قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا قىسقا مۇساپىلىك ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەتكە چىقىش يۇقىرى دولقۇنى كۆتۈرۈلدى

2017-04-05 11:23:37     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
چوكانتال بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدا قىسقا مۇساپىلىك ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەتكە چىقىش يۇقىرى دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. كىشىلەر سىرتلارغا چىقىپ، چېچەك سەيلىسى قىلىپ، بايراملىق دەم ئېلىشتىن قانغۇچە ھوزۇر ئالدى.
بۇ يىل چوكانتال بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىمالىي شىنجاڭدىكى بىر قىسىم جايلاردا قار- يامغۇرلۇق ھاۋارايى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، تۇرپاندا ھاۋا ئىللىق بولۇپ، چېچەكلەر ئېچىلىپ، كىشىلەرنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ساياھەت مەنزىلگاھى بولۇپ قالدى. ساياھەتچى جاڭ خانىم مۇنداق دېدى: «تۇرپاندا دەل- دەرەخلەر يېشىللىققا پۈركىنىپ بوپتۇ، كىشىگە بەكمۇ ئارام بەخش ئېتىدىكەن».
چوكانتال بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، بۇغدا كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ ساياھەتچىلەرنى كۈتىۋېلىش سانى 3 مىڭ 640 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەتكە چىققانلار %61 نى ئىگىلىدى. چوكانتال بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ياغقان قار-- چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنى بەكلا خۇشال قىلىۋەتتى. قار پەسىلىنىڭ بىر ھەپتە ئۇزىرىشى بىلەن، يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانى-- مەملىكەت بويىچە ئەڭ بالدۇر تىجارەت باشلاپ، ئەڭ كېيىن تىجارەت توختاتقان چاڭغا تېيىلىش مەيدانى بولۇپ قالىدىغان بولدى. شاڭخەيدىن كەلگەن ساياھەتچى ۋاڭ خانىم مۇنداق دېدى: «چوكانتال بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، چاڭغا تېيىلىشقا بولىدىغان جايلار ناھايىتى ئاز، پەقەت شىنجاڭدىلا بار ئىكەن. بۇ يەردە بەك خۇشال ئوينىدۇق».

تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى