قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىنجاڭ بوغدا كۆلى باشقۇرۇش كومىتېتى بوغدا كۆلىنىڭ 29 تۈرلۈك ساياھەت تۈرىنى ئېلان قىلدى

2017-04-12 17:46:05     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
شىنجاڭ بوغدا كۆلى باشقۇرۇش كومىتېتى يېقىندا بوغدا كۆلىنىڭ بۇ يىلقى 38 تۈرلۈك ساياھەت پائالىيىتى ۋە يېڭىدىن ئاچماقچى بولغان 29 تۈرلۈك ساياھەت تۈرىنى ئېلان قىلدى. يېڭىدىن ئاچماقچى بولغان 29 ساياھەت تۈرىدىكى بىر قىسىم تۈرلەر ئەڭ تېز بولغاندا مۇشۇ ئاي ياكى كېلەر ئايدا ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلىدىكەن. قالغان تۈرلەر بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا كەينى- كەينىدىن يولغا قويۇلىدىكەن. بالىلار- ئوقۇغۇچىلار، ياشانغانلار، مېيىپلەر، ھەربىيلەر، ئالاقىدار گۇۋاھنامىلىرى بار كىشىلەر ۋە باشقا توپتىكىلەر، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئالتە ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ كىرىش بېلىتى، ئارىلىق ئاپتوبۇس بېلىتى ھەقسىز ئىكەن. ئىگىلىنىشىچە، بوغدا كۆلىنىڭ كىرىش بېلىتى مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ 125 يۈەن، ئارىلىق ئاپتوبۇس بېلىتى 90 يۈەنگە تەڭشەلگەن.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى