قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جۇ خەيلۈن قەشقەر شەھىرىدە تۇرۇشلۇق قوراللىق ساقچى قىسىمغا كېلىپ، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىنى يوقلىدى ۋە ھال سورىدى

2017-03-20 20:04:57     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
3-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۈن قەشقەر شەھىرىدە تۇرۇشلۇق قوراللىق ساقچى قىسىمغا كېلىپ، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىنى يوقلىدى ۋە ھال سورىدى.
جۇ خەيلۈن قەشقەر شەھىرىدە تۇرۇشلۇق نەچچە ئون مىڭ قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر-ئەسكىرىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان جەنۇبىي شىنجاڭ، بولۇپمۇ قەشقەردىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۆرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك جىددىي، مۈشكۈل، خەتەرلىك ۋە ئېغىر ۋەزىپىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغانلىقىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋەكالىتەن، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىگە ئالىي ئېھتىرام ۋە سەمىمىي رەھمىتىنى بىلدۈردى.
جۇ خەيلۈن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نۆۋەتتە شىنجاڭنىڭ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن ۋە مۇرەككەپ بولۇپ، قاتتىق زەربە بېرىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتۈشنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىدا، ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىدىغان ھالقىلىق مەزگىلدە تۇرماقتا. قەشقەر ئەزەلدىن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئالدىنقى سەپ بازىسى ۋە ئاساسلىق جەڭ مەيدانى. شىنجاڭنى بىر تاختا شاھماتقا ئوخشاتساق، جەنۇبىي شىنجاڭ شاھماتنىڭ كۆزى، قەشقەر بولسا مۇھىمنىڭ مۇھىمى. قەشقەردە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش جېڭىنىڭ غەلىبىسنى قولغا كەلتۈرۈش شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات تەرەققىيات مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، شۇنداقلا جەنۇبىي شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق نەچچە ئون مىڭ قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى.
جۇ خەيلۈن قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستىراتېگىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداشتىكى «بىرىكمە مۇشت» قارار-ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالايدىغان، ئىستىلى ئېسىل بولۇشىنى؛ «روھلۇق، ئىقتىدارلىق، ۋىجدانلىق، ئەخلاقلىق» بولۇشتەك ئىنقىلابىي ئىرادە ۋە كۆرەش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەر ۋاقىت جەڭگە تەييار تۇرۇپ، يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، جاپاغا چىداپ مەشق قىلىپ، ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە قوشۇننى سەرخىللاشتۇرۇپ، ئالدىدا مېڭىپ، ئۆتكۈر خەنجەر بولۇپ، چاقىرغان ھامان كېلىدىغان، كەلگەن ھامان جەڭ قىلالايدىغان، جەڭ قىلسىلا غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشىنى؛ پولاتتەك ئىرادە، قاتتىق ۋاستە، يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئېغىر زەربە بېرىپ، قاتتىق قول بولۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان «ئۈچ خىل كۈچ»كە ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك، ئەجەللىك زەربە بېرىپ، ئەمەلىي جەڭ مەشقى ۋە مۇقىملىقنى قوغداش نەتىجىلىرى بىلەن ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، سىياسىيدا قاتتىق بولۇش، كەسپتە قاتتىق بولۇش، مەسئۇلىيەتتە قاتتىق بولۇش، ئىنتىزامدا قاتتىق بولۇش، ئىستىلدا قاتتىق بولۇشتەك قەھرىمانلىق سالاپىتىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تىنچ، ئىتتىپاق، ئىناق، مۇقىم ۋەزىيىتىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

تەرجىمان: نازىم  

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى