قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئابلىلىم ئابلىز خېنەن ئۆلكىسىنىڭ نەنياڭ شەھىرىگە بېرىپ، ئوت ئۆچۈرۈش قەھرىمانى ۋاڭ فېڭنىڭ ئايالى پەن پىن بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى

2017-04-06 13:20:44     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
ئىستانسىمىز خەۋىرى:
يېقىندا، 2016- يىللىق «جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن شەخس»، قۇمۇل شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ پېنسىيەگە چىققان كادىرى ئابلىلىم ئابلىز خېنەن ئۆلكىسىنىڭ نەنياڭ شەھىرىگە بېرىپ، ئوت ئۆچۈرۈش قەھرىمانى ۋاڭ فېڭنىڭ ئايالى پەن پىن بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى.
بۇلتۇر 5- ئايدا، خېنەن ئۆلكىسىدىكى ئوت ئۆچۈرۈش قەھرىمانى ۋاڭ فېڭ كۆيىۋاتقان ئوت دېڭىزىغا 3 قېتىم كىرىپ ئادەم قۇتقۇزۇپ، 38 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەنىدى. بۇ يىل ئۆتكۈزۈلگەن  2016- يىللىق «جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن شەخس» مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا، قۇمۇل شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ پېنسىيەگە چىققان كادىرى ئابلىلىم ئابلىز ۋاڭ فېڭنىڭ ئايالى پەن پىن بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى. بۇ قېتىم، 66 ياشلىق ئابلىلىم ئابلىز مەخسۇس قۇمۇلدىن ۋاڭ فېڭنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ۋاڭ فېڭنىڭ ئايالى پەن پىننى يوقلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «يېڭى دەۋردە مەيدانغا چىققان ۋاڭ فېڭغا ئوخشاش قەھرىمانلاردىن چوڭقۇر تەسىرلەندىم. يولداش ۋاڭ فېڭ-- خېنەن خەلقىنىڭ ياخشى ئوغلى، دەۋر ئۈلگىسى، يېڭى دەۋردىكى قەھرىمان شەخس شۇنداقلا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى بولۇپ، ئۇنىڭ خالىس تۆھپە قوشۇش روھىدىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك.»
ئابلىلىم ئابلىز پەن پىن ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە نان، چىلان قاتارلىق يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى ئېلىپ باردى ھەمدە ئۇنىڭ ئىككى بالىسىنىڭ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلدى. پەن پىن بۇنىڭدىن چوڭقۇر تەسىرلەندى. پەن پىن مۇنداق دېدى: «نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى شىنجاڭدىن بىزگە ئىللىقلىق ئېلىپ كەلدى. بۇنىڭدىن بەكمۇ تەسىرلەندىم. شىنجاڭلىق دوستلار بەكمۇ قىزغىن بولۇپ، ئۇلارنى تۇغقىنىمدەك كۆرىمەن. شۇنچە كۆپ تۇغقانلىرىم كەينىمدە يار- يۆلەك بولۇپ، ماڭا كۈچ- قۇۋۋەت ئاتا قىلدى.»
1968- يىلى، ئابلىلىم ئابلىز خېنەن ئۆلكىسىنىڭ لەنكاۋ ناھىيەسىگە بارغان بولۇپ، شۇ قېتىمقى لەنكاۋ سەپىرى ئۇنىڭ ھاياتىغا چوڭقۇر تەسىر قىلغانىدى. 46 يىلدىن بۇيان، ئۇ خىزمەتلەرنى تىرىشىپ ئىشلەپ، جياۋيۈلۇغا ئوخشاش ياخشى پارتىيە ئەزاسى، ياخشى كادىر بولۇشقا تىرىشتى. پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنمۇ، ئۇ قانۇن تەشۋىقاتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش جەھەتتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتناشتى. بۇ قېتىم نەنياڭ شەھىرىگە بېرىشتا، ئۇ جىڭجۇدا ئىگىلىك تىكلىگەن دوستى ئادىل مەمەت بىلەن بىللە بېرىپ، پەن پىن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى.
ئابلىلىم ئابلىز مۇنداق دېدى: مەن پەن پىننىڭ يىراق شىنجاڭدىكى تۇغقىنى بولسام، دوستۇم ئادىل مەمەت ئۇنىڭ جىڭجۇدىكى ئۇيغۇر تۇغقىنى بولدى. ئۇ مەيلى قانداق قىيىنچىلىققا ئۇچرىسۇن، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياردەم قىلىمىز. ۋەتىنىمىز-- 56 مىللەتتىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتى-- دۆلەتنىڭ جان تۇمۇرى ھىساپلىنىدۇ. بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى خۇددىي كۆز قارچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ئۆز ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەيمىز.
تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى