قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى 11 كارخانا كەسپىي تېخنىكا ئىنىستىتوتىغا بېرىپ، ئىنىستىتوتتىكى «ئىككىنى پۈتتۈرگەن» ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلماقچى بولدى

2017-03-16 12:26:13     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
ئىستانسىمىز خەۋىرى:
مۇشۇ ئاينىڭ14- كۈنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى 11 كارخانا بىر مىڭ 400 دىن كۆپرەك ئىش ئورنىنى ھازىرلاپ، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كەسپىي تېخنىكا ئىنىستىتوتىغا بېرىپ، ئىنىستىتوتتىكى «ئىككىنى پۈتتۈرگەن» ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلماقچى بولدى. «ئىككىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار» كارخانىلارنىڭ ئەڭ دېققىتىنى تارتىدىغانلاردىن بولۇپ قالدى.
«ئىككىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار» دىگىنىمىز- تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇيالمىغان ئوقۇغۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ. شۇ كۈندىكى تەكلىپ قىلىش يىغىنى نەق مەيدانىدا، 20 ياشلىق مەۋلانجان مەمەت ناھايىتى تېزلا شىنجاڭ لىتەي يىپەك يولى مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى بىلەن ئادەم ئىشلىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:- مەن تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىزچىل ئۆيدە ئىدىم. بۇ يىل 2- ئايدا بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ «ئىككىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار» نى مەخسۇس تېخنىك ئىشچىلىقى بويىچە تەربىيىلەش كۇرسىغا قاتنىشىپ، ھەقسىز ئوقۇش، ياتاق- تاماقتىن بەھرىمەن بولدۇم. بۇ قېتىم يەنە كۆڭلۈمدىكىدەك خىزمەت تاپتىم. ئىش ئورنىغا چىققاندىن كېيىن ئايلىق ئىش ھەققىم 4 مىڭ يۈەن بولىدىكەن. مەن كارخانا بىلەن توختام ئىمزالىدىم، ئىش ئورنىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىپ، ئەمەلىي ھەركىتىم بىلەن ھۆكۈمەت، جەمئىيەتكە جاۋاپ قايتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.
  بۇ قېتىمقى خادىم تەكلىپ قىلىشقا قاتناشقان كارخانىلار كاتىپلىق، مەشغۇلاتچى، تېخنىك ئىشچىلىق قاتارلىق بىر مىڭ 410 ئىش ئورنىنى تەييارلىغان بولۇپ، كورلا خۇيتۇڭتەي گۈل بېسىش ۋە بۇياش پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى گو شياۋجۈن مۇنداق دېدى:- نەق مەيداندىكى ئۇچرىشىشتىن ئۇلارنىڭ ساپاسىنىڭ خېلى يۇقىرىلىقىنى ھىس قىلدىم. بولۇپمۇ خەنزۇچە سۆزلەش ئىقتىدارى ئويلىغىنىمىزدىن ياخشى ئىكەن. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئويلىغانلىرى ۋە مەسىلىلەرنى خەنزۇچە راۋان ئوتتۇرىغا قويالىدى. بۇ قېتىم بىز نۇقتىلىق ھالدا 50 خادىم تەكلىپ قىلىمىز، تۈر قۇرۇلۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، يەنە 300 خادىم تەكلىپ قىلىمىز.
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق جىفېي يېزا ئىگىلىك ئاۋىئاتسىيە پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتور ياردەمچىسى گو جيەنجېن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:- بۇلتۇر شىركىتىمىز «ئىككىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار» دىن 100 دىن كۆپرەكنى تەكلىپ قىلدى. ئۇلارنىڭ تېخنىكا ساپاسى ياخشى ئىكەن. بۇ يىل كارخانا كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، دېھقانچىلىق دورىسى چاچىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان مەشغۇلاتچىسىغا 80 خادىم تەكلىپ قىلماقچى. بۇ قېتىم  «ئىككىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار» نى جەلپ قىلىش ئۈچۈن، يەنە تۈرلۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويدۇق. ئۇلار ئىككى يىل تولۇق ئىشلىگەندىن كېيىن دېھقانچىلىق دورىسى چاچىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئۇلارغا ھەقسىز بېرىپ، ئۆيىگە قايتىپ ئىگىلىك تىكلىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىمىز. ھەر مو يەرگە شىركەتكە پەقەت 4 يۈەن تەننەرخ پۇلى تۆلىسىلا بولىدۇ. قالغاننىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىگە قالىدۇ، بۇ ئۇلارغا يارىتىلغان مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتى.
ئىگىلىنىشىچە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا يېزىلاردىكى «ئىككىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار» نىڭ ساپاسى ۋە كەسپىي ماھارىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىل بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى «ئىككىنى پۈتتۈرگەن» 4 مىڭ ئوقۇغۇچىنى ھەقسىز كەسپىي تۈر بويىچە تەربىيىلەشنى پىلانلىغان. بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن شياڭيۈ مۇنداق دېدى:- ھۆكۈمەت ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى. كارخانىلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىش تەلىپىنى قاندۇردى. «ئىككىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار» ئىشقا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن ئۇلار مۇقىملىشىپلا قالماستىن، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىمۇ نىسبەتەن مۇقىملىشىدۇ. يېقىندا بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم، ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت بۇ خىزمەتنى 8 ناھىيە، بىر شەھەردە ئومۇمىيۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئوبلاستتىكى «ئىككىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار» نىڭ ھەممىسىنى بۇ تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن بەھرىمەن قىلىشنى قارار قىلدى.
تەرجىمان: ئامىنە نۇرئەخمەت
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى