ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارغا بەخت يارىتىش كېرەك

2015-03-05 11:36:04     مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى   

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4-مارت تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 4-مارت چۈشتىن كېيىن سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقلابىي كومىتېتى، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى يوقلىدى ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىپ ئەزالارنىڭ تەكلىپ-تەۋسىيەلىرىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتى ئىككى قىرغاقنىڭ تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارغا بەخت يارىتىشتىكى توغرا يول ھەم تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈشتىكى پارلاق يول، تىنچ تەرەققىيات يولى، ئورتاق سىياسىي ئاساس، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارغا بەخت يارىتىش، شۇنداقلا مىللەتلەرنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇشتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.
    ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ ئەزالارنى يوقلاش ۋە مۇزاكىرىگە قاتناشتى.
    بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا جېن جيەنباڭ، ياڭ جيەن، ۋېن شۆچيۇڭ، جى بىن، لى ئەيجۈن، لو شامىڭ، جېڭ گۇاڭتەي، ليۇ جياچياڭ، خۇ يوچىڭ، فېڭ گۇڭ، فۇ خۇيمىندىن ئىبارەت 11 ئەزا ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىككى قىرغاقتىكىلەر بىر ئائىلە كىشلىرى ئىدىيەسىنى كىشىلەر قەلبىگە ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىككى قىرغاقنىڭ ئالاقە، ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىككى قىرغاقتىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئىككى قىرغاقنىڭ مەدەنىيەت كەسىپلىرى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شۇنداقلا پىڭتەن ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى.
     شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېقىن دوستى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك خەلق تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇزاقتىن بۇيان ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن نۇرغۇن خىزمەت ئىشلىدى. كۆپچىلىك ناھايىتى ياخشى تەكلىپ-تەۋسىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئالاقىدار تارماقلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىشى كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: 2014-يىلى ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە پەۋقۇلئاددە بىر يىل بولدى. مۇرەككەپ ۋە ئۆزگىرىشچان خەلقئارا مۇھىت، شۇنداقلا مەملىكەت ئىچىدىكى مۈشكۈل ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، سالماق ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى تۇراقلىق ھالىتىگە ماسلىشىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتنى تېز، مۇقىم ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئومۇميۈزلۈك دىپلوماتىيەنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ‹‹تۆت خاھىش›› مەسىلىسىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ ۋە ئۇنى تۈزەپ، چىرىكلىككە قەتئىي تەۋرەنمەي قارشى تۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى، زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۆتكەن بىر يىلدا تەيۋەن ئىشلىرى خىزمىتىگە دائىر مۇھىم سىياسەت، يۆنىلىش، تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلاردا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قىرغاقنىڭ تۈزۈملەشكەن كېڭىشىشى جەھەتتە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق، ئىككى قىرغاق ئىقتىسادىنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالاقە – ھەمكارلىقتا ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدۇق، تەيۋەن دېڭىز بوغۇزىنىڭ ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى. تۈپتىن ئېيتقاندا، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق ئامىل ۋەتەن چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ تەرەققىياتى، ئۆزىمىزنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاش بىلەن بىللە، توغرا سىياسەت – تەدبىرلەرنى قوللىنىپ تەيۋەن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكتىلىدى: ‹‹92 – يىل ئورتاق تونۇشى››نى تەيۋەن دائىرىلىرى ۋە پارتىيەلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىشنىڭ ئاساسى ۋە شەرتى قىلىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇشنىڭ يادروسى چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن تەيۋەننىڭ ئوخشاشلا بىر جۇڭگوغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشتىن ئىبارەت. مۇشۇ نۇقتىغا ئەمەل قىلالىساقلا، تەيۋەندىكى ھەر قانداق پارتىيە ۋە تەشكىلاتنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن بولغان ئالاقىسىدە ھېچقانداق توسالغۇ مەۋجۇت بولمايدۇ. ‹‹تەيۋەن مۇستەقىللىقى›› بۆلگۈنچى كۈچلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە زىيان يەتكۈزۈپ، ئىككى قىرغاقتىكى خەلق ۋە جەمئىيەتنى قارشىلاشتۇرۇشقا، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ مەنىۋى ئالاقىسىنى ئۈزۈۋېتىشكە ئۇرۇنۇشى ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىدىكى ئەڭ زور كاشىلا ھەم تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىدىكى ئەڭ زور خەۋپ بولۇپ، جەزمەن قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارغا بەخت يارىتىش ئىدىيەسىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش توغرىسىدىكى سىياسەت – تەدبىرلەرنى قەتئىي ئۆزگەرتمەيمىز. تەيۋەندىكى ھەر ساھە، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ تەكلىپ – تەۋسىيەلىرىنى ئاڭلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ پىكرى ۋە ئېھتىياجىنى چۈشىنىشنى خالايمىز. تېخىمۇ كۆپ تەيۋەنلىك قېرىنداشنىڭ ئىككى قىرغاقنىڭ كەڭ دائىرىلىك ئالاقە ئورنىتىش مۇساپىسىگە قاتنىشىپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى قوللىغۇچىلاردىن، ئۇنىڭغا ئىشتىراك قىلغۇچىلاردىن بولۇشىنى ئالقىشلايمىز. تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن بەھرىلىنىدىغان، تەيۋەنلىك ياشلارنى تالانتىنى نامايان قىلىدىغان، ئارزۇ-تىلەكلىرىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان سەھنە بىلەن تەمىنلەپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلىشنى، يېڭى ماكان ئېچىپ بېرىشنى خالايمىز. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مىللەتلەرنىڭ گۈللىنىشى، خەلقنىڭ بەختى ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. جۇڭگو ئارزۇسى دۆلەتنىڭ، مىللەتنىڭ ئارزۇسى، جۈملىدىن ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر بىر جۇڭخۇا پەرزەنتىنىڭ ئارزۇسى. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار ئەزەلدىن تەقدىرداش بولۇپ، شەرەپ-نومۇستا بىللە بولۇپ كەلگەن. ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە چارە-تەدبىر كۆرسىتىشى ۋە كۈچ قوشۇشى كېرەك. شى جىنپىڭ جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىدىكى ئەزالارنىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان چوڭ سىياسەت-فاڭجېنى ۋە تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، تەيۋەن رايونى ۋە چەت ئەللەر بىلەن كەڭ دائىرىدە ئالاقىلىشىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىلەن قويۇق ئالاقىلىشىپ، ئىككى قىرغاقتىكىلەرنىڭ بېرىش-كېلىشى ۋە ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالاقىسىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ جۇڭگو ئارزۇسىنى قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە روياپقا چىقىرىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى. 

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى