قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىن بارغان 1 مىڭ 400دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى «ئىچكىرىي ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى»دىكى كۆڭۈللۈك ئوقۇشىنى تاماملىدى

2017-01-06 16:58:01     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
  12 يىلدىن بۇيان، تيەنجىن شەھىرى ۋىيشەن يولى ئوتتۇرا مەكتىپى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋۇ جيەنشېڭنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلىشى ئاستىدا، شىنجاڭدىن بارغان 1 مىڭ 400دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى «ئىچكىرىي ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى»دىكى كۆڭۈللۈك ئوقۇشىنى تاماملىدى.
ۋۇ جيەنشېڭ ئىلگىرى ئۈرۈمچى 1- ئاۋغۇست ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ پارتكوم شۇجىسى بولغان بولۇپ، 2004- يىلى ئۇ مۇنەۋۋەر مائارىپ باشقۇرۇش خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن تيەنجىن شەھىرى خېشى رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسىغا يۆتكەلدى ھەم تيەنجىن شەھىرى ۋىيشەن يولى ئوتتۇرا مەكتىپىدە خىزمەت قىلدى. ۋۇ جيەنشېڭ تيەنجىنگە بارغان 2- يىلى ۋىيشەن يولى ئوتتۇرا مەكتىپى «ئىچكىرىي ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى» تەسىس قىلىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرىۋېلىپ، تيەنجىن شەھىرىدىكى «ئىچكىرىي ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى» تەسىس قىلغان 2- ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ قالدى. ۋۇ جيەنشېڭ مۇنداق دېدى:- شىنجاڭدا 20 نەچچە يىل ئىشلەپتىمەن، ئاساسىي باشقۇرۇش خىزمىتى بىلەن 10 نەچچە يىل شۇغۇللىنىپتىمەن. ئۆزۈم شىنجاڭدىن ئايرىلغان بولساممۇ، قەلبىم شىنجاڭدىن ئايرىلغىنى يوق.
شۇنىڭدىن باشلاپ، ۋىيشەن يولى ئوتتۇرا مەكتىپىدە شىنجاڭدىن بارغان ئوقۇغۇچىلار ئوقۇشقا باشلىدى. ۋۇ جيەنشېڭ بۇ بالىلارنى ھەر ۋاقىت ئېسىدىن چىقارمىدى. ھەر كۈنى چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا، ۋۇ جيەنشېڭ «ئىچكىرىي ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى»دىكى بالىلار بىلەن بىرلىكتە تاماق يەيتتى ھەم ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ تۇراتتى. بۇنىڭدىن باشقا، 12 يىلدىن بۇيان، ئۇ ھەر يىللىق چاغاننى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزدى. ۋۇ جيەنشېڭ مۇنداق دېدى:- چاغان يېقىنلاپ كەلگەنسېرى، بالىلار ئۆيىنى بەك سېغىنىپ كېتىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالمىساق بولمايدۇ.
ۋۇ جيەنشېڭ ھەر ۋاقىت بالىلارنى ئېسىدىن چىقارمىدى. بالىلارمۇ ئۇنى ئۇنتۇپ قالمىدى. ھېيت- بايرام كۈنلىرىدە، بالىلار مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئۇنىڭغا سالام يوللاپ تۇرىدىغان بولدى.

تەرجىمان: مىھرىئاي     ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى