قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خېنەن رۇجۇ «جىنگېڭ» سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دوختۇرخانىسى خوتەندىكى «لوقمان» دوختۇرخانىسى مىڭغا يېقىن مېڭە پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىنى داۋالىدى

2017-03-16 12:18:31     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
خېنەن رۇجۇ «جىنگېڭ» سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دوختۇرخانىسى بىلەن ئارىلىقى 4 مىڭ كلومېتىردىن ئاشىدىغان خوتەندىكى «لوقمان» دوختۇرخانىسى «قوشماقلىق» مۇناسىۋىتى ئورناتقان ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، مىڭغا يېقىن مېڭە پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىنى داۋالىدى.
قاراقاش ناھىيەسىدىكى «جىنگېڭ لوقمان» سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دوختۇرخانىسىنىڭ ئۇۋۇلاش ئۆيىدە، دوختۇر مېڭە پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىنىڭ ئانىسىغا ئۇۋۇلاش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىتىۋاتاتتى.
خوتەن ۋىلايىتىدە مېڭە پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ سانى 27 مىڭدىن ئاشىدۇ. 2015- يىلى 7- ئايدىن باشلاپ، خوتەن ۋىلايىتىدىكى مېڭە پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 36 بالا ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، خېنەندىكى رۇجۇ «جىنگېڭ» دوختۇرخانىسىدا ھەقسىز داۋالاندى. بۇنىڭ ئىچىدە 10 بالا ساقىيىپ خوتەنگە قايتىپ كەلدى. قاراقاش ناھىيەسى سايباغ يېزىسى تامئېغىل كەنت ئاھالىسى غۇنچەم جېلىلنىڭ بالىسىمۇ شۇلارنىڭ بىرى ئىدى. غۇنچەم جېلىل مۇنداق دېدى: «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە، بالامنى خېنەنگە ئاپىرىپ داۋالاتتىم. سۇڭ دوختۇرخانا باشلىقى خۇددى تۇغقىنىمىزدەك داۋالاش ۋە تۇرمۇش جەھەتتە بىزگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ھەقسىز سۈت پاراشۇكى، تۇرمۇش ياردەم پۇلى بەردى. ھازىر، خوتەنگە قايتىپ كەلگەن بولساقمۇ، ئۇ بىزگە يەنىلا كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرۇۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن بەك تەسىرلەندىم».
2015- يىلى 5- ئايدا، خېنەن رۇجۇ «جېنگېڭ» سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى سۇڭ جاۋپۇ خوتەنگە كېلىپ كېسەل كۆرگەندە، يەرلىكتە مېڭە پارالىچ كېسىلىنى داۋالايدىغان بىرمۇ كەسپىي دوختۇرخانا ياكى مەخسۇس كېسەللىك ئامبۇلاتورىيەسىنىڭ يوقلۇقى، بەزى ئائىلىلەرنىڭ كېسەللىك سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ، نۇرغۇن بالىنىڭ داۋالاشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتىنى ئۆتكۈزۈۋەتكەنلىكىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ  قاراقاش ناھىيەسىدىكى «لوقمان» دوختۇرخانىسى بىلەن بىرلىشىپ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش ــــ شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ، مېڭە پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى قۇتقۇزۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ قاراقاش ناھىيەسى، خوتەن شەھىرى ۋە لوپ ناھىيەسىدە «جىنگېڭ لوقمان» سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دوختۇرخانىسى ئاچتى. خېنەن رۇجۇ «جىنگېڭ» دوختۇرخانىسىنىڭ تەربىيەلىشى بىلەن سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئالغان تىببىي خادىم 366 گە يەتتى. قاراقاش «لوقمان» دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى، شىنجاڭ «جىنگېڭ لوقمان» سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى خېۋىر خالىق مۇنداق دېدى: «سۇڭ دوختۇرخانا باشلىقى بىلەن تېخنىكا، مەبلەغ، تەربىيەلەش قاتارلىق جەھەتلەردە كەڭ دائىرىدە ھەمكارلاشتۇق».
ھازىرغا قەدەر، بۇ ئۈچ دوختۇرخانا مېڭە پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 994 بالىنى داۋالىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، 619 ئى ساقايدى، يەنە 375 بالا داۋالىنىۋاتىدۇ. ھازىر، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر بالا ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقىۋاتىدۇ. خېۋىر خالىق مۇنداق دېدى: سۇڭ دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ جىنگېڭ دوختۇرخانىسىدىكى تۆت- بەش يۈز دوختۇر- سىستېرا بىلەن دوختۇرخانىمىزدىكى تۆت- بەش يۈز دوختۇر- سىستېرا قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى. باش شۇجى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ھەر مىللەت خەلقى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. بىز بۇ يىل يەنە قەشقەر، ئاقسۇ، ئۈرۈمچى، غۇلجىدا دوختۇرخانا قۇرۇشنى پىلانلاۋاتىمىز. پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى، قوللىشى، ياخشى سىياسىتى بولمىسا، بۇ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمىغان بولاتتۇق. بىز شىنجاڭدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى چوقۇم بوشاشماي داۋاملاشتۇرىمىز.

تەرجىمان: نازىم

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى