قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشتى

2017-04-14 19:27:40     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 – ئاينىڭ 12 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4 – ئاينىڭ 12 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشتى.
  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن يېقىندا مار ئالاگو قورۇقىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۈم، بۇنىڭغا جۇڭگو خەلقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت ئىجابىي باھا بەردى. زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقى ۋە پائالىيەتلەرنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرغانلىقىغا رەھمەت.
 شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىز مار ئالاگو قورۇقىدا يېڭى مەزگىلدىكى جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتى، شۇنداقلا زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن ئۆزئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ياخشى خىزمەت مۇناسىۋىتى ئورناتتۇق. كېيىنكى قەدەمدە، ئىككى تەرەپ دىپلوماتىيە خەۋپسىزلىكى، ئومۇمىي ئىقتىساد، قانۇن ئىجراسى ۋە تور بىخەتەرلىكى، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسىدىن ئىبارەت تۆت يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبەت مېخانىزمىدىن پايدىلىنىپ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ‹‹100 كۈنلۈك پىلان››ىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرى، قانۇن ئىجراسى، ئادىمىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىمكانقەدەر دەسلەپكى ئۈنۈمنى كۆپرەك قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىشى كېرەك. ئىككى تەرەپنىڭ خىزمەت كوللېكتىپى زىچ ھەمكارلىشىپ، زۇڭتۇڭ ئەپەندى بۇ يىل جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
 ترامپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فىلورىدا ئىشتاتىدىكى مار ئالاگو قورۇقىدا رەئىس شى جىنپىڭنى كۈتۈۋالغانلىقىمدىن ھەم جۇڭگو – ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ قويۇق ئالاقىنى داۋاملىق ساقلىشى ئىنتايىن مۇھىم. مەن ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ئورتاق تىرىشىپ، كەڭ ساھەدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشىگە قوشۇلىمەن. جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشقا تەقەززامەن.
 ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى قاتارلىق ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.
 شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: جۇڭگو يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش نىشانىغا يېتىشتە، يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشتا چىڭ تۇرىدۇ، مەسىلىلەرنى تىنچلىق يولى بىلەن ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئامېرىكا بىلەن يېرىم ئارال مەسىلىسىدە ئالاقىلىشىش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالايدۇ.
 شى جىنپىڭ سۇرىيە مەسىلىسى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خىمىيەۋى قورال ئىشلىتىلىدىغان ھەرقانداق ھەرىكەتنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. سۇرىيە مەسىلىسىدە سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىتتىپاقلىقنى ساقلىشى سۇرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بىردەك پىكىردە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
 ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق قويۇق ئالاقىنى ساقلاشقا قوشۇلدى.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى