قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

  2017- يىللىق ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرىنى ساياھەتچىلىك بويىچە تەربىيەلەش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەركىتى باشلاندى

2017-02-04 12:58:45     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى يېقىندا، «ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بويىچە 10 مىڭ ئادەمنى تەربىيەلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى-- 2017- يىللىق ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرىنى ساياھەتچىلىك بويىچە تەربىيەلەش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەركىتى» نى باشلىدى. بۇ پىلان 5 ئايغا يېقىن داۋاملىشىدۇ.
«نۇقتىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، مەخسۇس تەربىيەلەش، كېلىشىم بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» پىرىنسىپىغا ئاساسەن، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى 3 ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى، نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرى، يېزىلاردىكى ئېشىنچە ئەمگەكچىلەر كەسپىي تېخنىكا ماھارىتى بويىچە نۇقتىلىق تەربىيەلىنىدۇ. ساياھەت مەنزىرە رايونى، ساياھەت مىھمانسارايلىرى قاتارلىق ساياھەت كارخانىلىرىنىڭ نىشانلىق تەربىيەلىشى قانات يايدۇرۇلۇپ، ساياھەت كەسپىي مەكتەپلىرى ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارغا تايانغان ھالدا، تەربىيەلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىش ئورنى ماھارىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش پىلانى يولغا قويۇلىدۇ.
 تىزىمغا ئالدۇرغان خادىملارنى تاللاپ قوبۇل قىلىش خىزمىتى مۇشۇ ئايدا باشلىنىدۇ، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرى، كۇرسانتلار ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەسپىي جەھەتتە ئەۋزەللىككە ئىگە مەكتەپلەردە مەركەزلىك تەربىيەلەشكە قاتنىشىدۇ. 5- ئاينىڭ ئاخىرلىرى، ئىش ئورنى ئىھتىياجىغا ئاساسەن باھالىنىپ، باھالاشتا لاياقەتلىك بولغانلار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

  تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى