قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كۈنەس ناھىيە تۈرگۈن يېزىسىدىكى 30 مىڭ مودىن ئارتۇق ئىپتىدائىي ياۋا ئۆرۈك دەرەخلىرى چېچەكلەپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى

2017-04-17 19:45:19     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
4- ئاي كىرگەندىن بۇيان، كۈنەس ناھىيە تۈرگۈن يېزىسىدىكى 30 مىڭ مودىن ئارتۇق ئىپتىدائىي ياۋا ئۆرۈك دەرەخلىرى چېچەكلەپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.
ئىللىق باھار ئاپتىپىدا، كۈنەس ناھىيە تۈرگۈن يېزىسىنىڭ ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسىدىكى 30 مىڭ مودىن ئارتۇق ياۋا ئۆرۈك دەرەخلىرى ھۈپپىدە چېچەكلىگەن بولۇپ، ساياھەتچىلەر ئۆرۈك دەرەخلىرى ئاستىدا بەس-بەستە سۈرەتكە چۈشتى. خەلقئارا فوتوگرافلار جەمئىيىتى جۇڭگو شىنجاڭ شۆبە جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى لى جيالى مۇنداق دېدى:- بۇ يەرنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كېلىشىم. توردىمۇ بەزى سۈرەتلەرنى كۆرگەنىدىم. لېكىن، ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ، بۇ يەردىكى ئاسماننىڭ تېخىمۇ كۆك، قارنىڭ تېخىمۇ ئاق، چېچەكلەرنىڭ تېخىمۇ چىرايلىقلىقىنى ھىس قىلدىم. بۇ جاينى بىزنىڭ ئىلى دىيارىدىكى مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ ئۈلگىسى دېيىشكە بولىدىكەن، كەلگىنىم ھەقىقەتەن توغرا بوپتۇ.
كۈنەس ناھىيەسى بۇ يىل 4 مىليون 600 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسىدا چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قۇرۇپ، 2 مىڭ 200 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا ياغاچ يول ياسىدى ھەم ئاممىۋى ھاجەتخانا قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى ياخشىلاپ، ساياھەتچىلەرگە ياخشى مۇھىت يارىتىپ بەردى. ئۈرۈمچىلىك ساياھەتچى چى يەنشيا مۇنداق دېدى:- بۇ يەرگە ئىككىنچى قېتىم كېلىشىم. بۇلتۇر بۇنداق ياغاچ يوللار يوق ئىدى، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىمۇ ھازىرقىدەك ئۆلچەملىك ئەمەس ئىدى. مانا ھازىر پىيادە مېڭىپ چېنىقىشقىمۇ، مەنزىرىنى تاماشا قىلىشقىمۇ ماس كېلىدىغان بوپتۇ، ھاۋاسىمۇ بەك ياخشىكەن. بۇنداق گۈزەللىكنى شەھەردە ھەرگىز ھىس قىلالمايمىز.
نىسبەتەن كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، بۇ يىل كۈنەس ناھىيەسىدە ئەتىياز پەسلى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن 10 نەچچە كۈن كېچىكىپ، مۇشۇ ئاينىڭ 15- كۈنىگە كەلگەندە تۈرگۈن يېزىسىدىكى ئۆرۈكلەر تولۇق چېچەكلەش مەزگىلىگە كىردى. يېرىم ئايدىن بۇيان، مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 50 مىڭ ئادەم- قېتىم ئەتراپىدا بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرىنىڭ سانىلا مىڭدىن ئاشتى. خاربىندىن كەلگەن فوتو سۈرەت ھەۋەسكارى جاڭ شيەنلىڭ مۇنداق دېدى:- بۇ يەرگە تۇنجى قېتىم كېلىشىم، مەنزىرىسى ئاجايىپ گۈزەل ئىكەن. كۆز يەتكۈسىز يايلاق، گۈل دېڭىزىغا ئوخشاش چېچەكلىك نىمىدېگەن چىرايلىق. بىز تۇرغان كىگىز ئۆينىڭ مىللىيچە ئالاھىدىلىكى كۈچلۈك، خوجايىنمۇ بەك قىزغىن ئىكەن، بىللە ئۇسسۇل ئوينىدۇق. بەك كۆڭۈللۈك بولدى، كېلەر يىلى يەنە كېلىمەن.

تەرجىمان: نازىم

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى