قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭ ترامپ بىلەن جۇڭگو-ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزىدۇ

2017-04-07 16:06:39     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا پالم ساھىلى بازىرى، 6-ئاپرېل تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئاپرېل مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن ئامېرىكىنىڭ فلورىدا ئىشتاتىغا باردى، شى جىنپىڭ مار ئا لاگو قورۇقىدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن جۇڭگو-ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزىدۇ. 

 شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 1 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان فلورىدا ئىشتاتىنىڭ غەربىي پالم ساھىلى خەلقئارا ئايروپورتىغا قوندى. شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى تىللېرسېن ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى قاتارلىقلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. ھۆرمەت قاراۋۇلى قىزىل گىلەمنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇردى.  

 شى جىنپىڭ 4-ئاينىڭ 6 -، 7-كۈنى ترامپ بىلەن جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى، شۇنىڭدەك ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. بۇ، ئامېرىكا يېڭى ھۆكۈمىتى تەختكە چىققاندىن بۇيان ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشى.  

ھەمراھ بولۇپ بارغان ۋاڭ خۇنىڭ، ۋاڭ ياڭ، لى جەنشۇ، ياڭ جيېچى قاتارلىقلار شۇ ئايروپىلاندا بىللە كەلدى.   

جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىسى سۈي تيەنكەيمۇ ئايروپورتقا چىقىپ كۈتۈۋالدى.  شى جىنپىڭ فىنلاندىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ئامېرىكىغا باردى. خېلسىنكىدىن ئايرىلغاندا فىنلاندىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى سوئىنى قاتارلىقلار ئايروپورتقا چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى