ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، خەلققە نەپ يەتكۈزەيلى

2017-03-20 19:12:39     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماق، ئورۇنلار كۆپ خىل ئۆگىنىش شەكلىنى قوللىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل يەتكۈزدى، ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، مۇستەھكەم سېپىل ھاسىل قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقىگە پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرىمىز.
  ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى
  تەرەققىيات مېۋىسىدىن تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى بەھرىمەن قىلىمىز
  ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى 3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى پارتگۇرۇپپا مەركىزىي گۇرۇپپىسى (كېڭەيتىلگەن) ئۆگىنىش يىغىنى شەكلىنى قوللىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىينىڭ 5 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى تەشكىللىدى.
  ئۆگىنىش يىغىنىدا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش سىستېمىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ چىڭ تۇتۇشى، ئۆگىنىش نەتىجىسى ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، خىزمەت ئىستىلىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، شىنجاڭنىڭ سانائەت ئىقتىسادى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىيات سەۋىيەسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن يۇقىرى كۆتۈرۈپ، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، سانائەت ئىقتىسادى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنىڭ يېڭى نەتىجىسىدىن تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى بەھرىمەن قىلىش كېرەك.
  ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى
  ئىسمى - جىسمىغا لايىق «ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئائىلىسى» بولايلى
  ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن كېيىن بارلىق ئورگان كادىرلىرىنى تەشكىللەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى.
  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىكى بارلىق ئورگان كادىرلىرى يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «جۇڭگو ئارزۇسى. ئەمگەك قىلىش شەرەپلىك. شىنجاڭ ياخشى جاي» باش تېمىسىدىكى تەربىيە پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە ئاممىنى مەنپەئەت تەلىپىنى قانۇن بويىچە توغرا ئۇسۇلدا ئىپادىلەشكە پائال يېتەكلەپ، ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.
  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يۆلەش مۇلازىمىتىنى ياخشى قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى دەل جايىدا يۆلەپ، «ئىللىقلىق يەتكۈزۈش»، «ئالتۇن كۈز ئوقۇش ياردىمى» تۈرلىرىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، قىيىنچىلىقى بار ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، «ئالاقە تورى + ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تۈزۈمى مۇلازىمىتى»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردىمى، تەربىيەلەش، يۆلەش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئايال ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش قۇرۇلۇشىنى ياخشى يولغا قويۇپ، قانۇن ياردىمى ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ئىشلىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىسمى - جىسمىغا لايىق «ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئائىلىسى» بولۇش كېرەك.
  ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى
  «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرەيلى
  يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى پۈتۈن سىستېمىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى مەركەزلىك ئۆگىنىش، مەخسۇس تېمىدىكى تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنى، مەخسۇس تېمىدىكى ئۆگىنىش يىغىنى ئېچىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشقا تەشكىللىدى.
  ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شاۋفېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى، «ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى كۈچەيتىپ، <ئۈچ يۇقىرى> تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلەپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ھەم قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، سۈيى سۈزۈك، زېمىنى يېشىللىققا پۈركەنگەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك»، بۇ، بىزنىڭ شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراش خىزمىتىمىزدىكى ئېنىق نىشان ھېسابلىنىدۇ. مۇھىت ئاسراش سىستېمىسىدىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر «تۆت ئاڭ»نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يەڭنى تۈرۈپ جاسارەت بىلەن ئىشلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ غەمخورلۇقى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنى مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاش، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئەلا نەتىجە بىلەن پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىمىز.
  ئاپتونوم رايونلۇق تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى
  يولنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، تاشيول ئاسراش، باشقۇرۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەيمىز
  ئاپتونوم رايونلۇق تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى 3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگەندى.
  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: گېزىت، تېلېۋىزىيە، رادىيو، تور قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغاش كېرەك. كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ غەمخورلۇقىنى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىنى ئىش ئورنىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرىكىتىدە نامايان قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
  ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى
  نۇقتىلىق خىزمەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش بىلەن قوللىنىشنى بىرلەشتۈرىمىز
  يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى.
  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئۆگىنىش ئارقىلىق تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى نۇقتىلىق ئۆگىنىپ، ئاپتونوم رايون ئورۇنلاشتۇرغان نۇقتىلىق خىزمەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش بىلەن قوللىنىشنى بىرلەشتۈرۈشى كېرەك. ئىستىل قۇرۇلۇشىنى قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، ئۆگىنىش نەتىجىسى ۋە ئىستىل ياخشىلاشنى خىزمەت ئەمەلىيىتىدە نامايان قىلىشى كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ سودا خىزمىتىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام راۋاجلىنىشى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
  ئاپتونوم رايونلۇق يەر تەۋرەش ئىدارىسى
  خىزمەت ئورنىمىزدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرىكىتىمىزدە نامايان قىلىمىز
  ئاپتونوم رايونلۇق يەر تەۋرەش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى كوللېكتىپ ئۆگەندى.
  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئىدارىدىكى ھەرقايسى تارماقلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسىدە «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈشى كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىش ئورنىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرىكىتىدە نامايان قىلىپ، ئۇنى يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىشكە ئالاقىدار تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى