ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش نىشاننى چۆرىدەپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى

2017-03-20 19:11:30     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنى ئېچىپ، مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››نىڭ، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش نىشاننى چۆرىدەپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى
يىغىنغا چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى
  ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 3 – ئاينىڭ 19 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دائىمىي كومىتېتنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنى ئېچىپ، مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››نىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈپ ۋە ئۆگىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى مۇزاكىرە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى.
 يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى.
 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن›› پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى قىزغىن كۈتۈۋېلىنىۋاتقان، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە ئېچىلغان كاتتا يىغىن بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلاردا قولغا كەلتۈرگەن يېڭى تەرەققىيات، يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مەركەزلىك نامايان قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ئۇلۇغۋار ئىشلار، ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇش، ئۇلۇغۋار كۈرەشلەردە يېڭى ئۇلۇغۋار غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە بولغان ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىن مەزگىلىدە ئالدىراش بولسىمۇ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. بۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدىغانلىقىنى ۋە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە ئۈمىدىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئېنىق تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشتىكى تەدبىرلىرىنى بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى، ئۇنىڭ سۆزى شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ئىلمىي نەزەرىيەسى ۋە ھەرىكەت قىبلىنەماسى بولۇپ، بىزنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىزنىڭ يۆنىلىشىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى، تۈپ مىزانغا ئىگە قىلدى، غەيرىتىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇردى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلار ۋە ھەر مىللەت كادىر، ئامما باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىي ماھىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى مەركەزلەشتۈرۈپ كەڭ دائىرىدە تەشۋىق قىلىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى، كۆيۈنۈشى ۋە مۇھىم كۆرسەتمىلىرىنى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ پۈتۈن جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتتىكى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.
 بىرىنچىدىن، يادرونى تەۋرەنمەي قەتئىي قوغداش كېرەك. سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيە جەھەتتە، سىياسىي جەھەتتە، ھەرىكەت جەھەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن ئاڭلىق ھالدا يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش، گەرچە شىنجاڭ پايتەخت بېيجىڭدىن يىراق بولسىمۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلب رىشتىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر زىچ باغلاپ، زىچ تۇتاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلەشكەن بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىي خىزمەتلەردە كەم – كۈتىسىز ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.
 ئىككىنچىدىن، باش نىشان ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلقئارا، دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتى ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئومۇمىيىتىگە ئاساسەن شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا چىقارغان ئىلمىي ھۆكۈمى ۋە زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا چوقۇم قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش، كەم – كۈتىسىز ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. باش نىشاننى باشتىن – ئاخىر يېتەكچى، باش نىشاننى ئومۇمىي پىروگرامما، يادرولۇق ۋەزىپە، كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ئىدىيەنى، تونۇشنى، قەدەمنى ۋە ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ پىلانلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
 ئۈچىنچىدىن، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداش كېرەك. مۇقىملىقنى قوغداشنى سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يېتەكچى قىلىپ، مەۋقەنى ئىشنى بالدۇر تۇتۇش، كىچىكىدىن باشلاپ تۇتۇش، تېز تۇتۇش، ياخشى تۇتۇشقا قارىتىپ، كەلگۈسىنى پىلانلاپ، ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئەبەدىي ئەمىنلىك بەرپا قىلىش كېرەك. ئۇزاق مەزگىل كۈرەش قىلىش، دائىملاشقان مۇقىملىقنى قوغداش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش بىرىكمە مۇشتنى قەتئىي ياخشى ئېتىپ، ‹‹ئالتىنى ياخشى تۇتۇش››، ‹‹بەشنى باشقۇرۇش››، ‹‹تۆتتە ئومۇميۈزلۈك قاپلاش››نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى باشتىن – ئاخىر ساقلاپ، تېررورلۇق، زوراۋانلىق شايكىلىرىغا ۋە تېررورچى، زوراۋانلارغا دەل جايىدا زەربە بېرىش، تارمار قىلىش خاراكتېرىدە زەربە بېرىش، ئەجەللىك زەربە بېرىش كېرەك. شەھەر، يېزىلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تېزگىنلەش تورىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، بىر مىنۇتتىن – ئۈچ مىنۇتقىچە تېز ئىنكاس قايتۇرۇش چەمبىرىكى ھاسىل قىلىش كېرەك. ئەمەلىي جەڭنى كۆزلەپ، ئالدىنى ئېلىش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەشىقنى كۈچەيتىپ، تېز بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك.
 تۆتىنچىدىن، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت ئاساسىي خىزمەت رىتىمىدا، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ماسلىشىش، 1 – كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، 2 – كەسىپتە مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇش، 3 – كەسىپنى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈپ زورايتىش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، تۈزۈلمە، مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىچكى، تاشقى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. ئېكولوگىيەنى قوغداشنى 1 – ئورۇنغا قويۇشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى كۈچەيتىش، ‹‹مۇھىتنى ئېغىر بۇلغايدىغان، ئېنېرگىيەنى ئېغىر دەرىجىدە خورىتىدىغان، كۆپ بۇلغىما چىقىرىدىغان›› تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قەتئىي چەكلەپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تېزگىنلەش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، يېرى ياپيېشىل، سۇلىرى سۈپسۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك.
 بەشىنچىدىن، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاممىنىڭ ھالىغا يېتىشنى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، خەلققە پايدىلىق، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش، داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاشنى ياخشى ئىشلەش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنى كۈچەيتىش، چېگرا رايوندىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، جامائەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى ئازايتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، تىرىشىپ ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىنى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. ئەمەلىي ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى يولغا قويۇش، جەنۇبىي شىنجاڭنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ئاساسىي مەيدانى قىلىش، سىياسەت، مەبلەغ، تۈرلەرنى جەنۇبىي شىنجاڭغا مايىللاشتۇرۇش، ئون چوڭ مەخسۇس تۈر ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تۈرلىرىنى ئۆز قەرەلىدە تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
 ئالتىنچىدىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك. ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ساقچى بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت خەلق ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئورتاق قوغدايدىغان پولات ئىستىھكامنى مۇستەھكەملەش كېرەك. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات – تەربىيەسىنى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش، ھەر مىللەت ئاممىنى ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ئۇلۇغ ۋەتەنگە، جۇڭخۇا مىللەتلىرىگە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمغا بولغان تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك. ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا پورەكلەپ ئېچىلدۇرۇش كېرەك.
 يەتتىنچىدىن، دىنىي ساھەدىكى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى توسۇش، ئەسەبىيلىكنى چەكلەش، سىڭىپ كىرىشكە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىش ئاساسىي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىش، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش، قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغداش، ئىناق مەسچىت بەرپا قىلىش، ئىلغار ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلاردىن بولۇش ۋە باھالاشنى كەڭ قانات يايدۇرۇش، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى ھەقىقىي يېتىشتۈرۈش ۋە قوغداش، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، مەسچىت ۋە دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىغا قارىتىلغان ئاممىۋى مۇلازىمەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش، دىنلار ئىناقلىقىنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.
 سەككىزىنچىدىن، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھات – تەرەققىياتىنى قوللاش كېرەك. بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىش، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار ئىسلاھاتنى كۈچلۈك پارتىيەۋىلىك نۇقتىسىدىن تونۇشى، قوللىشى ۋە قاتنىشىشى كېرەك، بىڭتۈەن پارتكومى سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، لايىھەلەرنى بىرمۇ بىر ئىنچىكىلەشلەشتۈرۈپ يولغا قويۇشنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، پائال سالماق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات ئارقىلىق بىڭتۈەن تۈزۈلمىسىنىڭ ئالاھىدە ئەۋزەللىكىنى ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، مۇقىملىقنى ۋە چېگرانى قوغداشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ، مۇقىملاشتۇرغۇچلىق، چوڭ پىچلىق، ئۈلگىلىك رايونلۇق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.
 يىغىنغا شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن، لى ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، پېڭ جيارۈي، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقانلار قاتناشتى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى