قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خىزمەت ئەترەتلىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشتا يولۇققان قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلدى

2017-03-20 20:04:57     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2017-يىللىق «ئەلرايىنى ئىگىلەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترەتلىرى ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشتا يولۇققان قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلدى.
ئاقسۇ شەھىرىدىكى ئالې شىڭيې توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ «مىكرو» زاۋۇتىدا، ئاقسۇ شەھىرى توپلۇق يېزىسى قاشبېشى كەنتىدىن كەلگەن كەنت ئاھالىسى گۈلنۇر ئابدۇرېھىم ئۇستىسىدىن يىپ ئىلىش، ياماق سېلىشنى ئۆگىنىۋاتاتتى. ئىشىك ئالدىدىكى زاۋۇتتا توقۇمىچى بولۇپ، مۇقىم كىرىمگە ئېرىشىش ھەم ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش گۈلنۇر ئابدۇرېھىمغا نىسبەتەن كاتتا تەلەي ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:- بىر تەرەپتىن ئىشلەپ پۇل تېپىپ، بىر تەرەپتىن ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىمەن، ھەقىقەتەن بەك ياخشى ئىش بولدى.
ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىچى شەھەرچىسى (تەرەققىيات رايونلۇق) باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشلەش ئارزۇسى بولسىمۇ، ئۆيىدىن يىراق جايغا بېرىشنى خالىمىغاچقا، بۇ ئويىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى بايقىدى. كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى كەنت كومىتېتىنىڭ بىكار قالغان 500 كۇۋادىرات مېتىرلىق پائالىيەت زالىنى ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا ئۆزگەرتىپ، ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىپ، خادىملارنى تەربىيەلىدى. بىر ئايدىن كۆپرەك تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشىك ئالدىدىكى بۇ زاۋۇت مۇشۇ ئاينىڭ 8- كۈنى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسى (تەرەققىيات رايونلۇق) باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئاقسۇ شەھىرى توپلۇق يېزا قاشبېشى كەنتىدە تۇرۇشلۇق 2017-يىللىق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى جى جۈنجيې مۇنداق دېدى:- بۇ زاۋۇتتا 150 تىن 200 گىچە ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە ھەر بىر ئادەمنىڭ كىرىمى 2 مىڭ يۈەندىن كۆپرەككە يېتىدۇ. بىز تەرەققىيات رايونىنىڭ كارخانا قىسمىغا تەۋە ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسى ۋە سېخنى كەنتكە، دېھقانلارنىڭ ئىشىك ئالدىغا يۆتكەپ كېلىپ، دېھقانلارنىڭ يېقىن جايدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئائىلە ئاياللىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ھەم ئائىلىسىنى تاشلاپ قويماسلىق تەلىپىنى قاندۇردۇق.
بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ كۇچا ناھىيە ئۈچئۆستەڭ يېزا ئارائۆستەڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق 2017- يىللىق خىزمەت ئەترىتى نۇرغۇن كەنت ئاھالىسىنىڭ تىجارەت قىلىش ئويى ۋە ئىقتىدارى بارلىقىنى بايقىدى ھەم «نېمىشقا ئۇلارنىڭ يېڭى بازار ئېچىشىغا ياردەملىشىپ، ئاندىن تىجارەتچىلەرگە نامرات ئاھالىلەرنى ئىشلەتكۈزۈپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەش شەكلى بىلەن ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەرمەيمىز؟» دېگەنلەرنى ئويلىدى-دە، تىجارەتچىلەرنى تاللاش، كەنت ئاھالىلىرىدىن پىكىر ئېلىش ۋە بازار قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەرتىپلىك قانات يايدۇردى. نۆۋەتتە، ئارائۆستەڭ كەنتىدىكى ئىگىلىك تىكلەش بازىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى پۈتۈپ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈش پىلانلاندى. خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت ئىككى كومىتېتى تىجارەت ئېڭىغا ئىگە 10 نەپەر كەنت ئاھالىسىنى يۆلەپ، تىككۈچىلىك دۇكىنى، كىچىك تاللا بازار ۋە ئاشخانا ئاچقۇزۇش ئارقىلىق، 50 نەچچە ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى پىلانلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ كۇچا ناھىيە ئۈچئۆستەڭ يېزا ئارائۆستەڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق 2017- يىللىق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى سۈن خۇڭشىن مۇنداق دېدى:- بىز ئۆزىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئىتتىپاقلىقىمىز ئارقىلىق يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ، كۆپچىلىكنىڭ پىكىرىنى توپلاپ، بېيىش يوللىرىنى پائال كېڭەيتىپ، بارلىق ئاماللار بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، يىل ئاخىرىغىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن كەنتتىكى نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز.

تەرجىمان: نازىم

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى