قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى كادىرلارنى يەنە بىر قېتىم تەشكىللەپ، خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسى مۇجى بازىرىنىڭ ئازغانباغ كەنتىگە قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىنى يوقلاشقا ئەۋەتتى

2017-03-20 20:04:57     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
يېقىندا، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ كادىرى جاڭ شۇمىن قوشماقلاشقان تۇغقىنى ئەۋەتكەن بىر خالتا ياڭاقنى تاپشۇرۇۋالدى. ئۇ بۇ بىر خالتا ياڭاققا تىكىلىپ خېلىغىچە ھاياجىنىنى باسالمىدى. چۈنكى، بۇ سوۋغىغا بىر ياشانغان ئانىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان سېغىنىشى مۇجەسسەملەنگەنىدى.
مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى كادىرلارنى يەنە بىر قېتىم تەشكىللەپ، خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسى مۇجى بازىرىنىڭ ئازغانباغ كەنتىگە قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىنى يوقلاشقا ئەۋەتتى. قوشماقلاشقان تۇغقىنى ھاۋا ھوشۇر ئانىنىڭ ئۆيىدە، موماينىڭ قىزى بۈۋىخەدىچە ئىسلام ئاچىسى جاڭ شۇ مىننىڭ قولىغا بىر خالتا ياڭاقنى تۇتقۇزۇپ تۇرۇپ:- ئاپام يەنە كەلگىنىڭىزنى كۆرگەن بولسا، چوقۇم بەك خۇش بولۇپ كېتەتتى. ئۇ كۆز يۇمۇش ئالدىدا بۇ بىر خالتا ياڭاقنى سىزگە بېرىپ قويۇشۇمنى تاپىلىغان، دېدى.
ھاۋا ھوشۇر ئانا جاڭ شۇمىننىڭ بۇلتۇر 11- ئايدا قوشماقلاشقان تۇغقىنى ئىدى. 81 ياشلىق بۇ موماينىڭ ئائىلە شارائىتى ناچار بولۇپ، ئاجرىشىپ كەتكەن قىزى ۋە نەۋرە قىزى بىلەن بىللە تۇراتتى. 2015- يىلنىڭ ئاخىرلىرى، ھاۋا ھوشۇر ئانا خوتەن ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىدا سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە، بالىياتقۇ راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا كېلىپ قالغانلىقى مەلۇم بولۇپ، ياشىنىپ قالغانلىقتىن، باشقا داۋالاش ئۇسۇلى قوللىنىش ئىمكانىيىتى بولماي، دورا ئىچىپ كەلگەنىدى. جاڭ شۇمىن ئۇنىڭ بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغاندىن كېيىن ئىزچىل بۇ ئانىسىنى ياد ئېتىپ، سالامەتلىكىدىن ئەنسىرەپ كەلدى. بۇ قېتىم يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى، ئۇ تېخى ئالايىتەن ھاۋا ھوشۇر ئانىغا ئاتاپ بىر سوۋغات تاللىغانىدى. جاڭ شۇمىن مۇنداق دېدى:- مەن دۆڭكۆۋرۈكتىكى چوڭ بازاردىن ھاۋا ئانىغا قوي يۇڭىدىن ئىشلەنگەن بىر يېشىل رەڭلىك ئەتلەس شارپا، قىزى بىلەن نەۋرە قىزىغا بىردىن ياغلىق سېتىۋالغانىدىم. يەنە ئارمان قۇۋۋەت تالقىنى، ئەتكەنچاي تالقىنى ۋە قازاقىستاننىڭ ئىمپورت كەمپۈتلىرىنى ئالغانىدىم.
لېكىن يولغا چىقىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى، جاڭ شۇمىن كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەردىن ھاۋا ھوشۇر ئانىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى توغرىسىدىكى شۇم خەۋەرنى ئاڭلىدى. يولبويى كۆڭلى يېرىم بولۇپ ماڭغان جاڭ شۇمىن كەنتكە بارغاندىن كېيىن ھاۋا ھوشۇر ئانىنىڭ ئۆيىگە كىرىشىگىلا، موماينىڭ قىزى بۈۋىخەدىچە ئىسلام كۆزىگە ياش ئېلىپ، جاڭ شۇمىن بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى. جاڭ شۇمىن ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگەچ، سوۋغىلارنى چىقاردى. بۇنىڭ ئىچىدە ھاۋا ھوشۇر ئانىغا ئالغان چىرايلىق شارپىمۇ بار ئىدى. ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن جاڭ شۇمىن يەنە سۈرەتخانىغا بېرىپ، ھاۋا ھوشۇر ئانىنىڭ سۈرىتىنى يۇيغۇزدى. جاڭ شۇمىن مۇنداق دېدى:- تۇغقان يوقلىغان چاغدا، ھاۋا ھوشۇر  ئانىنىڭ قىزىغا تاپىلىغان سۆزلىرىدىن بەك تەسىرلەندىم. ئۆتكەن ھەپتە، قوشماقلاشقان چېغىمىزدىكى سۈرەتنى تېپىپ چىقىپ، سۈرەتخانىدىكىلەرگە ھاۋا ئانىنىڭ يالغۇز سۈرىتىنى 6 سۇڭلۇق قىلىپ يۇيغۇزدۇم. ئۇنى خاتىرە قىلىپ ساقلاپ قوياي دەيمەن.

تەرجىمان: نازىم

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى