قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىش قائىدىسى»نى تارقاتتى

2017-03-31 17:49:21     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 30- مارت تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىش قائىدىسى» (تۆۋەندە «قائىدە» دېيىلدى) نى تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ جايلار، تارماقلارنىڭ ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشى ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئۆگىنىشچان، مۇلازىمەتچان، ئىجادچان ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم يول، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خاس سىياسىي ئەۋزەللىكى. بۇ قېتىمقى «قائىدە»نىڭ تۈزۈپ ئېلان قىلىنىشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركىزىي گۇرۇپپىنىڭ ئۆگىنىشىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى، شۇنداقلا پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 -، 4 -، 5 -، 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيەنى ئىدىيە جەھەتتىن كۈچەيتىش بىلەن تۈزۈم جەھەتتىن قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر. «قائىدە» نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشىگە ئالاقىدار مەخسۇس پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزامى بولۇش سۈپىتى بىلەن، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش خىزمىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ نەزەرىيە سەۋىيەسى ۋە خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
  «قائىدە»دە پارتىيە نىزامنامىسى تۈپ مىزان قىلىنىپ، پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشىدە سىياسىي ئۆگىنىشنى ئاساس، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشنى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا، ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلنى ئىگىلەش ۋە قوللىنىشنى مەقسەت قىلىپ، مەركەزنى چۆرىدەش، ئومۇملۇققا مۇلازىمەت قىلىشتا، بىلىش بىلەن قىلىشنىڭ بىرلىكىدە، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىشتە، مەسىلىنى ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىشتە، بەلگىلىمە بويىچە باشقۇرۇش، قاتتىق ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. «قائىدە» بەش باب، 17 ماددا بولۇپ، ئۇنىڭدا پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىش خاراكتېرى، ئورنى، پىرىنسىپى، مەزمۇنى، شەكلى، تەلىپى، تەشكىللەش، باشقۇرۇش، باھالاش قاتارلىق جەھەتلەرگە ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى. «قائىدە» دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشىنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈشى، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىگە كىرگۈزۈشى، ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىگە كىرگۈزۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار شۇ دەرىجىلىك مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشىدە سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى، ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىدىكى مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشىدە رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى، پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) شۇجىسى مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشىدىكى 1 - مەسئۇل كىشى بولۇشى، پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)نىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىگە مەسئۇل ئەزالىرى مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشىدىكى بىۋاسىتە مەسئۇل كىشى بولۇشى، مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى «ھالقىلىق ئاز سانلىقلار»نىڭ ئۈلگىلىك ۋە نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى