قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

لى پېڭشىن شىنجاڭ مالىيە ئۇنۋېرسىتېتىغا بېرىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيە- سىياسىي خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

2017-03-16 12:26:17     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش كاتىپى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن3-ئاينىڭ 13-كۈنى شىنجاڭ مالىيە ئۇنۋېرسىتېتىغا بېرىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيە- سىياسىي خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرى، بولۇپمۇ مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەر ئىدىيە- سىياسىي خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيە تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىرىشىش يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېن- سىياسەتلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
لى پېڭشىن شىنجاڭ مالىيە ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ تارىخى سارىيى ۋە پۇل مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئوقۇتۇش بىناسى ۋە ئوقۇغۇچىلار ياتات بىناسىغا كىرىپ، مەكتەپنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى، ئىتتىپاق تەشكىلاتى قۇرۇلۇشى ئەھۋالى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەم ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلەشتى.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، لى پېڭشىن شىنجاڭ مالىيە ئۇنۋېرسىتېتى پارتكومى بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئوتتۇرا قاتلام كادىرلىرى ۋە قىسمەن ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: توغرا مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشى، ماركىسىزمنىڭ ئالىي مەكتەپلەردىكى يېتەكچىلىك ئورنىدا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، «تۆتكە مۇلازىمەت قىلىش» فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ ئالىي مەكتەپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، مەكتەپنى پارتىيە باشقۇرۇش پىرىنسىپى، ئالىي مەكتەپنىڭ ئىسلاھات تەرەققىياتىنى پارتىيە باشقۇرۇش پىرىنسىپى، كادىرلارنى پارتىيە باشقۇرۇش پىرىنسىپىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئالىي مەكتەپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئالىي مەكتەپ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي يادرولۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئىتتىپاق تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش، ئىتتىپاق تەشكىلاتى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش، ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق تۈرلۈك ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرى تولۇق قاپلاش، پارتىيە خىزمىتى تولۇق قاپلاش، پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتى تولۇق قاپلاشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم.
لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىياسىي ئىدىيە خىزمىتىنى مائارىپ ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، سىياسىي ئىدىيە خىزمىتىنىڭ قانۇنىيىتىگە بويسۇنۇپ، ئالىي مەكتەپ سىياسىي ئىدىيە خىزمىتىنى ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە سىياسىي ئىدىيە خىزمەتچىلىرىدىن ئىبارەت ئىككى قوشۇننى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قوشۇن قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، سىياسىي ئۆتكەل، كەسپىي ئۆتكەلنى مەھكەم ئىگىلەپ، تەربىيەلەش يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، كۆڭۈل بۆلۈش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسىيدا قاتتىق، ساپاسى يۇقىرى، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولغان ئالىي مەكتەپ سىياسىي ئىدىيە خىزمىتى قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىشقا كۈچەش كېرەك. ئوقۇتۇش ئەخلاقى ۋە ئوقۇتۇش ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى بىلىم بېرىپ ئادەم تەربىيەلەش بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشقا يېتەكلەش؛ ئوقۇغۇچىلارغا يېقىنلىشىپ، ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئىدىيە يېتەكچىلىكى خىزمىتىنى قۇلاققا كىرىدىغان، ئەستە قالىدىغان قىلىپ ئىشلەپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئەخلاق ۋە قابىلىيەتتە تەڭ يېتىلگەن، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغان ئىختىساسلىقلاردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش لازىم.

 تەرجىمان: نازىم

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى