قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

2017-03-17 16:28:40     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 16-مارت تېلېگراممىسى.
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 16-كۈنى تەكلىپنى قوبۇل قىلىپ گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.  

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى چوڭقۇر راۋاجلاندى. بىز گېرمانىيە بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئەتراپلىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمىز. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ دۇنيادىكى مۇھىم ئىقتىسادىي گەۋدە ھەم دۇنياۋىلىشىشنىڭ قەتئىي قوللىغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئېچىۋېتىش تىپىدىكى دۇنيا ئىقتىسادىنى ئورتاق قۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ تەرەپلىك سودا قائىدىسى ۋە تۈزۈلمىسىنىڭ ئۈنۈملۈكلۈكى، نوپۇزىنى قوغداش مەسئۇلىيىتى بار. ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى ئىككى دۆلەتنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا پايدىلىق. بىز گېرمانىيە بىلەن بىرلىكتە ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىق ۋە تەڭ نەپ ئېلىش توغرىسىدىكى ئىجابىي سىگنالنى سىرتقا تارقىتىشنى خالايمىز. 

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم كۈچ. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە ئىقتىساد-سودىدا ئۆزئارا نەپ يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىق ۋە پىكىرلىشىش، كېڭىشىشنى كۈچەيتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مەبلەغ سۆھبىتى، ئىجتىمائىي ئالاقىسى، خەۋپسىزلىك سۆھبىتى قاتارلىق مېخانىزملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو گېرمانىيەنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى ھامبۇرگ باشلىقلار يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ، گېرمانىيە بىلەن بىرلىكتە 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئالىدىغان ھەمراھلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھامبۇرگ باشلىقلار يىغىنىنىڭ خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنى ئاساسىدا خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەش توغرىسىدا ئېنىق، كۈچلۈك، ئىجابىي سىگنال تارقىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تۈزەپ، سودىنى تېخىمۇ قويۇۋېتىپ، تېخىمۇ ئازادە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدۇ. 

 شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىنى قوللايدۇ. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، يىراقنى كۆزلەپ، تىنچلىق، ئاشۇرۇش، ئىسلاھات، مەدەنىيلىكتىن ئىبارەت تۆت چوڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى پائال كۈچەپ بەرپا قىلىپ، تىنچ، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، گۈللەنگەن دۇنيا قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.  

 مېركېل مۇنداق دېدى: ھازىر جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتى كەڭ، چوڭقۇر ھەم ناھايىتى ياخشى تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. گېرمانىيە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىل 1-ئايدا داۋوس دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىدە قىلغان مۇھىم نۇتقىغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى قوللايدۇ، جۇڭگونىڭ گېرمانىيەنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى ھامبۇرگ باشلىقلار يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ. گېرمانىيە جۇڭگو بىلەن بولغان يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش ۋە تەرەققىيات ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، گېرمانىيە-جۇڭگو ئەتراپلىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ. گېرمانىيە ياۋروپا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى خالايدۇ.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى