كىتاپ ئوقۇش كۈنى ھەققىدە
ھەر يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى «دۇنيا كىتاب ئوقۇش
كۈنى» دۇر. بۇ كۈن ئىنسانلارنى كىتاب ئوقۇپ
بىلىمدىن تەڭ بەھىرلىنىشكە چاقىردىغان، تۇرمۇشنى،
ھاياتنى تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ مەنلىك ئۆتكۈزۈشكە
چاقىردىغان خاسىيەتلىك كۈندۇر.

بۇ كۈن يەنە دۇنيادا«ئەدەبىياتقا سىمۋول قىلىنغان كۈن»
دەپمۇ تەرىپلىنىدۇ. دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنىنىڭ تولۇق
ئاتىلشى «دۇنيا كىتاب ۋە نەشىر ھوقۇقى كۈنى» بولۇپ
ئادەتتە يەنە قىسقارتىلىپ «دۇنيا كىتاب كۈنى» دەپمۇ ئاتىلدۇ.
بۇ ئاتالغۇنى ئەڭ دەسلەپ خەلقئارا نەشىرىيات سودىگەرلىرى
ئويۇشمسى ئوتتۇرىغا قويغان. 1972-يىلى بىرلەشكەن
دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن مەدەنىيەت مەھكىمىسى
پۈتۈن دۇنياغا «ئوقۇشچان جەمئىيەتكە يۈزلىنىش» چاقىرىقىنى
چىقارغان ھەم جەمئيەتتكى ھەر بىر ئادەمدىن كىتاب ۋە
كىتاب ئوقۇشنى ئۆز تۇرمۇشنىڭ زۆرۈر مەزمۇنىغا
ئايلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
كىتاپ ئوقۇش كۈنىنى خاتىرلەيمىز
كىتاپ ھەققىدە
v بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ كىتاب كۆرۈشكە ئامراق قىلىشنىڭ ئون ئەپچىل چارىسى
ئاز بولمىغان ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ كۆپلىگەن ۋاقتىنى تېلېۋىزور كۆرۈش، ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇق
ئويناشقا سەرىپ قىلىشقا رازىكى، ۋاقىت چىقىرىپ كىتاب ئوقۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئىنكاس قىلىشىدۇ
v بىتاپلىق دورىسى — كىتاب
دانالارنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، كىتاب بىتاپلىق دورىسى ئەمەسمۇ. شۇڭا، بالىلارنى بىلىم خەزىنىسى
كىتابنى ئۆمۈرلۈك دوست تۇتسۇن دېسەك، ئۇلارنى كىچىكىدىن كىتابقا ھېرىسمەن قىلىپ تەربىيەلەش ئىنتايىن زۆرۈر.
v كىتاب ھەققىدىكى ھېكمەتلەر
■ كىتاب ـــ غايەت زور كۈچ.
■ كىتاب ـــ ئىنسانلارنىڭ ئالغا بېسىشىدىكى شوتا.
■ كىتاب ـــ ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇرىنىڭ خەزىنىسى.
■ ياخشى كىتاب ـــ ئەڭ قىممەتلىك گۆھەر.
v دوستلۇق ۋە كىتاب سوۋغا قىلىش
ئەجدادلىرىمىز قەدىمكى دەۋرلەردىن باشلاپلا ئۆز ئارا سوۋغا بېرىشنى ئەنئەنىگە ئايلاندۇرغان.
سوۋغا بېرىش كىشىلىك مۇناسىۋەتتە كۆڭۈل ئىزھار قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك شەكلى بولۇپ، ئۇ كىشىلەرنىڭ
دوستلۇق رېشتىنى مۇستەھكەملەيدۇ. خەلقىمىزدىكى بۇ ئادەتنىڭ شەكلى ھەر خىل بولغان.
v كىتابنىڭ خاسىيىتى ۋە قۇدرىتى
كىتاب قەلبلەرنى يورۇتقۇچى مەشئەل، تەشنا دىللارنى قاندۇرغۇچى بۇلاق، ئىنساننى توغرا نىشانغا يېتەكلەيدىغان ماياك.
كىتاب بىلىم ئۆگىتىدىغان، ئەقىل - پاراسەتنى يېتىلدۈرىدىغان ئوقۇتقۇچى. شۇڭا كىشىلەر كىتاب بارلىققا كەلگەندىن
باشلاپ كىتابنىڭ خاسىيىتى، رولىنى تونۇپ يېتىپ، ئۇنى ئۇلۇغلاپ ھەرقانداق قىممەتلىك بايلىقتىنمۇ يۇقىرى قويدى
كىتاب ئوقۇشنىڭ قىممىتى ۋە ھېكمىتى

ئومۇمىي خەلقنى كىتاب ئوقۇشقا تەشەببۇس قىلىمىز

كىشىلەر دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنىدە كىتاب ئوقۇپ ھوزۇرلاندى
جايلاردىكى پائالىيەتلەر
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى