قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى 2020- يىلىغا بارغاندا ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دۆلەت تىلى ۋە يېزىقىنى ئاساسەن ئىگىلىشى ۋە ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ

2017-04-17 11:55:27     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئوقۇشتىن بۇرۇنقى قوش تىل مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، 2020- يىلىغا بارغاندا ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دۆلەت تىلى ۋە يېزىقىنى ئاساسەن ئىگىلىشى ۋە ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
4- ئاي كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يېزا قوش تىل يەسلىسى قۇرۇلۇشلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن ئىش باشلاندى. بۇ يىل 9- ئايدا كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۈمى باشلانغاندا، جايلاردىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ ھەممىسى يېڭى يەسلىلەرگە كىرىپ، ھەقسىز قوش تىل مائارىپى قوبۇل قىلىدۇ. دۆربىلجىن ناھىيەسى يېزا قوش تىلى يەسلىسى تۈرىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ يۇڭ مۇنداق دېدى:- قۇرۇلۇش 7- ئاينىڭ 31- كۈنى پۈتۈپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدۇ. يېڭى مەۋسۈمدە 3 مىڭغا يېقىن بالا يېڭى يەسلىلەرگە كىرىپ ئوقۇيدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق 9- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا: قوش تىل مائارىپىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇشتىن بۇرۇنقى قوش تىل مائارىپىنى زور كۈچ سەرپ قىلىپ چىڭ تۇتۇپ، قوش تىل مائارىپىغا مەدەت بېرىش سىياسەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلاردا ئوقۇشتىن بۇرۇنقى 3 يىللىق ھەقسىز قوش تىل مائارىپى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يېزىلاردىكى قوش تىل يەسلىسى يېزىلاردا ئوقۇشتىن ئىلگىرى 3 يىللىق ھەقسىز قوش تىل مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. ئاپتونوم رايون بۇ يىل يېزا قوش تىل يەسلىسىدىن 3 مىڭ 682 نى يېڭىدىن، 334 نى داۋاملىق قۇرىدۇ. بارلىق تۈرلەردە 8- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە قۇرۇلۇش تاماملىنىپ، 9- ئايدىكى يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىدە ئومۇميۈزلۈك ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
ئوقۇشتىن بۇرۇنقى قوش تىل مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يالغۇز ئازادە، يورۇق سىنىپلار بولسىلا كۇپايە قىلمايدۇ. يەنە لاياقەتلىك قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى سەپلەش كېرەك. قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرى قىس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز 4 خىل يول ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ. بىرىنچىدىن، ئوقۇشتىن بۇرۇنقى قوش تىل مائارىپىغا ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىدىكى ئالاھىدە ئىش ئورنىنى ئەسلىدىكى 3 مىڭ 500دىن 10 مىڭغا كۆپەيتىدۇ. ئىككىنچىدىن، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە-شەھەرلەرنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىچكىرىدىكى يېڭىدىن ئىشقا چۈشكەن ئوقۇتقۇچىلارنى شىنجاڭغا كېلىپ مائارىپقا 1 يىل ياردەم بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ھازىرقى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىدۇ. تۆتىنچىدىن، كادىرلارنىڭ مائارىپقا ياردەم بېرىشى، پراكتىكانت ئىستۇدېنتلارنىڭ مائارىپقا ياردەم بېرىشىنى داۋاملىق قوللاپ، ياردەم بېرىش كۆلىمىنى ھازىرقى يىلىغا 12 مىڭ ئادەمدىن ئاز دېگەندە 20 مىڭ ئادەمگە كېڭەيتىدۇ.
چېن تىڭتىڭ شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىدىن يەكەن ناھىيە تاغارچى يېزىلىق مەركىزىي يەسلىگە مائارىپقا ياردەم بېرىشكە چۈشكەن ئوقۇتقۇچى بولۇپ، مائارىپقا ياردەم بېرىش جەريانىدا، ئۆزىمۇ مول ھوسۇل ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:- بۇ قېتىم مائارىپقا ياردەم بېرىش ئارقىلىق، ئىلگىرى ئۆگەنگەن ئوقۇتۇش بىلىمى ۋە ئوقۇتۇش نەزەرىيەلىرىنى بىرىنچى سەپتە بالىلارنى تەربىيەلەشكە ھەقىقىي تەدبىقلاش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم. شۇنداقلا بۇ نەزەرىيە ۋە ئۇسۇللارنى يەرلىكتىكى تېخىمۇ كۆپ ئوقۇتقۇچىلارغا ئۆگىتىپ، ئۇلار بىلەن تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ، يەرلىكتنىڭ يەسلى مائارىپىغا ھەسسە قوشۇشتا تېگىشلىك بۇرچۇمنى ئادا قىلدىم.
ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ يىللىق «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا، يېزىلاردا ئوقۇشتىن بۇرۇنقى 3 يىللىق ھەقسىز قوش تىل مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، يەسلى يېشىدىكى ھەر بىر بالىنى ئىللىق، راھەت مۇھىتتا بەختلىك، خۇشال-خۇرام تۇرمۇش كەچۈرۈش ۋە ئۆسۈپ-يېتىلىش شارائىتىغا ئىگە قىلىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مائارىپقا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار ۋە يەرلىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جايلاردىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ قوش تىل ئۆگىنىش قىزغىنلىقى تېخىمۇ كۈچىيىپ، سەۋىيەسىدىمۇ زور ئىلگىرىلەش بولماقتا.

تەرجىمان: نازىم

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى