قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭ بىرما زۇڭتۇڭى ۋۇ تىڭجۆ بىلەن سۆھبەتلەشتى

2017-04-12 19:04:59     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 – ئاينىڭ 10 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4 – ئاينىڭ 10 – كۈنى خەلق سارىيىدا بىرما زۇڭتۇڭى ۋۇ تىڭجۆ بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇش، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈشتىن ئىبارەت ئېسىل ئەنئەنىسى، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشتەك ھەمكارلىق فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو، بىرما مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت – سائادەت يارىتىشقا بىردەك قوشۇلدى.
  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن بىرمانىڭ تاغ – دەريالىرى تۇتاش، خەلقلىرىنىڭ قېرىنداشلىق مېھرى چوڭقۇر.
  دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 67 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ئاساسىدا سىجىل تەرەققىياتقا ئېرىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى. جۇڭگو بىرما بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، بىرما بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو – بىرما مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى چىڭ ئىگىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مەڭگۈ ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى قېرىنداش، ياخشى ھەمراھ بولۇشنى خالايدۇ.
 شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن بىرما يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر – بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان چوڭ مەسىلىلەردە ئۆزئارا قوللاپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو بىرمانىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنى ئاكتىپ قوللىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا قاتناشقانلىقىدىن مەمنۇن، بىرما بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سودا، مەبلەغ سېلىش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى، سۇچىلىق، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، پۇل مۇئامىلە، چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹جياۋپياۋ›› ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونى قاتارلىق ئىككى تەرەپ نۇقتىلىق ھەمكارلاشقان، شۇنداقلا ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك تۈرلەرنىڭ بالدۇرراق يولغا قويۇلۇشىنى، بۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگو – بىرما ھەمكارلىقىدا كۆپرەك بىرمانىڭ مائارىپ، يېزا تەرەققىياتى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە مايىللىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئىككى تەرەپ ئادىمىيەت ئالاقىسى ھەمكارلىقىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىپ، مەدەنىيەت، مائارىپ، ياشلار، سەھىيە، ساياھەت، تاراتقۇ، دىن قاتارلىق ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ئەلرايى ئاساسىنى پۇختىلىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ب د ت، شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقى، لەنساڭجياڭ – مېكوڭ دەرياسى ھەمكارلىقى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سورۇنلاردا ماسلىشىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. جۇڭگو بىرمانىڭ ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىغا ھۆرمەت قىلىدۇ، بىرمانىڭ دۆلەت ئىچى تىنچلىق مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە داۋاملىق ئىجابىي رول ئويناپ، بىرما بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو – بىرما چېگرا رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدايدۇ.
 ۋۇ تىڭجۆ مۇنداق دېدى: بىرما بىلەن جۇڭگو 1950 – يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ئاساسىدا ياخشى تەرەققىي قىلىپ كەلدى، بىرما بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقى ئەنئەنىۋى قېرىنداشلىق مېھرىدىن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە ئۆستۈرۈلدى. بىرما جۇڭگونىڭ بىرمانىڭ دۆلەت تەرەققىياتى ئۈچۈن بەرگەن ياردىمى ۋە خەلقئارا سورۇنلاردا بىرمانى كۈچلۈك قوللىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، جۇڭگونىڭ بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي يارىشىش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ. بىرما بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى قوللاپ ھەم ئۇنىڭغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى قاتارلىق ساھەلەردىكى نۇقتىلىق تۈرلەر ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا، رايون ئىشلىرىدا ماس ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.
 سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد – تېخنىكا، داۋالاش، تەنتەربىيە، قاتناش، ئورمانچىلىق، مەدەنىيەت يادىكارلىقى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا شاھىت بولدى.
 ئىككى تەرەپ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە بىرما فېدېراتسىيە جۇمھۇرىيىتى قوشما ئاخباراتى›› ئېلان قىلدى.
 سۆھبەتتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي ئىشىكى سىرتىدىكى مەيداندا ۋۇ تىڭجۆنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يەن جۈنچى، دۆلەت كومىسسارى ياڭ جيېچى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ جيارۈي قاتارلىقلار مۇراسىمغا قاتناشتى.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى