قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى مەخسۇس ئىجرا قىلىش لايىھەسىنى ئېلان قىلدى

2017-01-09 13:23:58     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
يېزىلاردا ئوقۇشتىن بۇرۇنقى 3 يىللىق ھەقسىز قوش تىل مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش ــــ ئاپتونوم رايوننىڭ نۆۋەتتىكى مائارىپتا خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم بىر تۈرى بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى يېقىندا بۇ ھەقتە مەخسۇس ئىجرا قىلىش لايىھەسىنى ئېلان قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گۈلپەرى ئابدۇللا بۇ ئىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلدى. ئۇ ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلار بايلىقىنى تولۇقلاپ، يېزىلارنىڭ ئوقۇشتىن بۇرۇنقى قوش تىل مائارىپىنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە تەكلىپ بەردى.
  ئۆتكەن يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز 1 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يېزىلاردا قوش تىل يەسلىسىدىن 552 نى يېڭىدىن قۇردى. بۇ 60 ناھىيە- شەھەرنى قاپلىدى. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ قۇرۇلۇش تەخمىنەن 75 مىڭ بالىنىڭ يەسلىگە كىرىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىكەن. ھازىرغا قەدەر يېزا قوش تىل يەسلىلىرىنىڭ جىددى ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئورنى پۈتكۈل ئاپتونوم رايوننى تولۇق قاپلىغان بولۇپ، 4 ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان يېزا بالىلىرىنىڭ ھەممىسى يەسلىگە كىرىش شارائىتىگە ئېرىشتى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گۈلپەرى ئابدۇللا مۇنداق دېدى: «بۇ خىزمەتنىڭ تەرەققىياتى تېز، ئۈنۈمى ياخشى بولۇۋاتىدۇ. لېكىن ئوقۇتۇش ماتېرىيالى ۋە ئوقۇتقۇچىلار بايلىقى جەھەتتە قىيىنچىلىق بار. ئوقۇشتىن بۇرۇنقى 3 يىللىق يەسلى مائارىپىنىڭ ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى تېخى بىرلىككە كېلىپ قېلىپلاشمىدى. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدىمۇ ۋاقىتلىق ئادەم يېتىشمەسلىك مەسىلىسى مەۋجۇت».
 گۈلپەرى ئابدۇللا ئىمكانقەدەر ھەل قىلىش چارىسى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن، باشقا ئەزالار ۋە بىر قىسىم كەسپداشلىرى بىلەن بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ، يېزىلارغا بېرىپ مەخسۇس ئوقۇشتىن بۇرۇنقى قوش تىل مائارىپى ئەھۋالىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلدى. گۈلپەرى ئابدۇللا مۇنداق دېدى: «مېنىڭ تەكلىپىم: ئاپتونوم رايون تېزدىن يېزىلارنىڭ ئوقۇشتىن بۇرۇنقى 3 يىللىق ھەقسىز قوش تىل مائارىپىنىڭ ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىغا قارىتا يېتەكچى پىكىرنى ئوتتۇرىغا چىقارسا؛ ئىككىنچىدىن، ئوقۇتقۇچىلار بايلىقى زاپىسىنى جانلاندۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ پاراۋانلىق ئىش ئورنىدىن پايدىلىنىپ، ئالاھىدە ئىش ئورنىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى قوبۇل قىلىش، ھەقسىز پىداگوكىكا كەسپىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى تاللاپ قوبۇل قىلىش پىلانى ۋە ئىستۇدېنتلارنى پراكتىكا قىلدۇرۇپ، مائارىپقا ياردەم بەرگۈزۈش كۆلىمىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تۈركۈملەر بويىچە تولۇق تەقسىملىسە». 

 تەرجىمان: نازىم  

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى