مەھزۇن- ئىسمائىل

مەھزۇن- ئىسمائىل (تەخەلۇسى مەھزۇن بولۇپ ‹‹غەمكىن››دىگەن مەنىدە) 18-ئەسىردە خوتەندە ياشاپ ئۆتكەن شائىرلارنىڭ بىرى.شائىر يېشى 50 تىن ئاشقاندا ئۆز يۇرتىدىن جاھانكەچتى بولۇپ، يەركەن، قەشقەر، ئاقسۇ، كۇچارلارنى كەزگەن. شائىرنىڭ غەزەل، مۇخەممەس، مەسنەۋى(داستان)لىرىدىن تۈزۈلگەن‹‹دىۋانى مەھزۇن›› ناملىق توپلىمى بار. ئۇنىڭ 128 مىسرا شېئىرى ‹‹ئون ئىككى مۇقام››غا كىرگۈزۈلگەن.