قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ساۋەن ناھىيەسى يېزىلاردىكى ئېشىنچە ئەمگەكچىلەرنى «ئالدىغا بېرىپ قوبۇل قىلىش» مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى

2017-03-20 20:04:54     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ساۋەن ناھىيەسى «كۇرسلارغا كىرىپ خادىم قوبۇل قىلىش» يېڭى ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، يېزىلاردىكى ئېشىنچە ئەمگەكچىلەرنى ھەقسىز تەربىيەلەپلا قالماي، يەنە «ئالدىغا بېرىپ قوبۇل قىلىش» مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ساۋەن ناھىيە قورغاس بازىرى ساۋجاپو كەنتىنىڭ كەنت كومىتېتىدا، ھەر كۈنى 40 نەچچە كەنت ئاھالىسى كەپشەرلەش ماھارىتى بويىچە ھەقسىز تەربىيەلەندى. كەنت ئاھالىسى سۇ گۇاڭچىننىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولغانلىقتىن، نەق مەيداندىلا ئادەم ئىشلەتكۈچى كارخانا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى. سۇ گۇاڭچىن مۇنداق دېدى:- ئىلگىرى كارخانا، زاۋۇتلارغا بېرىپ ئىش ئىزدەيتتۇق. بۈگۈن كارخانىنىڭ ئادەملىرى كۇرسىمىزغا كېلىپ ئىشچى قوبۇل قىلدى. بۇ ھەقىقەتەن ئۆزگىچە شەكىل ئىكەن. مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا ئۆزۈم رازى بولغۇدەك خىزمەتكە ئېرىشكىنىمدىن بەك خۇشال بولدۇم.
ساۋەن ناھىيە خۇيشىن ماشىنىسازلىق ئۈسكۈنىلىرىنى ياساش چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى چېن زۇڭرۇڭ تەربىيەلەش نەق مەيدانىدا خادىم قوبۇل قىلىش ئۇسۇلىدىن رازى بولۇپ مۇنداق دېدى:- تەربىيەلەش كۇرسىغا كېلىپ خادىم قوبۇل قىلغاندا، كارخانا بىلەن خىزمەتچى بىۋاستە ئۇچرىشىپ، كارخانىلار كۇرسانتلار ئارىسىدىن مۇنەۋۋەرلىرىنى تاللاپ قوبۇل قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى.
بۇ يىل ساۋەن ناھىيەسى تۈرلۈك تەربىيەلەش كۇرسىدا 8 مىڭ ئادەم- قېتىمنى تەربىيەلەپ، يېزىلاردىكى 12 مىڭ ئادەم- قېتىم ئېشىنچە ئەمگەكچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدى. ھازىرغا قەدەر، ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى قانات يايدۇرغان ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 38 قارار بولۇپ، كەپشەرلەش، توقۇمىچىلىق، ساتىراچلىق، ئاشپەزلىك، ئاپتوموبىل رېمونتچىلىقى ۋە شوپۇرلۇق، قول ھۈنەر توقۇمىچىلىقى قاتارلىق كەسپلەر بويىچە 3 مىڭ 600 ئادەم- قېتىمدىن ئارتۇق تەربىيەلەندى. 30 نەچچە كارخانا تەربىيەلەش كۇرسىدا بىۋاستە خادىم قوبۇل قىلىپ، نەق مەيداندا 2 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قوبۇل قىلىندى.
تەرجىمان: نازىم
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى