ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىكى خەۋپ–خەتەردىن قاتتىق ساقلىنىپ، قاتتىق باشقۇرۇپ ۋە قاتتىق كونترول قىلىپ، خەلقنىڭ يېمەكلىكلەرنى خاتىرجەم يېيىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2017-01-04 13:54:47     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 شى جىنپىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى:
يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىكى خەۋپ–خەتەردىن قاتتىق ساقلىنىپ، قاتتىق باشقۇرۇپ ۋە قاتتىق كونترول قىلىپ، خەلقنىڭ يېمەكلىكلەرنى خاتىرجەم يېيىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك\
 لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەردى
  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 – ئاينىڭ 3 – كۈنى تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خەلق ئۈچۈن ئاشلىق ھەممىدىن مۇھىم، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئېلىمىزدىكى 1 مىليارد 300 مىليون كىشىنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا، بۇ خىزمەتنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇش كېرەك. بۇ يىللاردا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى كۈچەپ چىڭ تۇتقاچقا، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، لېكىن، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر يەنىلا ناھايىتى كۆپ، پۇقرالارنىڭ يەنىلا نۇرغۇن ئارزۇسى بار، چوقۇم داۋاملىق غەيرەت قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ۋە پۇختا ئىشلەپ، خەلقنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
 شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى، شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، ئەڭ چىڭ ئۆلچەم، ئەڭ قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئەڭ كەسكىن جازا، ئەڭ ئەستايىدىل جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ بىردەكلىكى ۋە كەسپىيلىكىنى كۈچەيتىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سەۋىيەسى ۋە ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى، ئاساسىي قاتلام ئۇل خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، كەسىپلەشكەن تەكشۈرگۈچىلەر قوشۇنى قۇرۇپ، يېمەك – ئىچمەك كەسپىنىڭ سۈپەت، بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ‹‹ئېتىزدىن تاماق ئۈستىلىگىچە›› بولغان تولۇق جەريانلىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىكى خەۋپ – خەتەردىن قاتتىق ساقلىنىپ، قاتتىق باشقۇرۇپ ۋە قاتتىق كونترول قىلىپ، خەلقنىڭ يېمەكلىكلەرنى خاتىرجەم يېيىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
 ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ مۇھىم بەلگىسى. ھەر دەرىجىلىك يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتلىرى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا ئورۇنلار 2016 – يىلى زور خىزمەت ئىشلەپ، پائال ئۈنۈم ھاسىل قىلدى، يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن! يېڭى بىر يىلدا، يەنىلا مۇرەككەپ ۋە كەسكىن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتىگە يۈزلىنىمىز، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى يەنىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسىنى كۈچەپ يولغا قويۇشىمىز كېرەك. يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكى ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇش رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، مەنبەدىن كونترول قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە باشقۇرۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، قاتتىق تەدبىرلەر ئارقىلىق قالايمىقانچىلىقنى تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر قايسى ھالقا ۋە ھەر قايسى جەھەتلەردىكى مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەتتىكى ئورتاق تۈزەش بىرىكمە كۈچلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، يېمەكلىكنىڭ بۇلغىنىشىنى يەنىمۇ تىزگىنلەپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىق ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ رازىمەنلىك ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈشىمىز كېرەك.
 ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ گاۋلى 1 – ئاينىڭ 3 – كۈنى گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ 4 – ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم سۆز قىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە لى كېچياڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئۆگىنىلىپ، 2016 – يىللىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەندى، 2017 – يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلەر مۇزاكىرە قىلىندى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
 جاڭ گاۋلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتىغا ئەزا ئورۇنلار، ھەر قايسى ئالاقىدار تارماقلار 2016 – يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلدى، قانۇن – بەلگىلىمە ئۆلچەملىرىنى مۇكەممەللەشتۈردى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە قانۇن ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتتى، قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا زەربە بەردى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق ياراتتى، بۇنىڭ بىلەن، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتى ئومۇمەن بىر قەدەر مۇقىم بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا كەسكىن ۋە مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنىڭ يەنىلا تۈپتىن ھەل قىلىنمىغانلىقىنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈۋېلىشىمىز كېرەك. كەسكىن بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە ۋە خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش قۇرۇلۇشى ئورنىدا چىڭ تۇتۇپ، خەلقنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك.
 جاڭ گاۋلى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمى سىستېمىسىنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بەزى جىددىي ئېھتىياجلىق ئۆلچەملەرنى ۋاقتىدا تۈزۈپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمى بىلەن خەلقئارا ئۆلچەمنى جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەڭ چىڭ ئۆلچەم ئارقىلىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى ئۇل خاراكتېرلىك تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. مەنبەدىن قاتتىق ساقلىنىش، جەرياننى قاتتىق باشقۇرۇش، خەۋپ – خەتەرنى قاتتىق كونترول قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت جەريانىدا يوشۇرۇن ئاپەتنى تەلتۆكۈس تەكشۈرۈش، دەل جايىدا جازالاش، ئۇچۇرنى ئاشكارىلاشتىن ئىبارەت ئۇنىۋېرسال تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئەڭ قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئارقىلىق سىستېمىلىق ۋە رايون خاراكتېرلىك يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ – خەتىرى يۈز بەرمەسلىك ئاخىرقى چېكىنى ساقلاپ قېلىش كېرەك. يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىشتىكى ئەدلىيەلىك چۈشەندۈرۈشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساختىنى ئارىلاشتۇرۇش ۋە ساختىنى ياساش قىلمىشلىرىغا بىۋاسىتە جازا ھۆكۈم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەڭ كەسكىن جازالاش ئارقىلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى قەتئىي توسۇش ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىش كېرەك. يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى كەم – كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتىدىكى جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش چارىسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىپ، جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق جايلار، تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ھەقىقىي ئادا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېمەك – ئىچمەك بىخەتەرلىكىنى مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ئورنىدا چىڭ تۇتۇپ، يېمەكلىكنىڭ بۇلغىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك تىزگىنلەپ، يېمەك – ئىچمەك كەسپىدە سۈپەت ۋە بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.
 جاڭ گاۋلى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تەشكىلىي كاپالەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىرلىككە كەلگەن، نوپۇزلۇق يېمەكلىك، دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ‹‹<13 – بەش يىل>لىق دۆلەت يېمەكلىك بىخەتەرلىكى يىرىك پىلانى››نى تېزدىن بېسىپ تارقىتىپ ۋە يولغا قويۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتىگە قارىتىلغان سېلىنما سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچلىرى ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كەسىپلەشكەن يېمەكلىك تەكشۈرگۈچىلەر قوشۇنىنى تېزدىن قۇرۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتىگە قارىتىلغان تۈرلۈك كاپالەتنى كۈچەيتىش كېرەك. جايلاردىكى ھەر قايسى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، خەۋپ – خەتەر ۋە يوشۇرۇن ئاپەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، چاغان ۋە ‹‹ئىككى يىغىن›› مەزگىلىدىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
 ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتىغا ئەزا ئورۇنلار، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتى مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى