجادى مىراسلىرىنىڭ ھەممىسى خوتەندە يېزىلغان ياكى توپلام قىلىنغان. شائىرنىڭ ‹‹دىۋان قەلەندەر ›› ناملىق لىرىك شېئىرلار توپلىمى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.ئۇنىڭ 72 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.