ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى كوللىكتىپ نامىدا قۇرۇلتايغا 4 تۈرلۈك نوقتىلىق تەكلىپ بېرىشنى قارار قىلدى

2015-03-08 21:18:39     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
 7-مارت 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى كوللىكتىپ نامىدا قۇرۇلتايغا 4 تۈرلۈك نوقتىلىق تەكلىپ بېرىشنى قارار قىلدى. بۇ تەكلىپلەر دۆلەتنىڭ زور پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، ھەممىدىن بەكرەك شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، ئىسلاھاتى، مۇقىملىقىغا چېتىلىدۇ. 4 تۈرلۈك تەكلىپ مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: شىنجاڭنىڭ بايلىق بېجىنى ئومۇميۈزلۈك سىناق تەرەققىسىدە ئىسلاھ قىلىش، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 20 دىن كۆپرەك ئاپەت خاراكتىرلىك دەريادا كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش بويىچە تىزگىنلەشكە مەدەت بېرىش، «ئاپتونوم رايونىمىز توكىنى سىرتقا توشۇش»، شۇنداقلا چېگرا سىرتىدىكى توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش ۋە يولغا قۇيۇش، تۇرپان ئايدىڭكۆل ئىكولوگىيىسىنى قوغداش ۋە تۈزەشنى يولغا قۇيۇش.
 «شىنجاڭنىڭ بايلىق بېجىنى ئومۇميۈزلۈك سىناق تەرەققىسىدە ئىسلاھ قىلىش» تەكلىپىدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى: ئاپتونوم رايونىمىز مەملىكەت بويىچە نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر بايلىقى زاپاس مىقدارى ئەڭ مول ئۆلكە-ئاپتونوم رايون. ئەمما بايلىق رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بايلىق ئېچىش جەھەتتە ئىگە بولغان تۇلۇقلىمىسى بىلەن كېلىپ چىققان زىيان باراۋەر بولمىغان. 2010- يىلى 6- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭنىڭ خام نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىق بېجى ئىسلاھاتىنى ئەسلىدىكى مىقدارغا ئاساسەن باھانى بېكىتىپ باج  ئېلىشتىن باھا نىسبىتىگە ئاساسەن باج ئېلىشقا ئۆزگەرتكەن بولۇپ، باج نىسبىتى %5 كە يەتكەن. شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى مۇنداق تەكلىپ بەردى: نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بايلىق بېجىنى ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھ قىلىشنى سىناق قىلىشىمىز كېرەك. كۆمۈر، تۆمۈركان رودىلىرى، شۇنداقلا مىتال ۋە غەيرىي مېتال كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقىدىن باج ئېلىش چارىسىنى ھازىرقى مىقدارغا ئاساسەن باج ئېلىشتىن باھا نىسبىتى بويىچە ھېسابلاپ باج ئېلىشقا ئۆزگەرتىش كېرەك، يەنى باج ھېسابلاش نىسبىتى %10 ئەتراپىدا بولۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، باشقا كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقىدىن باج ئېلىش ئۆلچىمىنى ئىمكانقەدەر تېز ئۆستۈرۈش كېرەك.
 «شىنجاڭدىكى 20 نەچچە ئاپەت خاراكتىرلىك دەريادا كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش بويىچە تىزگىنلەشكە مەدەت بېرىش» توغرىسىدىكى تەكلىپتە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى: ئاپتونوم رايونىمىزدا 570 تىن كۆپرەك چوڭ - كىچىك دەريا بار. قىسمەن رايونلاردا پات- پاتلا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىدۇ. ھەر يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا 30 تىن 40 غىچە دەريانىڭ كۆرسەتكۈچىدە، بەزى ئۇل مۇئەسسەسە ئەسلىھەلەرنىڭ كەلكۈن ئاپىتىنىڭ ئېغىر خەۋىپىگە ئۇچرىغانلىقى نامايەن بولىدۇ. نىسبەتەن زور دائىرىدىكى كەلكۈن ئاپىتى 5 يىلدىن 8 يىلغىچە بولغان ئەتراپتا بىر قېتىم يۈز بېرىدۇ. 2010- يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى زەرەپشان دەرياسى، خوتەن دەرياسى قاتارلىق 10 چوڭ دەريا دۆلەتنىڭ «نوقتىلىق ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسىدا كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش قۇرۇلۇشى بويىچە تىزگىنلەش دائىرىسى» گە كىرگۈزۈلدى. ئەمما، ھازىر يەنە بىر تۈركۈم دەريا ۋادىسى، يەنى كۆلىمى 3 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىردىن ئاشىدىغان نوقتىلىق ئاپەت خاراكتىرىلىك دەريالاردا كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە تېزگىنلەش مەبلەغ ياردىمى كەمچىل بولۇپ، ھېچقانداق ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرى قوللىنىلمايۋاتىدۇ. ئالايلۇق، بورتالا دەرياسى، چەرچەن دەرياسى، تىزناپ دەرياسى قاتارلىقلار. شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى مۇنداق تەكلىپ بەردى: دۆلەت شىنجاڭنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستىما قۇرۇلۇشىغا قارىتىلغان سېلىنما سالمىقىنى زورايتىپ، ئىمكانقەدەر تېز بۇ 20 نەچچە ئاپەت خاراكتىرلىك دەريانى دۆلەتنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇش تۈرىگە كىرگۈزۈش كېرەك.
    «ئاپتونوم رايوننىڭ توكىنى سىرتقا توشۇش، شۇنداقلا چېگرا سىرتىغا توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى تېزدىن ئىلگىرى سۈرۈش» كە قارىتا، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى مۇنداق تەكلىپ بەردى: دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى شەرقىي جۇڭغار ــ شەرقىي جۇڭگو قوشۇلغان بىر مىڭ 100 كېلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى تەستىقلاش خىزمىتىنى تېزلىتىشى ھەمدە «ئاپتونوم رايوننىڭ توكىنى سىرتقا توشۇش» نىڭ 3-، 4- ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يوللاشنى تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى دۆلەتنىڭ «13- بەشيىللىق» ئېلېكتر ئېنىرگىيە پىلانىغا كىرگۈزۈشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايونىمىز بىلەن پاكىستاننىڭ ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق دەلىللەش خىزمىتىنى ئىمكانقەدەر تېز قانات يايدۇرۇپ، ئېلىمىز بىلەن ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئېنېرگىيە جەھەتتىكى ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېنېرگىيە جەھەتتىكى ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى تېزلىتىش كېرەك.
 «تۇرپان ئايدىڭكۆلنىڭ ئېكولوگىيىسىنى قوغداش ۋە تۈزەشنى يولغا قۇيۇش» تەكلىپىدە شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى مۇنداق قارىدى: تۇرپان ۋىلايىتى يىپەك يولى قەدىمىي مەدەنىيىتىنىڭ موھىم مەنبە رايونى، ئۇ شۇنداقلا «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتىگىيىسىنى يولغا قۇيۇشتىكى موھىم تۈگۈن. تۇرپان تەۋەلىكىدىكى ئايدىڭكۆلنىڭ ۋادىسى گەرچە چوڭ بولمىسمۇ، ئەمما ئۇ ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرىدىكى 3 چوڭ ئىجادىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ بىرى بولغان كارىز سۇ مەنبە رايونى.
   نۆۋەتتە، مەنبەدىكى سۇ تۇلۇقلاش دەريا ۋادىسىغا كېتىدىغان سۇ مىقدارى زور، ۋادىدىكى يەر ئاستى سۈيىنى ئېچىش مىقدارى يىلدىن يىلغا ئېشىپ بېرىشنىڭ تەسىرىدە، ئايدىڭكۆل رايونىنىڭ كۆلىمى بارغانسىرى تارىيىپ، قۇرۇپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالدى. تۇپراقنىڭ شورلىشىش ۋە قۇملىشىش دەرىجىسى بارغانسىرى زورىيىپ، ئەتراپتىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى چېكىنىش ھالىتىگە بېرىپ قىلىپ، رايون ئەتراپىدىكى مۇزلۇقلارنىڭمۇ چېكىنىشى تېزلىشىپ كەتتى.
 شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى تەكلىپ بېرىپ مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئايدىڭكۆل ئېكولوگىيىسىنى قوغداش ۋە تۈزەش قۇرۇلۇشىنى دۆلەتنىڭ «13- بەشيىللىق» ئېكولوگىيە تۈزەش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، دۆلەت دەرىجىلىك سۇلۇق يەر قوغداش رايونى قۇرۇپ، مەبلەغ ياردىمى بىلەن تەمىن ئېتىپ، رايون ھالقىغان سۇ تەڭشەش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايوننىڭ سۇ ئىشلىتىش زىددىيىتىنى تۈپ جەھەتتىن ياخشىلاش كېرەك.

تەرجىمان: ئامىنە نۇرئەخمەت

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى