ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

زۇڭلى لى كېچياڭ جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى

2017-03-17 16:45:40     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 15-مارت تېلېگراممىسى. 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يىغىن باياناتچىسى فۇ يىڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
    ئاچقۇچلۇق سۆز: جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى
  ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى مۇخبىرى: زۇڭتۇڭ ترامپ ئىزچىل ھالدا جۇڭگوغا قارىتا بەزى تەنقىدىي سۆزلەرنى قىلدى، جۇڭگو ئامېرىكىغا تەۋە ئىش ئورنىنى تارتىۋالدى دېدى، جۇڭگونىڭ پېرېۋوت نىسبىتى سىياسىتىنى ۋە جۇڭگونىڭ رايون بىخەتەرلىكىنى قوغداش جەھەتتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى تەنقىد قىلدى. ئىگىلىشىمىزچە، ئەڭ بالدۇر بولسا كېلەر ئايدا جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى مۇمكىن ئىكەن. بىز ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودىن نېمىگە ئېرىشمەكچى ئىكەنلىكى توغرىسىدا بەلگىلىك ئۇقۇمغا ئىگە بولدۇق. ئۇنداقتا، جۇڭگو ئامېرىكىدىن نېمىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ؟ جۇڭگونىڭ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا قانداق تۆۋەن چېكى بار؟ سىزنىڭ بۇنداق جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىشەنچىڭىز بارمۇ؟ ياكى بۇنىڭدىن كېيىنكى يول بىرقەدەر قىيىن دەپ ئويلامسىز؟
  لى كېچياڭ: سوئالىڭىز ماڭا بۇلتۇر 9-ئايدا ب د ت كېڭىشىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار يىغىنىغا قاتناشقان مەزگىلدە، ئامېرىكا نيۇيورك ئىقتىساد كۇلۇبىغا بېرىپ سۆزلىگەن نۇتقىمنى ئەسلەتتى. ئەينى ۋاقىتتا، ئامېرىكىدا زۇڭتۇڭ سايلىمى كەسكىن باسقۇچقا قەدەم قويغانىدى، بەزىلەر مەندىن: يېڭى زۇڭتۇڭ سايلانسا، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولامدۇ-يوق؟ دەپ سورىغانىدى. مەن: مەيلى كىم ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلانسۇن، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى نۇرغۇن بوران-چاپقۇنلارنى باشتىن ئۆتكۈزگەن، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، مەن ئۈمىدۋار پوزىتسىيەدە، دەپ جاۋاب بەرگەنىدىم. ترامپ زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغاندىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. زۇڭتۇڭ ترامپ ۋە ئامېرىكا يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى. بۇ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسى، ھېچقانداق كۈچ تەۋرىتەلمەيدۇ. مۇشۇنداق سىياسىي ئاساس بولغان ئىكەن، جۇڭگو-ئامېرىكا ھەمكارلىقىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق بولىدۇ.
  بىز جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ئۈمىدۋار پوزىتسىيە تۇتۇۋاتىمىز، چۈنكى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقىنىغا نەچچە ئون يىل بولدى، ئىككى تەرەپ كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە. ئەلۋەتتە، ئارىمىزدا ئىختىلاپمۇ مەۋجۇت. مەسىلەن، سىز بايا تىلغا ئالغان ئىش ئورنى، پېرېۋوت نىسبىتى قاتارلىق مەسىلىلەردە بەزى قاراشلىرىمىز بىردەك ئەمەس ياكى بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە ئوخشاش بولمىغان تونۇشلار مەۋجۇت. ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئالاقىنى كۈچەيتىپ، سوغۇققانلىق بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك، ھازىر ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە تارماقلىرى ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇۋاتىدۇ. مېنىڭچە، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، يەنە رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغىمۇ مۇناسىۋەتلىك، بىز ئۇنى قوغداپ ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.
  سودا مەسىلىسىگە كەلسەك، مەن «ئىككى يىغىن» ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا، تاشقى سودا كارخانىلىرىدىن كەلگەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ماڭا جۇڭگو سودىدا ئاكتىپ بالانس ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن كارخانا ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلات پايدىسىنىڭ %90تىن كۆپرەكىنى ئامېرىكا كارخانىلىرى ئالغانلىقى، جۇڭگونىڭ ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ئالغان پايدا ئەڭ تۆۋەن بولۇپ، ئاران %2-%3 بولغانلىقىنى ئېيتتى. ئالاقىدار ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇلتۇر بىر يىلدا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ سودا، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىدىن ئامېرىكا 1 مىليوندىن ئارتۇق ئىش ئورنىغا ئېرىشكەن. ئەلۋەتتە، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىستاتىستىكا ئۇسۇلى ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن، ھېچقىسى يوق، بىز سوغۇققانلىق بىلەن سۆھبەتلەشسەك، ھامان ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلالايمىز، دەماللىققا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلالمىساقمۇ، ئىختىلاپلارنى قويۇپ تۇرۇشقا بولىدۇ. ئاقىلانە ئۇسۇل شۇكى، ئورتاق مەنپەئىتى ئۈستىدە كېڭەيتىش كېرەك، بۇنداق بولغاندا، ئىختىلاپنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى بارغانسېرى ئازىيىدۇ.
  ئىككى كۈن بۇرۇن كۆرگەن خەلقئارادىكى بىر نوپۇزلۇق ئاقىللار ئامبىرى ئېلان قىلغان ماقالە ئېسىمگە كەلدى. ئۇلار مۇنداق دەپ قارايدىكەن: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا سودا ئۇرۇشى پارتلىسا، ئالدى بىلەن چەت ئەل مەبلەغ سالغان كارخانىلار زىيانغا ئۇچرايدىكەن، بولۇپمۇ ئامېرىكا مەبلەغ سالغان كارخانىلار شۇنداق بولىدىكەن. بىز سودا ئۇرۇشى پارتلىشىنى خالىمايمىز، سودا ئۇرۇشى ھەرگىز سودا ئادىللىقى ئېلىپ كېلەلمەيدۇ، بەلكى ئىككىلا تەرەپنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. ھازىر پۈتۈن دۇنيا جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە بىرقەدەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ، جۇڭگو جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى مەيلى قانداق ئەگرى-توقايلىقلارنى باشتىن كەچۈرسۇن، يەنىلا ئالغا ئىلگىرىلىشىنى، ياخشى يۆنىلىشكە قاراپ راۋاجلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو ۋە ئامېرىكا خەلقلىرى ئۇلۇغ خەلق، بىزنىڭ ئىختىلاپلارنى تۈگىتىشكە قۇربىمىز يېتىدۇ، ئورتاق مەنپەئىتى ئۈستىدە كېڭەيتىشكە زۆرۈر شارائىت يارىتىشىمىز كېرەك.
    ئاچقۇچلۇق سۆز: ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى
  مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى: بىز بۇ بىر قانچە يىلدا جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ داۋاملىق ئاستىلاۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلدۇق، بۇ يىل يەنە ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتىكى كۆزلىمە نىشان %6.5 ئەتراپىدا قىلىپ تەڭشەلدى. بۇ، دۇنيا ئىقتىسادىغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟ ئۇنىڭدىن باشقا، بەزىلەر جۇڭگو ئىقتىسادىدا بولۇپمۇ پۇل مۇئامىلە جەھەتتە نۇرغۇن خەۋپ-خەتەر مەۋجۇت، دەپ قارايدىكەن. جۇڭگو دۇنيا ئىقتىسادى كاساتلىشىۋاتقان ئەھۋالدا دۇنيا ئىقتىسادىنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلىك رولىنى داۋاملىق ئوينىيالامدۇ-يوق؟
  لى كېچياڭ: بىز بۇ يىللىق ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى %6.5 ئەتراپىدا بولىدۇ، دەپ بېكىتتۇق، مەن چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە: جۇڭگو ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن ئېشىش سۈرئىتىنى ئاستىلاتتى، دېيىلگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. ئەمەلىيەتتە، %6.5لىك ئېشىش سۈرئىتى ئاستا ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ھالەتنى ساقلاپ قېلىش ئاسان ئىش ئەمەس. مەن ئىلگىرى جۇڭگونىڭ شاۋلىن ئىبادەتخانىسىدا چەت ئەللىك مېھمانلارغا ھەمراھ بولۇپ چامباشچى راھىبلارنىڭ ئويۇنىنى كۆرگەن، كىچىك چامباشچى راھىبلار ھېچقانچە كۈچ سەرپ قىلمايلا، بىر قېتىمدا ئون نەچچە موللاق ئاتالايدىكەن، ئەمما ئون نەچچە يىل چامباشچىلىقنى مەشىق قىلغان ياش چامباشچى راھىبلار نەچچە موللاق ئېتىپ قويسىلا ھېرىپ قالىدىكەن، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب بەدەننىڭ يوغىناپ كەتكەنلىكىدە. بۇ يىل جۇڭگو ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش نىشانىغا يەتسە، ئېشىش مىقدارى بۇلتۇرقىدىنمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى بۇ، ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدارىمىز 74 تىرىليون يۈەن خەلق پۇلىدىن ئېشىپ، 11 تىرىليون دوللارغا باراۋەر بولغان ئاساستىكى ئېشىش ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە 11 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدۇ. بىزنىڭ بۇنداق قىلىشىمىز ئىقتىسادىي قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن ھەم دىققەت-ئېتىبارىمىزنى سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشكە كۆپرەك مەركەزلەشتۈرەلەيمىز، بۇنداق بولغاندا جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى ئاز بولمايدۇ. جۇڭگو يەنىلا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىش كۈچى ئاجىز بولۇۋاتقان ئەھۋالدا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم كۈچ.
  خەۋپ-خەتەرگە كەلسەك، بۇ يىل دۇنيا ئىقتىسادى، سىياسىيسىدا ئېنىقسىز ئامىل ناھايىتى كۆپ، بۇ زور تاشقى خەۋپ-خەتەر. جۇڭگوغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تەرەققىي قىلماسلىق ئەڭ چوڭ خەۋپ-خەتەر. ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇرا يۇقىرى سۈرئەتتە مۇقىم ئېشىشىنى ساقلاش ئەسلىدىنلا دۇنيا مۇقىملىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشقانلىق ھېسابلىنىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۆزىمىزدىمۇ سىز بايا تىلغا ئالغان پۇل مۇئامىلە ساھەسىنىڭكىدەك سەل قاراشقا بولمايدىغان بەزى خەۋپ-خەتەرلەر مەۋجۇت. بىز بۇ خەۋپ-خەتەر نۇقتىسىغا يۈكسەك دىققەت قىلىپ، ۋاقتىدا بايقاپ بىر تەرەپ قىلىپ، «نىشانلىق داۋالاپ»، يامراپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىمىز. يەنە شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈشۈم زۆرۈركى، جۇڭگونىڭ پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى ئومۇمىي جەھەتتىن بىخەتەر، سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ-خەتەر يۈز بەرمەيدۇ، چۈنكى بىزنىڭ نۇرغۇن تاقابىل تۇرۇش قورالىمىز بار، نۇرغۇن سىياسەتنى تېخى يولغا قويمىدۇق. مالىيە قىزىل رەقىمى نىسبىتى %3تىن ئېشىپ كەتمىدى، سودا بانكىلىرىنىڭ كاپىتال ساقلىما نىسبىتى %13، ئاجراتما زاپىسىنىڭ قاپلاش نىسبىتى %176، بۇلارنىڭ ھەممىسى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭكىدىن، بولۇپمۇ خەلقئارادا بېكىتىلگەن ئالاقىدار ئۆلچەملەردىن يۇقىرى. شۇڭا، خەۋپ-خەتەردىن ساقلىنىش ئىقتىدارىمىز بار، دېيەلەيمىز. ئەلۋەتتە، بىز ئوتتۇرا يۇقىرى سۈرئەتتە ئالغا ئىلگىرىلەش جەريانىدا يەنە «بېزىندە»نى چىڭ باغلاپ، خەۋپ-خەتەرنىڭ «جىددىي يۈز بېرىشى»گە ھەرگىز يول قويمايمىز، رايون خاراكتېرلىك ياكى سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ-خەتەرنىڭ يۈز بېرىشىگە تېخىمۇ يول قويمايمىز.
    ئاچقۇچلۇق سۆز: دۇنياۋىلىشىش
  بىلومبېرىگ ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى: ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان ھالقىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيا سودا سىستېمىسىدىكى رولىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو دۇنيا سودىسىدا رەھبەرلىك رولى ئويناشنى خالايدىغاندەك قىلىدۇ. سىز ۋە رەئىس شى جىنپىڭ ئەركىن سودا، ئوچۇق ئىقتىساد ۋە دۇنياۋىلىشىشنى تەشەببۇس قىلدىڭلار. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگونىڭمۇ ئادىل بولمىغان سودىنى يولغا قويغانلىقى، ئۆز ئىقتىسادىنى ئېچىۋېتىش سۈرئىتىنىڭ دېگەندەك تېز بولمىغانلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە تەنقىدكە ئۇچرىغانلىقىغا دىققەت قىلدۇق. سىزدىن سوراپ باقسام، كەلگۈسى بىر يىلدا، جۇڭگو قانداق تەدبىر قوللىنىپ خەلقئارا جەمئىيەتنى جۇڭگونىڭ ئەركىن سودا ۋە ئوچۇق ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچەۋاتقانلىقىغا ئىشەندۈرەلەيدۇ؟
  لى كېچياڭ: ئالدى بىلەن، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش مۇساپىسى قىسمەن تالاش-تارتىشلارغا ئۇچرىغان ياكى قىسمەن تەرەپلەردە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان ئەھۋالدا، جۇڭگو باشتىن-ئاخىر ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى قوغداش، ئەركىن سودىنى قوللاشتىن ئىبارەت بىر خىل مەيدانىدا چىڭ تۇردى. بۇ، ماھىيەتتە جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى مەنپەئەتلەندۈردى، لېكىن بۇ جەرياندا كىرىم تەقسىماتى قاتارلىق جەھەتلەردە قىسمەن مەسىلىلەر ساقلاندى، بىراق بۇ، دۇنياۋىلىشىشتىكى مەسىلە بولماستىن، بەلكى تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىدۇر. جۇڭگو دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە دۇنياۋى تۈزەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى خالايدۇ. دۇنياۋىلىشىش بىلەن دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئايرىلماس بىر گەۋدە. ئىشىكنى چىڭ ئېتىپ، قوشنا دۆلەتلەر بىلەن ئالاقە قىلماي ئولتۇرغان بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.
  جۇڭگو دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ئوخشاش ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىدىن نەپ ئالغۇچىلارنىڭ بىرى. بۇنىڭدىكى يەنە بىر سەۋەب شۇكى، جۇڭگو ئىزچىل ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. جۇڭگو ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىشى كېرەك، لېكىن ئىشىكنى چىڭ ئېتىۋالسا، ئۆزىنىڭ ئىشىنىمۇ ياخشى قىلالمايدۇ. شۇڭا بىزنىڭ ئېچىۋېتىش دائىرىمىز بارغانسېرى كېڭىيىدۇ، لېكىن ئېچىۋېتىش تەدرىجىي ئېلىپ بېرىلىدىغان جەرياندۇر، ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلىسەك، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان قەدەممۇقەدەم ئىزچىل ئىلگىرىلەپ كېلىۋاتقانلىقىمىزنى ھېس قىلىمىز.
  بۇلتۇر، بىزنىڭ چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىشىمىز تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئىچىدە يەنىلا 1-ئورۇندا تۇرۇپ، 126 مىليارد دوللارغا يەتتى. دۇنيا بانكىسىنىڭ جۇڭگونىڭ تىجارەت، سودا مۇھىتىغا بەرگەن باھاسى بويىچە ھېسابلىغاندا، جۇڭگونىڭ بۇلتۇرقى ئورنى 2013-يىلىدىكىدىن 18 دەرىجە ئالدىغا ئۆتتى. بىز شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردۇق ھەم 11 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرگە تەدرىجىي كېڭەيتتۇق، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئومۇميۈزلۈك ماس كېلىدىغان تەجرىبىلەرنى پۈتۈن مەملىكەتتە ئومۇملاشتۇردۇق. بىز بۇ يىل «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى ئۆتكۈزۈپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش تەدبىرلىرىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويماقچى. بىز يەنە نۇرغۇن دۆلەتكە ئەركىن سودا رايونى قۇرۇش ياكى مەبلەغ سېلىش سودا كېلىشىمى تۈزۈش سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش تەكلىپى بەرمەكچى، بۇلارنىڭ ھەممىسى قوش يۆنىلىشتە ئېچىۋېتىشكە پايدىلىق تەدبىر. شۇنداق بىر نۇقتىنى كۆپچىلىككە ئېنىق بىلدۈرىمەن، ئېچىۋېتىش سالمىقى قانچە زور، ئېچىۋېتىش دەرىجىسى قانچە چوڭقۇر بولسا، سۈركىلىشمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى تەدرىجىي كىچىكلەيدۇ. بۇنىڭغا ئىشەنچىمىز بار. بىز ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكى، مەبلەغ سېلىش تۇپرىقى، دۇنيا بىلەن تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش پۇرسىتى يارىتىشىمىز كېرەك.
  دۇنياۋى سودىنىڭ ئەركىن بولۇشىنى قوغداش توغرىسىدا توختالساق، بۇ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تىرىشچانلىقىغا باغلىق، سەۋەبى شۇكى، دۇنيا مۇشۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان كىشىلەرگە مەنسۇپ، بىز كېلىشىش ھاسىل قىلغان ياكى كېلىشىشنى ئۈمىد قىلغان بەزى رايون سودا ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئوچۇق پوزىتسىيە تۇتۇپ كەلدۇق ھەم بۇنىڭدىن ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشتۇق. رايون ئەركىن سودا ئورۇنلاشتۇرمىسىدا جۇڭگوغا مۇناسىۋەتلىك بولغانلىرى، شەرت ھازىرلىغانلىرىغا ئوچۇق پوزىتسىيە تۇتۇپ، ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمىز. جۇڭگو قىلىشقا تېگىشلىك بولمىغان ئىشلارنى ھەرگىز مەجبۇرىي قىلمايمىز. سودا ئەركىنلىكىگە پايدىلىق ئىش بولىدىكەن، بىز جەزمەن قاتنىشىمىز ھەم ئۇنى ئىلگىرى سۈرىمىز، جۇڭگولۇقلار ئېچىۋېتىش يولى بىلەن دۇنياۋىلىشىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇشنى، ھەر قانداق خىرىسقا دۇچ كەلسىمۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىكنى بىلىدۇ.
    ئاچقۇچلۇق سۆز: مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش
  «خەلق گېزىتى» مۇخبىرى: تۆت يىلدىن بۇيان مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىشنى ئىزچىل چىڭ تۇتۇپ كېلىۋاتىسىز، بۇ يىل ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدىمۇ سىز بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتتىن تەلەپ قىلغان ئۈچتىن بىر قىسىم مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇندالغانلىقى ئىپادىلىنىپتۇ، ئۇنداقتا قالغان ئۈچتىن ئىككى قىسمىچۇ؟ بۇ خىزمەت داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلەمدۇ؟ ئەگەر ئىلگىرى سۈرۈلسە ئۇنداقتا سىز قانداق ئىلگىرى سۈرۈشنى ئويلاۋاتىسىز؟
  لى كېچياڭ: مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىشتە ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش يادرو، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش بىر كۈنلۈك ياكى بىردەملىك ئىش ئەمەس. بىز ھەقىقەتەن بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت دەسلەپ قۇرۇلغاندا بېكىتكەن ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىدۇق، لېكىن ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا نۇرغۇن ئىش بارلىقىنى بايقىدۇق، يەنى تەستىق ھوقۇقىدىن سىرت، ھەر خىل تۈردىكى مەمۇرىي ئىجازەتلەر، سالاھىيەت دەلىلى، ھەر خىل غەلىتە ئىسپاتلار، كارخانىلارغا ئارتىلغان ھەر خىل ھەق، ۋەھاكازالارنى بايقىدۇق. بۇلارنىڭ ھەممىسى مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىشتە داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلىدىغان مەزمۇن. بىز ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشىمىز، تېخىمۇ كۆپ زېھنىمىزنى باشقۇرۇشقا تېگىشلىك ئىشلارغا قويۇشىمىز كېرەك. ھۆكۈمەت ھەقىقەتەن باشقۇرۇشقا تېگىشلىك بولمىغان قىسمەن ئىشلارنى، ئۆزىگە تەئەللۇق بولمىغان ئىشلارنى باشقۇرۇپ، بازار سۇبيېكتىنى چەكلەپ، مەمۇرىي ئۈنۈمنى تۆۋەنلىتىۋەتتى، ھەتتا ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچ دەرىجىسىگە تەسىر يەتكۈزدى. شۇ سەۋەبتىن بىز جەزمەن ئۆز ئۈستىمىزدە ئىنقىلاب قىلىشىمىز، ئۆزىمىزگە قاتتىق قول بولۇشىمىز كېرەك. مەن ئىزچىل ئۆزىمىزنى قۇربانلىق قىلىش روھى بىلەن بۇ ئىسلاھاتنى قەتئىي بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەكلىكىنى، مەيلى قانداق مەسىلىگە دۇچ كېلىشتىن قەتئىينەزەر، قانداق چوڭ توسالغۇغا ئۇچراشتىن قەتئىينەزەر، ئۆزىمىزنىڭ يېتەرلىك تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىمىزنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىشىمىز كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ كەلدىم.
  مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش ئايرىۋېتىشكە بولمايدىغان بىر گەۋدە، شۇڭا ھۆكۈمەت تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى ئىش قىلىشقا، ئىشتىن كېيىنكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا، خەلق ئۈچۈن ئەلا مۇلازىمەت قىلىشقا قارىتىشى، بازار ئىجازىتىنى كېڭەيتىپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ئادىل رىقابەتكە چۈشۈشى ئۈچۈن مۇھىت يارىتىشى كېرەك. ساختا، ناچار مەھسۇلاتلار، كۆز بويامچىلىق ۋە ئالدامچىلىق قىلمىشلىرى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلىش، شۇنىڭدەك يېمەكلىك، دورا، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ئامما يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغان قانۇن ۋە بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ مەسىلىلەرنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. بىز «ئالاقە تورى + ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى» ئارقىلىق ئاممىنى ئاز يول ماڭدۇرۇشىمىز، ئاز ئەندىشە قىلدۇرۇشىمىز، ئىشلىرىنى يۈرۈشتۈرۈشىمىز كېرەك. تېخىمۇ كۆپ كۈچىمىزنى نامراتلارنى يۆلەش جېڭى، كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش، مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئاساسىي داۋالىنىش قاتارلىق خەلق كۆڭۈل بۆلىدىغان تەرەپلەرگە سەرپ قىلىشىمىز كېرەك.
  يىغىنچاقلىغاندا، قانۇن-بەلگىلىمىگە بويسۇنىدىغان بازار سۇبيېكتلىرىغا «ئالغا، ئالغا، يەنە ئالغا» دەيدىغان سىگنال بېرىشىمىز، ئەمگەك ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلىگەن، يېڭىلىق ياراتقانلارغا «رۇخسەت، رۇخسەت، يەنە رۇخسەت» دەيدىغان يېشىل چىراغ يېقىشىمىز، قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ قىلمىشلارغا قارىتا ۋاقتىدا سېرىق كارتا چىقىرىپ ئاگاھلاندۇرۇشىمىز، ھەتتا قىزىل كارتا چىقىرىپ بازاردىن قوغلاپ چىقىرىشىمىز كېرەك.

ئاچقۇچلۇق سۆز: چاۋشيەن يادرو مەسىلىسى
  ياپونىيە ئىقتىساد خەۋەرلىرى ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى: ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى دىلسون ئەپەندى 3-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ ياپونىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ، ئارقىدىن يەنە جۇڭگو بىلەن كورېيەدە زىيارەتتە بولىدۇ. چەت ئەل تاراتقۇلىرى بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنىڭ بىرى چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش، دەپ قاراۋاتىدۇ. ھازىر چاۋشيەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى داۋاملىق سىناق تەرىقىسىدە قويۇپ بېرىپ، يادرو قورالى پىلانىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق شەرقىي شىمالىي ئاسىيا ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋاتىدۇ. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگو قانداق تەدبىر ياكى ھەرىكەت قوللىنىپ، رايوننىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى پەسەيتىدۇ؟ جۇڭگو تەرەپ ياپونىيە قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر بىلەن قانداق ھەمكارلىشىپ چاۋشيەن يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ؟
  لى كېچياڭ: جۇڭگونىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسىدىكى مەيدانى ناھايىتى ئېنىق ھەم ئىزچىل، جۇڭگو چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش، يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش، سۆزلىشىش ۋە كېڭىشىش ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مەيدانىدا چىڭ تۇرىدۇ. ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ماقۇللىغان مۇناسىۋەتلىك قارارلارغا نىسبەتەن جۇڭگونىڭ پوزىتسىيەسى ئىزچىل ئېنىق بولۇپ كەلدى ھەم ئۇنى ئومۇميۈزلۈك، كەسكىن ئىجرا قىلدى، جۇڭگو ئەزەلدىن يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتىۋەتمەسلىك سىستېمىسىنى قەتئىي ھىمايە قىلغۇچىلاردىندۇر.
  دەرۋەقە، يېقىندىن بۇيان چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ھەتتا شەرقىي شىمالىي ئاسىيادا قىسمەن جىددىيلىك كۆرۈلدى، جىددىيلىك توقۇنۇش پەيدا قىلىشى، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنى زىيانغا ئۇچرىتىشى مۇمكىن. بىز ھەر قايسى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، جىددىي كەيپىياتنى پەسەيتىپ، كۆپچىلىكنى سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتۇرۇپ كېلىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ھېچكىم ئۆز ئىشىكى ئالدىدا جېدەل-ماجىرا بولۇشىنى خالىمايدۇ.
    ئاچقۇچلۇق سۆز: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمى
  مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى: سىز ئىشقا ئورۇنلىشىش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى، دېگەننى كۆپ تىلغا ئالىسىز. خەۋەر قىلىنىشىچە، ھەر ئايلىق ئىقتىساد كۆرسەتكۈچى چىقىرىلغاندا، ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى ئۆزگىرىشكە ئالاھىدە دىققەت قىلىدىكەنسىز. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ئېلىمىزنىڭ بۇ يىل ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغانلىقىڭىزنى كۆردۇق. زۇڭلى، بۇ يىل ئاممىۋى خاراكتېرلىك ئىشسىزلىق مەسىلىسى يۈز بېرەمدۇ-يوق؟
  لى كېچياڭ: سەللا دىققەت قىلساڭلار، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاساسلىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات كۆرسەتكۈچىدە، بىر تۈردە نىسبەتنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى بايقايسىلەر، يەنى بۇ يىل بىز شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن 11 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىمىز، بۇ، بۇلتۇرقى نىشاندىن 1 مىليون ئادەم ئارتۇق. بىز ئىقتىسادنىڭ %6.5 ئەتراپىدا ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلاشقا موھتاج، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇشتىكى مەقسەت، يەنىلا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش. چۈنكى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىزگە ئوخشاش 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسى بار چوڭ دۆلەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى ھېسابلىنىدۇ. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئاساسى، بايلىقنى ئاشۇرۇشنىڭ مەنبەسى، شۇنداقلا ئاھالىلەرنىڭ ئاساسلىق كىرىم يولى. بىز مۇشۇ بىر نەچچە يىلدا، ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئىزچىل يولغا قويۇپ، ئۇدا تۆت يىل شەھەر-بازارلاردا 13 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق، بۇ يىل ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى تېخىمۇ تەكىتلەپ، بىر قەدەر يېتەرلىك ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىشسىزلىق نىسبىتىنى بىر قەدەر تۆۋەن سەۋىيەدە كونترول قىلىمىز.
  بۇ بىر نەچچە يىلدا يېڭى ئەمگەك كۈچلىرى ئۈزلۈكسىز يېتىلگەن بېسىق مەزگىلدە تۇردۇق، بۇ يىلقى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمى يەنىلا بىر قەدەر ئېغىر، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارلا 7 مىليون 950 مىڭ بولۇپ، تارىختىكى يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى، يەنە 5 مىليون ئەتراپىدا ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەر بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى تۈپەيلىدىن ئىش ئورنىدىن قالغان نەچچە 100 مىڭ ئىشچىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. بىز ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا پايدىلىق مۇھىت يارىتىشىمىز، ھۆكۈمەتنىڭ «تۆمۈر تاۋىقى»غا تايىنىۋالماي، ئاممىنىڭ ئۆز ئەمگىكى ۋە ئەقىل-پاراسىتى ئارقىلىق «ئالتۇن تاۋاق» يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. بۇ بىر نەچچە يىلدا بىز ئىش ئورنى يارىتىش ئارقىلىق نۇرغۇن ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق. بۇ يەردە مەن چەت ئەللىك مۇخبىر دوستلارنىڭ جۇڭگونىڭ ئىش ئورنىنى ئۆزىگە تايىنىپ ھەل قىلغانلىقىنى كۆپرەك خەۋەر قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
  بىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە تامامەن كۈچىمىز يېتىدۇ، كەڭ كۆلەملىك ئاممىۋى خاراكتېرلىك ئىشسىزلىق يۈز بەرمەيدۇ ھەم ئۇنىڭغا يول قويمايمىز، ھۆكۈمىتىمىز بىر مەزگىل ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان، تىرىكچىلىك يولىنى تاپالمىغان ئاممىغا مەسئۇل بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.
    ئاچقۇچلۇق سۆز: ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش نەتىجىلىرى
  سىنگاپور «بىرلەشمە سەھەر گېزىتى» مۇخبىرى: بۇ يىل بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى توشىدىغان يىل. سىزنىڭچە ئۆتكەن تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئەڭ مۇھىم مۇۋەپپەقىيەت قايسى؟ ئەڭ قىيىن ئۆتكەل قايسى؟
  لى كېچياڭ: سىز سورىغان سوئال قىسقا بولسىمۇ، سالمىقى بىر قەدەر ئېغىر. ئەگەر تۆت يىلدىن بۇيانقى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئاساسلىق نەتىجىنى تىلغا ئالساق، ئۇ دەل يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن-تۆۋەنگىچە ھەممەيلەننىڭ ئورتاق تىرىشقانلىقى، ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش ئۇسۇلىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىلغانلىقى، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئايلىنىشىنىڭ مۇۋاپىق نىسبەتنى ساقلاپ، ئىقتىسادنىڭ باشتىن-ئاخىر ئوتتۇرا يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشى بولدى، تۆت يىلدىن بۇيان، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىكى داۋالغۇش 1 پىرسەنت پوئېنت ئەتراپىدا بولۇپ، مۇقىم دېيىشكە بولىدۇ. يەنە كېلىپ بۇ «باستۇرۇپ سۇغىرىش»تەك كۈچلۈك غىدىقلاش ئارقىلىق ئېرىشكەن نەتىجە ئەمەس، بەلكى كەسىپلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىستېمال سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى سەرخىللاشتۇرۇش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى ئىلگىرىلەش، ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېڭىلاش ئارقىلىق ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈشتە قولغا كەلتۈرۈلگەن ياخشى ۋەزىيەت، تېخىمۇ مۇھىمى، 50 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدۇق.
  بۇ بىر نەچچە يىلدا، جۇڭگو ئىقتىسادى «مەجبۇرىي ئىزغا چۈشۈرۈلىدۇ» دېگەن گەپ-سۆزلەر ئۈزۈلمىدى. بۇلتۇر دۇنيا ئىقتىسادى ۋە سودىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى يەتتە يىلدىن بۇيان ئەڭ تۆۋەن بولغان ئەھۋالدا، جۇڭگو يەنىلا ئوتتۇرا يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش ھالىتىنى ساقلىدى. بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئەمەلىيەت جۇڭگو ئىقتىسادى «مەجبۇرىي ئىزغا چۈشۈرۈلىدۇ» دېگەپ گەپنى توختىتىش كېرەكلىكىنى ئىسپاتلىدى. جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى «مەجبۇرىي ئىزغا چۈشۈرۈلمەيدۇ»، شۇنداقلا ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇرا يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشىنى ئۇزاققىچە ساقلايمىز ھەم ئوتتۇرا يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ ئاتلىنىمىز.
  ئەلۋەتتە، بىزنىڭ مەسىلە ۋە خىرىستىن مۇستەسنا بولغىنىمىز يوق، شۇڭا ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. ئەڭ تەس ئۆتكەل يەنىلا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن: مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەت ئىسلاھاتىنى ئەلالاشتۇرۇش، بۇلار مەنپەئەتكىلا ئەمەس، روھىي دۇنياغىمۇ چېتىلىدىغان ئىش. ھوقۇقنى خالىغانچە يۈرگۈزمەسلىك، زۆرۈر بولمىغان بەزى ھوقۇقلارنى ئېلىپ تاشلاش، تارماقلارنىڭ مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ئىشلاردا «ئىجارىكەشلىك بوشلۇقى»نى قىسىش كېرەك. بۇ بىر ئاددىي جەريان ئەمەس، مەركىزىي ھۆكۈمەتتىن تارتىپ يەرلىك، ئاساسىي قاتلامغىچە ھەممىسى مۇشۇنداق قىلىشى، «ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»غىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.
  مەن بەزى جايلارغا بېرىپ كۆرۈپ باقتىم، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىشتە بىر قېتىمدا 109 تامغا ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، بىرلا تامغا ئىشلىتىش تەدبىرى قوللىنىلىپتۇ. جۇڭگو ئىنتايىن چوڭ، بۇنىڭغا ئوخشاش تامغا كۆپ بولۇش ئەھۋالىنىڭ قايسى جايلاردا يەنە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن. ئېسىڭلاردا بولۇشى مۇمكىن، ئىلگىرىكى بىر نەچچە قېتىملىق «ئىككى يىغىن»دا بەزىلەر بىر تۈرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىتىش ئۈچۈن «10 مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەرنى بېسىپ ئۆتكەنلىك ئىسخېمىسى»نى كۆرسەتكەنىدى، ئېيتىشلارغا قارىغاندا ھازىر « 100 چاقىرىم»غا قىسقىراپتۇ، 100 چاقىرىممۇ قىسقا ئەمەس، يەنە داۋاملىق قىسقارتىش كېرەك. مەن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتتۈم، مەيلى قانداق قارشىلىق بولسۇن، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قۇدرىتىمىز يېتىدۇ. ئىسلاھات ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ، خەلقنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغايدۇ، ئاممىنى نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ. ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە كىچىك پايدىدىن كېچىپ، ئومۇمىيەتنى كۆزلەپ، ئەلرايىغا بېقىش كېرەك.
    ئاچقۇچلۇق سۆز: ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش
  «شېنجېن ئالاھىدە رايونى گېزىتى» مۇخبىرى: سىز بۇلتۇر 10-ئايدا شېنجېنغا بېرىپ، «مەملىكەتلىك ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ھەپتىلىكى»نىڭ ئاساسىي يىغىن مەيدانىدىكى پائالىيەتكە قاتناشقان. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بىر ھەپتىدە 500 مىڭ كىشى بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشقان بولۇپ، كەيپىيات يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن. ئۆتكەن بىر يىلدا ئاۋامنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى، يېڭىلىق يارىتىشى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، ھازىر ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش ناھايىتى تېز بولۇۋاتىدۇ، ئەمما بەزىلەرنىڭ بۇنىڭغا باشقىچە قارىشى بار ئىكەن. زۇڭلى، سىزنىڭچە ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش قىزغىنلىقى يەنە داۋاملىشامدۇ؟
  لى كېچياڭ: «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش» ۋەزىيەت ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلگەن، دۇنياۋىلىشىش، «ئالاقە تورى +» دەۋرىدە بىز «مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش» ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاۋامنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى، يېڭىلىق يارىتىشىغا تۈرتكە بولدۇق. بۇ ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 40 مىڭدىن ئارتۇق بازار سۇبيېكتى تىزىمغا ئالدۇردى، بۇ، يىلىغا 10 مىليوندىن ئارتۇق بازار سۇبيېكتىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. مەن بەزى چەت ئەل رەھبەرلىرى بىلەن بۇ ئىش توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەندە، ئۇلار ئىنتايىن ھەيران قالدى، چۈنكى بۇ، ئۇلارنىڭ دۆلەتلىرىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ئومۇمىي سانىغا تەڭ ئىكەن. ئەمەلىيەتتە «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش» ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ئىشى بولۇپلا قالماستىن، چوڭ كارخانىلارنىڭمۇ ئىشى، ھازىر نۇرغۇن چوڭ كارخانىلارمۇ «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش»نى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ، توردا ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش بوشلۇقىنى كۆپلەپ يارىتىپ ھەم شارائىت ھازىرلاپ، ئۇنى زاكاز كەينىدىكى بازار ئېھتىياجى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ماسلاشتۇرۇش كېرەك. «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش» بىلەن 1 -، 2 -، 3-كەسىپ ۋە چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى قاپلاش زور ھاياتىي كۈچكە ئىگە.
  «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش» كەڭ كۆلەمدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئۇمۇ بىر مەيدان ئىسلاھات ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ «ئادەم»دىن ئىبارەت بۇ ئىشلەپچىقىرىش كۈچىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىلنى تۇتقان بولۇپ، ئادەمنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە ھاياتىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلىپ، كۆپچىلىكنى تەقدىرىنى ئۆزگەرتىپ، تېز تەرەققىي قىلىشتەك باراۋەر پۇرسەتكە ئىگە قىلىدۇ. ئۇ يەنە ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق ياراتتى، يېڭى كەسىپ ھالىتى، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان ئىقتىساد، «ئالاقە تورى +» قاتارلىقلار كەينى-كەينىدىن بارلىققا كەلدى، دېيىشكە بولىدۇ. بۇ يېڭى كەسىپنىڭ بەزىلىرى كونا كەسىپنىڭ ئورنىنى ئېلىش جەريانىدا پەيدا بولغان، كونىسىنى يېڭىسىغا قوشۇپ ۋۇجۇدقا كەلگەن، بەزىلىرى «قېرى دەرەختىن يېڭى نوتا چىقارغان»، ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا ئۇ بازار ئېھتىياجىغا، ئىستېمالچىلارنىڭ خاسلىقىغا، كۆپ خىللاشقان تەلەپلىرىگە ئۇيغۇنلاشقان.
  ئۇنىڭدىن باشقا، يېڭى كەسىپنىڭ راۋاجلىنىشى ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولدى. دەرۋەقە، بۇ يېڭى كەسىپ ھالەتلىرى ئىلگىرى يوق ئىدى، شۇڭا تالاش-تارتىشنىڭ بولۇشى نورمال ئەھۋال، بىز يەنىلا ئوچۇق پوزىتسىيە ۋە سىغدۇرۇشچان ئاڭ بىلەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىمىز، ئۇلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.
  مەن ئىزچىل مۇنداق ئويلايمەن ۋە شۇنداق دەپ قارايمەن، جۇڭگودا ئالىي مەكتەپ تەربىيەسى ۋە يۇقىرى ماھارەتكە ئىگە ئىختىساسلىقلاردىن 170 مىليونى بار، بۇنىڭغا 800 مىليونغا يېقىن ئەمگەك كۈچىنى قوشقاندا يارىتىلىدىغان بايلىقنى، ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيەنى ھېسابلاپ بولغىلى بولمايدۇ، ئۇ بازارغا، جۈملىدىن دۇنيا بازىرىغا غايەت زور پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. جۇڭگو خەلقى ئەمگەكچان، ئەقىل-پاراسەتلىك بولۇپ، ئۇلارنى گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، دېيىشكە بولىدۇ، ھۆكۈمەت مۇھىت يارىتىپ، ئاممىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش قىزغىنلىقىنى ئۇزاققىچە ساقلىشى كېرەك. ئەلۋەتتە «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش» نۇرغۇن يېڭى شەيئىلەرگە ئوخشايدۇ، بەزى كارخانىلار تەرەققىيات جەريانىدا مەلۇم جەھەتلەردىن ئەگرى-توقايلىققا ئۇچرايدۇ، لېكىن چوڭ يۆنىلىش توغرا.
    ئاچقۇچلۇق سۆز: شياڭگاڭ مۇستەقىللىقىنىڭ چىقىش يولى يوق
  سۇمۇرغ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسىنىڭ مۇخبىرى: بۇ يىلقى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا سىز تۇنجى قېتىم «شياڭگاڭ مۇستەقىللىقى» مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ، «شياڭگاڭ مۇستەقىللىقىنىڭ چىقىش يولى يوق» دەپ كۆرسەتتىڭىز، بۇ، سىياسەت جەھەتتە بىرەر ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟ مەسىلەن: «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ پىرىنسىپ مەسىلىسىدە «بىر دۆلەت» تەكىتلىنىپ، «ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئاجىزلاشتۇرۇلامدۇ؟ ياكى بۇنىڭدىن كېيىن مەركەزنىڭ شياڭگاڭنى قوللىشى ئازلاپ كېتەمدۇ؟
  لى كېچياڭ: «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىش ۋە ئىجرا قىلىش كېرەك، مەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»تا تەۋرەنمەيمىز، چەتنىمەيمىز، ئۇنى ئۆزگەرتمەيمىز، دېدىم.
  شياڭگاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشقا كەلسەك، مەركىزىي ھۆكۈمەت سالماقنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، شياڭگاڭنىڭ تەرەققىياتىغا، شياڭگاڭ بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ھەمكارلىقىغا پايدىلىق تەدبىرلەرنى داۋاملىق يولغا قويىدۇ. مەسىلەن: بۇلتۇر «شېنجېن-شياڭگاڭ پايچېكى ئالاقىسى»نى ئوتتۇرىغا قويدۇق. بىز زايوم بازىرىنى ئېچىۋېتىش ئۈستىدە يەنىمۇ ئىزدىنىمىز، بۇ، دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى، شياڭگاڭدىمۇ سۇپا بار. بىز بۇ يىل شياڭگاڭ بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردە «زايوم ئالاقىسى»نى يولغا قويۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمىز، بۇ، چەت ئەل مەبلىغىنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇپ ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ زايومىنى سېتىۋېلىشىغا يول قويۇلىدۇ، دېگەنلىك، بۇ تۇنجى قېتىملىقى. شياڭگاڭ بۇنىڭدىن ئەڭ بالدۇر پايدىلىنالايدۇ. بۇ، شياڭگاڭنىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزىلىك ئورنىنى قوغداشقا، شياڭگاڭ ئاھالىلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىش يوللىرى ئارقىلىق نەپ ئېلىشىغا، شياڭگاڭنىڭ ئۇزاق مۇددەتكىچە گۈللىنىشى، مۇقىم بولۇشىغا پايدىلىق.

 

ئاچقۇچلۇق سۆز: جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتى
  رۇسىيە ئاگېنتلىقى − ت ئا س س ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى: جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىگە قانداق باھا بېرىسىز؟ دۇنيا ئىقتىسادى تۇراقسىز بولۇۋاتقان، بايلىق؟ باھاسى داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان شارائىتتا ئىككى دۆلەت ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىدە تەرەققىياتلارغا ئېرىشەلەمدۇ؟
  لى كېچياڭ: جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىگە كەلسەك، ئىككى دۆلەت يېقىن قوشنا، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان. جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشى بۇ رايونغا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، دۇنياغىمۇ پايدىلىق. بۇلتۇر ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى كۆپ قېتىم كۆرۈشۈپ، نۇرغۇن جەھەتتە مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. جۇڭگو-رۇسىيە زۇڭلىلىرىنىڭ قەرەللىك ئۇچرىشىشى كۆپ يىلدىن بۇيان ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ، جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
  ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىگە كەلسەك، بۇ بىرقانچە يىلدا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى ئاستا بولغاچقا، سودىنىڭ ئېشىشىمۇ ئاستا بولدى، جۇڭگو-رۇسىيە ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدىن بىر قىسىم تەسىرگە ئۇچرىدى. ئېسىمدە قېلىشىچە، بۇلتۇر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا جۇڭگو-رۇسىيە ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىدە بۇ يىل بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىمنى ئېيتقانىدىم، ھازىر بۇ ئۈمىدىم ئىشقا ئاشتى، ئەلۋەتتە بۇ بىزنىڭ ئورتاق تىرىشقانلىقىمىزنىڭ نەتىجىسى. بولۇپمۇ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدا جۇڭگو-رۇسىيە سودا سوممىسى زور دەرىجىدە ئاشتى. بۇ، جۇڭگو-رۇسىيە ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىدا زور يوشۇرۇن كۈچ بارلىقىنى، بىر-بىرىنى زور دەرىجىدە تولۇقلايدىغانلىقىنى، ئىككى تەرەپ بېكىتكەن ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
    ئاچقۇچلۇق سۆز: پېرېۋوت نىسبىتى
  «مالىيە يېڭى خەۋەرلىرى» ژۇرنىلى مۇخبىرى: ھازىر خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى بەلگىلىك تۆۋەنلەش بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، لېكىن پېرېۋوت نىسبىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا ياكى تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنى چىقىم قىلىشقا، ياكى تاشقى پېرېۋوتنى باشقۇرۇپ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. سىز پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىگە، تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ ئازىيىشىغا ياكى تاشقى پېرېۋوتنى باشقۇرۇپ تىزگىنلەشنىڭ بەدىلىگە قانداق قارايسىز؟ بۇ زىيانلىق ئەھۋاللاردىن سىز قايسىسىنى تاللايسىز؟
  لى كېچياڭ: ئاۋۋال پېرېۋوت نىسبىتى توغرىسىدا توختىلايلى. بۇلتۇر خەلقئارا پۇل بازىرىنىڭ داۋالغۇشى، بولۇپمۇ دوللارنىڭ قىممىتىنىڭ ئۆسۈشى بىلەن نۇرغۇن پۇللارنىڭ، بولۇپمۇ ئاساسلىق خەلقئارالىق پۇللارنىڭ دوللارغا ئايرىۋاشلاش نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما خەلق پۇلى كۇرسىنىڭ تۆۋەنلىشى كىچىكرەك بولدى. بىز پۇلنىڭ كۇرسىنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق ئېكسپورتنى ئاشۇرۇشنى خالىمايمىز. بۇ، كارخانىلارنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە پايدىسىز. بىز سودا ئۇرۇشى قىلىشنىمۇ خالىمايمىز. بۇ، خەلقئارا سودا ۋە پۇل سىستېمىسىنىڭ مۇقىملىقىغا پايدىسىز. بىز خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازار ئارقىلىق ئېھتىياجنى تەمىنلەشنى ئاساس قىلغان، باشقۇرۇلىدىغان تۇراقسىز پېرېۋوت نىسبىتى تۈزۈمىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرىمىز. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ ئىلاستىكىلىقى ئاشقان ئەھۋالدا، بىز خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇۋاپىق، تەڭپۇڭلۇق سەۋىيەسىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلىدۇق. ئەلۋەتتە، بۇمۇ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىي يۈزلىنىشىنىڭ ياخشى بولغانلىقىدىن بولدى. خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشى خەلقئارا پۇل سىستېمىسىنىڭ مۇقىملىقىغا قوشقان مۇھىم تۆھپە ھېسابلىنىدۇ.
  تاشقى پېرېۋوت زاپىسىغا كەلسەك، جۇڭگو دۇنيا بويىچە تاشقى پېرېۋوت زاپىسى ئەڭ كۆپ دۆلەت. مۇۋاپىق بولغان تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ كۆلىمى زادى قانچىلىك بولىدۇ؟ بۇنىڭغا يەنە ئەمەلىيەت جەريانىدا ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ. قىسقىسى، بىزنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسىمىز مول، ئىمپورت قىلىش چىقىمىغا ۋە قىسقا مۇددەتلىك قەرزنى قايتۇرۇش ئېھتىياجىمىزنى قاندۇرۇشقا يېتىدۇ، خەلقئارا ئۆلچەمدىن خېلىلا يۇقىرى.
  تاشقى پېرېۋوتنى ئىشلىتىشنى ھەقىقىي، لاياقەتلىك تەكشۈرۈشىمىزگە كەلسەك، بۇ، قانۇن-نىزاملاردا ئاللىقاچان بېكىتىلگەن. مەن بۇ يەردە شۇنى ئېنىق دەپ قويايكى، كارخانىلارنىڭ پېرېۋوتتىن نورمال پايدىلىنىشى، پۇقرالارنىڭ چەت ئەلگە ئوقۇشقا ۋە ساياھەتكە چىقىشى قاتارلىقلاردا پېرېۋوتتىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارا پۇل سىستېمىسىدا سالمىقى بار، پېرېۋوت نىسبىتى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولىدۇ.
    ئاچقۇچلۇق سۆز: تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات
  رېيتېر ئاگېنتلىقى مۇخبىرى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ يىل ئۈنۈمسىز تەمىنلەشنى يەنىمۇ ئازايتىپ، ئۈنۈملۈك تەمىنلەشنى كېڭەيتىشكە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. ھۆكۈمەت بۇ جەرياندا ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشچىلارنىڭ يېڭى خىزمەت تېپىشىغا ھەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئەگەر، مەن بىر كان ئىشچىسى ياكى پولات-تۆمۈر ئىشچىسى بولسام، ئۆزۈم تۇرۇشلۇق ئۆلكىدە قانداق يېڭى خىزمەت تاپالايمەن؟ بۇ يىل قايسى تارماقلار ئىش ئورنىنى كۆپەيتىشى مۇمكىن؟
  لى كېچياڭ: سىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى بەكلا ئادىمىيلەشتۈرۈۋەتتىڭىز، ئىندىۋىدۇئاللاشتۇرۇۋەتتىڭىز. پولات-تۆمۈر ۋە كۆمۈر كەسپىدىكى ئارتۇق ۋە ئارقىدا قالغان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ھەل قىلىش بۇلتۇر تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىزدىكى بىر مۇھىم ۋەزىپە قىلىندى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدار ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش جەريانىدا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى قانداق قىلىپ ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش دەل بىز ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە. شۇڭا، مەركەز مالىيەسى خادىملارنىڭ ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا 100 مىليارد يۈەن مەخسۇس مەبلەغ ئاجراتتى ھەم يەرلىك ھۆكۈمەتلەردىن بۇنىڭغا ياندىشىپ ئاۋاز قوشۇشنى تەلەپ قىلدى. بۇلتۇر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش جەريانىدا 720 مىڭدىن كۆپرەك ئىشچى-خىزمەتچى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئەلۋەتتە، بەزى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆزى ئىشلىگەن كارخانىغا بىر قەدەر چوڭقۇر مېھرى بولغاچقا، كارخانىدا ئۇزاقراق تۇرۇپ قېلىشنى ئويلايدۇ، شۇڭا بىر قىسىم ئىشچى-خىزمەتچىلەر مۇشۇنىڭغا ئوخشاش خىلمۇ خىل ئامىللار تۈپەيلىدىن يېڭى ئىش ئورنىغا بارمىدى، لېكىن، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.
  بۇ يىل ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش يەنە كۆمۈر ئېلېكتىر ساھەسىگە كېڭەيتىلىدۇ، بۇلتۇر ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان بەزى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى قوشقاندا، جەمئىي 1 مىليونغا يېقىن كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. بىزنىڭ ئۇسۇلىمىز يەنىلا يېڭى ئىش ئورنى يارىتىش، چۈنكى بىز يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىمىز. بايا مەن «ئاۋامنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى، يېڭىلىق يارىتىشى»نىڭ نۇرغۇن يېڭى ئىش ئورنىنىڭ يارىتىلىشىغا تۈرتكە بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتۈم، ئەمەلىيەتتە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئىمكانىيەت يارىتىدىغان نۇرغۇن ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيە كەسىپلىرى يۆتكەلدى، كونا-يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئالماشتۇرۇش ئەنئەنىۋى كەسىپلەرگە يېڭى ھاياتىي كۈچ ۋە پۇرسەت يارىتىپ، يېڭى ئىش ئورۇنلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە تۈرتكە بولدى. ئەلۋەتتە، بىز بىپەرۋالىق قىلمىدۇق، بىز يەنە مەخسۇس فوندتىن داۋاملىق ياخشى پايدىلىنىمىز ھەم يەرلىك ھۆكۈمەتلەردىن بۇنىڭغا ياندىشىپ ياخشى ئاۋاز قوشۇشنى تەلەپ قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كارخانىلارمۇ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ.
  ئەگەر سىز كان ئىشچىسى بولسىڭىز، سىز ئىشلەۋاتقان كان شاللىنىپ كەتكەن ياكى ئىشلەپچىقىرىشنى ۋاقىتلىق توختاتقان بولسا، سىز ناھايىتى ياخشى ۋە جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولسىڭىز، سىزنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەلىك كارخانىلىرىغا بېرىشىڭىزنى ياكى كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىدە ۋۇجۇدقا كەلگەن يېڭى كەسىپلەرگە بېرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، جۇڭگودىكى نۇرغۇن كارخانىنىڭ كارخانا مەدەنىيىتى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ پېشقەدەم ئىشچى-خىزمەتچىلىرىگە مېھرى بار، يېڭى ئىش ئورنىغا ئورۇنلاشسىڭىز، كارخانا يەنىلا بەزى تولۇقلىمىلارنى بېرىپ ئۇزىتىپ قويىدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش-بىزنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى ھەل قىلىش ۋە شاللاشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىزدىكى ئەڭ ئاچقۇچلۇق مەسىلە.
    ئاچقۇچلۇق سۆز: ئۆي مۈلۈك ھوقۇقى
  «پېڭپەي ئاخباراتى» مۇخبىرى: بۇ يىلقى مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»نىڭ ئالدىدا، جۇڭگو ھۆكۈمەت تورى 27 تور تاراتقۇسى بىلەن بىرلىكتە «زۇڭلىغا دەيدىغان سۆزۈم بار» تېمىسىدا تەۋسىيە توپلاش پائالىيىتى قانات يايدۇرغان، «پېڭپەي» ئاخبارات تورى بىلەن «بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر» تورى بۇنىڭ ئىچىدىكى خەلق تۇرمۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا توردا ئاۋاز توپلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن. ھازىرغا قەدەر، 21 مىليون 310 مىڭ تورداش «ئۆي مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ 70 يىللىق قەرەلى توشقاندىن كېيىن قانداق قىلىمىز؟» دېگەن تېمىغا ئاۋاز بەردى، بۇ، ئاۋاز بېرىلىش سانى جەھەتتە 1-ئورۇندا تۇرىدۇ. زۇڭلىدىن سوراپ باقسام، دۆلەت بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا قانداق تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ؟
  لى كېچياڭ: جۇڭگودا «مەڭگۈلۈك مۈلۈككە ئېرىشمەكچى بولغان كىشىدە قەتئىي ئىرادە بولىدۇ» دېگەن گەپ بار. تورداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاممىنىڭ تۇرالغۇ يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ 70 يىللىق قەرەلى توشۇش ۋە قەرەلنى ئۇزارتىش مەسىلىسىگە ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈشىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. گوۋۇيۈەن مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن جاۋاب قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى، يەنى قەرەلنى ئۇزارتىشقا بولىدۇ، ئىلتىماس سۇنۇش ھاجەتسىز، ئالدىنقى شەرت يوق، سودىلىشىشقىمۇ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ئەلۋەتتە، بەزىلەر سىلەر شۇنداق دەيسىلەر، بۇنىڭ قانۇنىي كاپالىتى بارمۇ؟ دېيىشى مۇمكىن. مەن بۇ جايدا شۇنى تەكىتلەيمەنكى، گوۋۇيۈەن مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى كۆچمەس مۈلۈكنى قوغداش توغرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنى تېزدىن تەتقىق قىلىپ، تەكلىپ لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا بۇيرۇدى.
    ئاچقۇچلۇق سۆز: ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى تىنچلىقى
  تايلاند «دىرېكتورلار گېزىتى» مۇخبىرى: ئوباما زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنى قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇش» ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ترامپ ھۆكۈمىتى ھازىر ئاسىياغا قارىتىلغان دىپلوماتىيە سىياسىتىنى تۈزمەكتە، تايلاند ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەر مەزكۇر رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاشنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئۇلار جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ بۇ رايوندا توقۇنۇشۇپ قېلىشىنى، شۇنداقلا ھەر قانداق بىر تەرەپتە تۇرۇشىنى خالىمايدۇ. جۇڭگونىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا ئوينايدىغان رولىغا قانداق قارايسىز؟ جۇڭگو بۇ رايوندا ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان غايىۋى تەرتىپ ۋە قائىدە قانداق؟ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا قانداق قىلىپ بۇ رايوندا داۋاملىق تىنچلىقتا بىللە تۇرىدۇ؟
  لى كېچياڭ: ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى مۇشۇ رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق ماكانى، بىز سوغۇق ئۇرۇش تەپەككۇرىدىكى «بىر تەرەپكە يان بېسىش» ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلۈشىنى ئۈمىد قىلمايمىز ھەم خالىمايمىز، قانداقلا ئىش بولسا ھەق-ناھەق بويىچە ئۇدۇل سۆزلەش كېرەك، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، يەنىلا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك. ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا، بىز شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى باشتىن-ئاخىر جۇڭگو ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدىكى ئالدىن ئويلىشىدىغان يۆنىلىش قىلىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، رايون ھەمكارلىقىدا مەركىزىي ئورۇنلۇق رولىمىزنى جارى قىلدۇردۇق. بىز ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ مۇقىم ۋە تەرتىپلىك رايون، بىردەك كېڭىشىش ئارقىلىق پىرىنسىپ ھاسىل قىلىدىغان رايون، ئىختىلاپنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىغا ئىگە رايون، تالاش-تارتىشنى پاراسەت ئارقىلىق ھەل قىلىدىغان رايون بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
  جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى «نەنخەي دېڭىزى ھەرىكەت مىزانى» كېڭىشىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە، ھازىر ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى، بىز يەنە داۋاملىق پائال ئىلگىرى سۈرىمىز. بىز نەنخەي دېڭىزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنى، مۇناسىۋەتلىك تالاش-تارتىشنى ئالاقىدار تەرەپلەر بىۋاسىتە سۆھبەتلىشىپ ھەل قىلىشنى، رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ھەر قايسى تەرەپنىڭ ئورتاق قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
  جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا ھەمكارلىشىۋاتقىنىغا ئۇزاق يىل بولدى، بىزنىڭ ھەمكارلىق جەھەتتە نۇرغۇن ئورتاقلىقىمىز بار. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ھالقىغان نۇرغۇن شىركىتى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى سېتىش باش ئىشتابىنى جۇڭگودا قۇردى، بىز جۇڭگو-ئامېرىكا ھەمكارلىقىدىكى ئورتاق مەنپەئىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىنى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بۇنىڭدىن ئاۋارىچىلىك ھېس قىلماستىن بەلكى نەپكە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
    ئاچقۇچلۇق سۆز: باجنى كېمەيتىش ۋە ھەقنى تۆۋەنلىتىش، مەھسۇلات سۈپىتى
  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى: بىز تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، زىيارەت قىلىش جەريانىدا بەزى كارخانىلارنىڭ ھازىر «باج بېسىمى ھەددىدىن ئارتۇق ئېغىر، شۇنچە جاپا تارتساقمۇ ھېچقانچە پۇل تاپالمايمىز» دەپ ئاغرىنىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا ئىستېمالچىلارنىڭ «نۇرغۇن يۇقىرى سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى دۆلىتىمىز ئىشلەپچىقىرالمايدۇ» دەپ ئاغرىنىۋاتقانلىقىنى ئىگىلىدۇق. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟ بۇنداق ئەھۋالنى ئوڭشاش توغرىسىدا قانداق سىياسەت-تەدبىرلەر بار؟
  لى كېچياڭ: مەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا خېلى كۆپ سەھىپە ئاجرىتىپ، نۇرغۇن تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق بۇ يىل يەنىمۇ كۆپ سالماقتىكى باجنى كېمەيتىش ۋە ھەقنى تۆۋەنلىتىشنى، بولۇپمۇ تۈرلۈك ناملاردىكى، كارخانىلار بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان مەمۇرىي-كەسپىي ھەقلەرنى تۆۋەنلىتىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىمىزنى تەكىتلىدىم. ئېلىنىدىغان بۇ ھەقلەرنىڭ ئەسلىدە ئىشلىتىلىدىغان ئورنى بار، بەزىلىرى «ئادەم بېقىش»قا ئىشلىتىلىدۇ، ئېلىنىدىغان ھەقنى تۆۋەنلەتكەندە ھۆكۈمەتنىڭ غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە توغرا كېلىدۇ. مەن مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ باشلامچىلىق قىلىپ، ئادەتتىكى چىقىمنى بىردەك %5تىن ئارتۇق تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدۇم. ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقان ۋاقتىمدا، نۇرغۇن يەرلىك ھۆكۈمەتمۇ شۇنداق قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈردى. بىز ھۆكۈمەتنىڭ «ئازابى» ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ «يۈرۈشۈشى»نى قولغا كەلتۈرۈپ، سەپكە يەڭگىل ئاتلاندۇرۇپ، رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرىمىز. بىز يەنە تور ھەققى، توك ھەققى، ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بۇ يىلقى باجنى كېمەيتىش ۋە ھەقنى تۆۋەنلىتىشنى 1 تىرىليون يۈەنگە يەتكۈزۈشكە تىرىشىمىز. ئەلۋەتتە، يەنە تۈزۈم خاراكتېرلىك سودا تەننەرخىنىمۇ تۈپتىن تۆۋەنلىتىش كېرەك.
  ئىستېمالچىلارنىڭ جۇڭگونىڭ بەزى مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىدىن ئاغرىنىۋاتقانلىقىغا كەلسەك، بۇ كارخانىلىرىمىزنىڭ مەھسۇلاتلارنى سۈپەت دەۋرىگە ئېلىپ كىرىشكە موھتاج ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، بۇ يەنە تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. بىزنىڭ «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى − 2025» پىلانىنى يولغا قويۇشىمىز دەل كارخانىلارنىڭ مەھسۇلات ۋە جابدۇق سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈندۇر. خەلقئارادا جۇڭگو ئىمپورتنى ئازايتىپ، ئېچىۋېتىشنى سەل قىسامدۇ؟ دېگەن سۆز تارقالماقتا، بۇ بىر خاتا چۈشەنچە. جۇڭگو مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيەگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇشتا، چوقۇم دەرۋازىنى يەنىمۇ چوڭ ئېچىۋېتىشكە، چەت ئەلنىڭ ئىلغار تېخنىكىلىرى ۋە مەھسۇلاتلىرىنى كۆپلەپ كىرگۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئەلۋەتتە بىز بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قاتتىق قوغداپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەل كارخانىلىرىنى پايدىغا تەڭ ئېرىشتۈرىمىز. ئادەتتىكى ئىستېمالچىلار ئېھتىياجلىق بولغان بەزى سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى دەماللىققا تەمىنلىيەلمەسلىك جەھەتتە، بىز يەنە تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىش ۋە ئىمپورتنى كۆپەيتىشنى ئويلىشىشىمىز مۇمكىن. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئىستېمالچىلارنى يەنىمۇ كۆپ تاللاش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىپ، بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشتۈرىمىز. بۇنىڭدا كارخانىلىرىمىزنىڭ ھۈنەرۋەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتۈرۈشكە ئىرادە باغلىشى ئەڭ مۇھىم مەسىلىدۇر.
    ئاچقۇچلۇق سۆز: ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى
  تەيۋەن «بىرلەشمە گېزىتى» مۇخبىرى: بۇلتۇردىن بۇيان ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىپ جىددىيلىشىپ كەتتى، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە، چوڭ قۇرۇقلۇق ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتى ھەم ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ بەخت-سائادىتىنى قانداق قوغدايدۇ؟
  لى كېچياڭ: ئىككى قىرغاقتىكىلەر قان-قېرىنداشلاردۇر. ئارال ۋەزىيىتىنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، ئىككى قىرغاقتىكىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مېھرىبانلىقنى ئۈزۈۋېتەلمەيدۇ، ئىككى قىرغاقنىڭ بىر جۇڭگوغا تەۋە بولۇشتەك تارىخى ۋە رېئاللىقىنى، شۇنداقلا بىزنىڭ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى ۋە تىنچ تەرەققىياتىنى قوغداش ئىرادىمىز ۋە سەمىمىيىتىمىزنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.
  بىزنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان فاڭجېنىمىز ئىزچىل، ئېنىق بولۇپ كەلدى، يەنى بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى نامايان قىلىدىغان «92-يىل ئورتاق قارىشى»دىن ئىبارەت سىياسىي ئاساستا چىڭ تۇرۇش، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»گە قەتئىي قارشى تۇرۇش، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقىنى، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى قوغداش، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش.
  ئىككى قىرغاقنىڭ تىنچ تەرەققىياتى دەرۋەقە ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارغا نۇرغۇن يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ھەر يىلى تەخمىنەن 5 مىليون تەيۋەنلىك قېرىنداش چوڭ قۇرۇقلۇق ۋە ئارال ئوتتۇرىدا بېرىپ-كېلىپ تۇرىدۇ. بىز تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتا ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش، خىزمەت قىلىش، ياشىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدىغان تېخىمۇ كۆپ سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، ئۇلارنى بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئوخشاش قولايلىق شارائىتتىن بەھرىلەندۈرىمىز. تەيۋەنلىك سودىگەرلەرنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا كېلىپ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىمىز. ھېلىمۇ ئېسىمدە، بۇلتۇرقى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بەزىلەر تەيۋەنلىك سودىگەرلەرنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا بولغان ئېتىبار سىياسەتلەرنىڭ داۋاملىق ساقلاپ قېلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. يەنە شۇنى قايتا تەكىتلەپ قوياي: بىز تەيۋەنلىك سودىگەرلەر، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى چوڭ قۇرۇقلۇقتىكىلەر بىلەن بىرلىكتە تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ھەمبەھرىلىنىدىغان ئېتىبار سىياسەتلەر بىلەن داۋاملىق تەمىنلەيمىز. بىز قانداقلا بولمىسۇن بىر ئائىلە كىشىلىرى.
    ئاچقۇچلۇق سۆز: جۇڭگو-ياۋروپا سودىسى
  فىرانسىيە رادىيو شىركىتىنىڭ مۇخبىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى جۇڭگونىڭ 2-چوڭ سودا ھەمراھى، لېكىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان سودا قىزىل رەقىمى 137 مىليارد ياۋروغا يەتتى، بۇ، ياۋروپا تەرەپنىڭ ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتى. شۇڭا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى بەزى كارخانىلارنىڭ بۇنىڭغا خېلىلا پىكرى بار. جۇڭگو قانداق قىلىپ ياۋروپا كارخانىلىرىنىڭ بازارغا كىرىش ئىجازىتىنى يەنىمۇ ياخشىلايدۇ، شۇنداقلا چەت ئەللىك سودىگەرلەرنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ؟
  لى كېچياڭ: سىز بايا دېگەن جۇڭگو-ياۋروپا سودىسىدىكى پاسسىپ بالانىس ياۋروپا تەرەپنىڭ ئىستاتىستىكىسى، ناھايىتى توغرا دېدىڭىز. ئەلۋەتتە، جۇڭگو تەرەپ سودا ئاكتىپ بالانىسىنى ئەزەلدىن قەستەن قوغلىشىپ باقمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە سودا تەڭپۇڭلۇقىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن سىجىللىق بولمايدۇ. پۇل تېپىشنى ئېلىپ ئېيتساق، مېنىڭچە ياۋروپا كارخانىلىرى جۇڭگودا پۇل تېپىپلا قالماستىن، بەلكى كۆپ پۇل تاپالايدۇ، چۈنكى سىلەر قىممەت زەنجىرىنىڭ ئەڭ ئۇچىدا تۇرۇۋاتىسىلەر. ئەگەر ياۋروپا جۇڭگوغا قارىتىلغان يۇقىرى تېخنىكا ئېكسپورتىنى كەڭ قويۇۋەتسە، سودىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق ھالىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىناتتى.
  جۇڭگو ياۋروپا ئىتتىپاقىغا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاكتىپ ئىنكاسقا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلغانىدى. يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىككى تەرەپلىك مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى بولسا، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشىگە پايدىلىق بولىدۇ. مۇشۇنداق كېلىشىم ۋاقتىنچە بولمىغان تەقدىردىمۇ، بىز ياۋروپا ئىتتىپاقى كارخانىلىرىنىڭ بازارغا كىرىشىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىمىز، ئۇلار جۇڭگوغا مەبلەغ سالسىلا، جۇڭگو كارخانىلىرىغا ئوخشاش رويخەتكە ئالدۇرسىلا ئوخشاش كۆزدە قارايمىز. جۇڭگو-ياۋروپا ئارىسىدا سودا سۈركىلىشى مەۋجۇت، بىزنىڭ بۇنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش تەجرىبىمىز بار. مەن بۇ يەردە شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەيمەنكى، جۇڭگو باشتىن-ئاخىر ئىتتىپاق، گۈللەنگەن، مۇقىم بولغان ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە قۇدرەتلىك ياۋرونى كۆرۈشنى خالايدۇ، ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىنى قوللايدۇ، چۈنكى بۇ ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىشىشىغا پايدىلىق. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن قارايمەن، بىز جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنىڭمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
    ئاچقۇچلۇق سۆز: تۈتەك
  «شىنجىڭ گېزىتى» مۇخبىرى: بۇ بىر نەچچە يىلدا تۈتەك پۇقرالارنىڭ يۈرىكىدىكى ئاغرىققا ئايلىنىپ، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتتى، لېكىن ھەر قېتىم چوڭ پائالىيەتلەر بولغاندا ھاۋا ئېچىلىپ، كۆپچىلىك شاد-خۇراملىققا چۆمۈپ، سۈرەت تارتىپ، دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىدۇ. زۇڭلى، قانداق قىلغاندا ئىزچىل ئېچىلىپ تۇرغان كۆك ئاسماننى كۆرگىلى بولىدۇ؟
  لى كېچياڭ: تۈتەك قاپلاش مەسىلىسى ھەقىقەتەن پۇقرالارنىڭ باش ئاغرىقى بولۇپ كەلدى. كۆك ئاسمانمۇ خۇددى ھاۋاغا ئوخشاشلا ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، بۇ يەردە ئولتۇرغان ھەر بىر كىشى تېخىمۇ كۆك ئاسماننى كۆرۈشنى خالايدۇ، لېكىن جۇڭگو تەرەققىيات جەريانىدا ھەقىقەتەن مۇھىت ئاسراش، بولۇپمۇ تۈتەك قاپلاش مەسىلىسىنىڭ خىرىسىغا دۇچ كەلدى. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا بەش تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، بۇ تەدبىرلەرنى چوقۇم ئالغا سىلجىتىپ، «كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭى»نى ھەقىقىي ئېلىپ بارىمىز. لېكىن كۆپچىلىككە شۇنى سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتىپ قويايكى، بۇنىڭغا جەريان كېتىدۇ.
  بىز تۈتەكنى تىزگىنلەشتە ھازىر مۇھىم نۇقتىنى كۆمۈر قالاش، قالدۇق گاز قويۇپ بېرىش، چاڭ-توزان پەيدا قىلىشنى تۈزەشكە قارىتىۋاتىمىز، لېكىن مەن بۇ يىلقى ئىككى يىغىننىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا، بىر ئالىم: بۇنىڭدىن سىرت، باشقا ناھايىتى مۇھىم ئامىل بار، بىز تۈتەكنىڭ پەيدا بولۇش جەريانىنى تېخى تولۇق بىلىپ كېتەلمىدۇق، دېدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، جۇڭگونىڭ شىمالىدا قىش پەسلىدە تۈتەك پەيدا بولۇشى دۇنيا مىقياسىدىن ئېيتقاندىمۇ ئالاھىدە ئىكەن، ئەلۋەتتە بۇ ئامىلنى بۇ يەردە سۆزلەش ئەپسىز، ئالىملارنىڭ يەنە تولۇق دەلىللىشىگە توغرا كېلىدۇ. لېكىن شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ قويايكى، دۆلەت بۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس فوند تەسىس قىلىپ، قانچىلىك پۇل كېتىشىدىن ئايانماي، ئەڭ مۇنەۋۋەر مۇناسىۋەتلىك ئالىملارنى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا تەشكىللەپ، تۈتەك پەيدا بولۇشنىڭ نامەلۇم ئامىلىنى چىڭ تۇتۇپ تېپىپ چىقىپ، تۈتەكنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تىزگىنلەيدۇ.
  تەبىئەتتىكى ھاۋارايىنى ئىنسانلار تىزگىنلىيەلمەيدۇ، لېكىن بىز قىلمىشىمىزنى تىزگىنلەپ، تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتەلەيمىز. مېنىڭ كەيپىياتىممۇ كۆپچىلىكنىڭكىگە ئوخشاش، تۈتەكنى تىزگىنلەش كېرەك، كۆك ئاسمان كەلگۈسىدە كۆرۈش تەس نەرسىگە ئايلانماسلىقى كېرەك.
    ئاچقۇچلۇق سۆز: ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتى
  «جۇڭگو ئىستېمالچىلار گېزىتى» مۇخبىرى: بۈگۈن «ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش كۈنى»، زۇڭلىنىڭ ئىستېمالچىلار ئۈچۈن بىر قانچە ئېغىز سۆز قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
  لى كېچياڭ: مەنمۇ كۆپچىلىككە ئوخشاش ئىستېمالچى، ھەممىمىز ھوقۇق-مەنپەئىتىمىزنى قوغدىشىمىز كېرەك، ئالاقە تورىدىكى سۆز بويىچە ئېيتقاندا: بىز ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى «قوللاپ»، ناچار، مەككار سودىگەرلەرنى «قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈشىمىز» كېرەك. كۆپچىلىك ئورتاق تىرىشىپ، ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىمىزنى كۈندىن-كۈنگە كۆپەيتىپ، تۇرمۇشىمىزنى يىلدىن-يىلغا ياخشىلايلى.
  مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى خەلق سارىيىنىڭ 3-قەۋىتىدىكى ئالتۇن رەڭلىك زالدا ئۆتكۈزۈلۈپ، 2 سائەت 20 مىنۇت داۋاملاشتى. 1200 گە يېقىن جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇخبىر زىيارەت قىلىشقا قاتناشتى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى