قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

زۆھرە كېرەم

2012-03-23 12:47:52     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   


2002-يىلى شىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد ئونۋىرستىتىنىنىڭ ئىقتىسادىي قانۇن كەسىپىنى پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسى مەخسۇس پروگرامما بۈلۈمىگە خىزمەتكە چۈشكەن. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا ئەدەبىيات كەسپى بويىچە ئۆزلىكىدىن ئۈگەنگۈچىلەر ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ئۈگىنىشنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملىغان. خىزمەتكە قاتناشقاندىن كىيىن بۈلۈم رەھبەرلىرى زۆھرەنىڭ خىزمەتتىكى قىزغىنلىقى، تىرىشچان،ئەستايىدىللىقىنى نەزەردە تۇتۇپ ئۇ خىزمەتكە چۈشۈپ 3 ئاي بولغاندا پروگرامما رىياسەتچىلىكىنى تاپشۇرغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەپ، ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ ئەڭ دەسلەپ <<ياشلىق مىلودىيىسى>>، <<خەيرلىك سەھەر>> قاتارلىق پروگراممىلارنىڭ رىياسەتچىلىكىنى ئۆزئۈستىگە ئالغان ھەمدە مۇخبىرلىق، مۇھەررىرلىك خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن.2007-يىلى شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىنىڭ سەنئەت رادىئوسى ئاڭلىتىش بەرگەندىن باشلاپ، <<شادلىق مىنۇتلىرى>>، <<شەھەر ئاۋازى>>، <<كۈيلىرىمىز سىزگە ھەمراھ>> قاتارلىق پروگراممىلىرىنىڭ رىياسەتچىلىكنى قىلغان.
ھازىر <<شادلىق مىنۇتلىرى>>، <<چايخانا پاراڭلىرى>> پروگراممىلىرىنىڭ رىياسەتچىسى.
   ئۇ خىزمەتكە قاتناشقاندىن كىيىن كۆپ قېتىم <<ئىلغار خىزمەتچى>> بولۇپ باھالانغاندىن باشقا يەنە، ئۇ ئىشلىگەن پروگراممىلار ئاپتۇنۇم رايۇن ۋە مەملىكەت بويىچە تۈرلۈك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. رادىئو رىياسەتچىلىك ئەسىرى<<كۈيلىرىمىز سىزگە ھەمراھ >>پروگراممىسى 2008-يىللىق ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە دىكتور رىياسەتچىلىك ئەسىرىنى باھالاشتا 1-دەرىجىلىككە، رادىئو رىياسەتچىلىك ئەسىرى<<يۇمۇر سۆزلەپ ئاڭلىغۇچىلارغا شادلىق ئاتا قىلىش>>تېمىسىدىكى پروگراممىسى 2009-يىللىق ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا،بىرقانچە قېتىم مەملىكەتلىك ئازسانلىق مىللەتلەر تىلىدىكى رادىئو ئەسىرىنى باھالاشتا دىكتور رىيادەتچلىك تۈرى بويىچە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

زۆھرە كېرەم  ئىزچىل تۈردە <<شادلىق مىنۇتلىرى>> پروگراممىسىنىڭ ئاساسىي قاتلاملاردا ئۆتكۈزۈلگەن كۆپ قېتىملىق نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىش پروگراممىلىرىغا رىياسەتچلىك قىلىپ كەلمەكتە.
زۆھرە پەقەت خىزمەتتە تىرىشچان، ئەستايىدىل بولۇپلا قالماي،يەنە تۈرلۈك ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردىمۇ قىزغىن، پائالىيەتچان.ئۇ پاراۋانلىق ئىشلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇ شىنجاڭ پىدائىيلار جەمئىيتىنىڭ بىۋاستە قاراشلىق باش ئەترىتى بولغان <<يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى ئەترىتى>>دىكى ئەستايىدىل ،جەڭگىۋار پىدائىي، ئۇ ئادەتتە دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن پايدىلىنىپ يىراق يېزىلارغا بېرىپ پىدائىيلىق مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.2011-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە <<مۇنەۋۋەر پىدائىي >> دېگەن شەرەپكە ئېرىشتى.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى