قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تۇرپان شەھىرى تەمىناتتا يانداش قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ساغلام، سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ

2017-04-14 13:41:42     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
تۇرپان شەھىرى بۇ يىللىق نوقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىدا يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىناتتا يانداش قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ساغلام، سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
باھار ئاپتىپى پارلىغان 4-ئايدا، تۇرپان شەھىرىدىكى ھەر قايسى نوقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى مەيدانلىرى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى. پىچان ناھىيەسىدىكى خېشېڭ كەسپ باغچىسىدا، نەچچە ئون قۇرۇلۇش ئاپتوموبىلى جىددىي مەشغۇلات قىلىۋاتقان بولۇپ، 2 كۆپەيتىلگەن 350 مېگاۋاتلىق ئىسسىقلىق ۋە توكنى تەڭ تارقىتىش تۈرى، 400 مىڭ توننىلىق سانائەتتە ئىشلىتىدىغان كرېمنىي، 6 كۆپەيتىلگەن 50 مېگاۋاتلىق سانائەتتە ئىشلىتىدىغان كرېمنىي گازىنىڭ قالدۇق ئىسسىقلىقىدىن پايدىلىنىپ توك تارقىتىش، 75 مىڭ توننىلىق كرېمنىيغا ئىشلىتىدىغان سۈرمە تاش ئېلېكتىر قۇتۇپى، 20 مىڭ توننىلىق ئېلېكترولىزلانغان مىس ياپراقچە تۈرى قاتارلىق تۈرلەردە ئارقا - ئارقىدىن ئىش باشلانغانىدى. بارلىق تۈرلەر تاماملانغاندىن كېيىن، 5 مىڭدىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدىغان، كرېمنىي ئاساس قىلىنغان يېڭى ماتېرىيال ئايلانما ئىگىلىك كەسپ باغچىسى شەكىللىنىدۇ. پىچان ناھىيە پىچان بازىرى تېتىر كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئالىمجان ئابدۇلنىڭ كارخانىدا ئىشلەۋاتقىنىغا 2 يىل بولۇپ قالغانىدى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ـــــ تۇرمۇشىمىز، پاراۋانلىقىمىز ياخشى، مائاشىمىز يۇقىرى. ئىشتىن چۈشكەندە شىركەتنىڭ ئاپتوموبىلى ناھىيە بازىرىغا ئاپىرىپ قويىدۇ، ئىشقا بارغىچىمۇ شىركەتنىڭ ئاپتوموبىلىدا بارىمىز. بۇ شىركەتتە ئىشلىگەندىن كېيىن، ئائىلىمىزنىڭ ھال - كۈنى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلاندى.
تۇرپان شەھىرى بۇ يىللىق نوقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىدا يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىناتتا يانداش قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، سىجىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرىدۇ. يەرلىكتىكى ئىش باشلانغان نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ بىرى -شىنجاڭ خۇاديەن ئىدىقۇت ئىسسىقلىق - توك تارقىتىش شىركىتىنىڭ 2 كۆپەيتىلگەن 350 مىڭ كلوۋاتلىق ئىسسىق - سوغۇق ئېنىرگىيە ۋە توكنى تەڭ ئىشلەپچىقىرىش تۈرىدە، ۋاستىلىق سوۋۇتۇش تېخنىكىسى قوللىنىلىپ، بۇلغىما سۇ قويۇپ بېرىلمەيدۇ. بۇ تۈر ئىدىقۇت رايونىنى ئىسسىق - سوغۇق ئېنىرگىيە بىلەن، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش سانائەت باغچا رايونىنى سانائەت پارى بىلەن تەمىنلەيدۇ. شىركەتنىڭ باش دېرىكتورى ۋاڭ تاۋ مۇنداق دېدى: ــــ بۇ تۈر شەھىرىمىزنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ، شۇنداقلا تۇرپان شەھىرىنىڭ كۆمۈر، ترانسپورت، ئەشيا ئوبوروتى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ ئېلېكتىر زاۋۇتىدا دۆلىتىمىزنىڭ بۇلغىمىنى پەۋقۇلئاددە ئاز قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى مۇھىت ئاسراش ئۆلچىمى ئىجرا قىلىنغان بولۇپ، شەھەردىكى نۇرغۇن كىچىك پار قازانلارنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ. شۇڭا ئۇ مۇھىت ئاسراشتىمۇ ئىنتايىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئىگىلىنىشىچە، تۇرپان شەھىرىدە قۇرۇلۇش ئەسلىگە كەلگەن نوقتىلىق تۈرلەر 9 چوڭ ساھەنى قاپلىغان بولۇپ، جەمئىي 121 تۈرگە 89 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 2017-يىلى 28 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان. تۇرپان شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جۇ گوفېڭ مۇنداق دېدى: ـــــ بۇ تۈرلەر مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىسلاھاتنىڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يەرلىكتە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىمۇ پائال رول ئوينايدۇ.

تەرجىمان: نازىم

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى