قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 ئاپتونوم رايونىمىز 13- بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇ- ئوقۇتۇش شارائىتىنى داۋاملىق ياخشىلايدىكەن

2017-04-19 17:25:14     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «نامرات رايونلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئاساسىي ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي ئوقۇ-ئوقۇتۇش شارائىتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش» قۇرۇلۇشىغا 1 مىليارت 648 مىليون يۈەن سېلىنىدىكەن
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «نامرات رايونلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئاساسىي ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي ئوقۇ-ئوقۇتۇش شارائىتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش» قۇرۇلۇشىغا 1 مىليارت 648 مىليون يۈەن سېلىنىدىكەن. بۇنىڭ ئارىسىدا يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئاساسىي ئاجىز مەكتەپلەرنى ئۆزگەرتىش تۈرىگە 1 مىليارت 202 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 81 ناھىيە، شەھەر، رايوندىكى 769 مەكتەپ ۋە ئوقۇتۇش نۇقتىسىنى قاپلايدىكەن، بۇ ئومومىي ساننىڭ % 86 ىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، نۇقتىىق تۈردە كەنت دەرىجىلىك باشلانغۇچ مەكتەپلەر، ئوقۇتۇش نۇقتىلىرى ۋە يېزا- بازارلاردىكى مەركىزى مەكتەپلەرنىڭ سىنىپ، ياتاق قۇرۇلۇشىنى قىلىشقا، كىتاب، ئەسلىھە- ئۈسكۈنە قاتارلىقلارنى سېتىۋالىدىغانغا ئىشلىتىدىكەن؛ شەھەر- يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجەت كاپالىتى مېخانىزىمىدىكى مەكتەپ ياتىقىنى رېمونت قىلىش تۈرىگە 446 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى، يېزىلاردىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ سىنىپ، ياتاقلىرىنى رېمونت قىلىش، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشلىرىغا ئىشلىتىلىدىكەن. 2020- يىلىغىچە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى باسقۇچىدىكى ماس ياشتىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش ئومومىي نىسبىتى %90 لىك نىشانغا، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى 536 مىڭ 600 گە يەتكۈزۈلۈپ، بىڭتۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 38 مىڭ 600 ئوقۇغۇچى ساپ ئاشۇرۇلىدىكەن. ئاپتونوم رايونىمىز 13- بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇ- ئوقۇتۇش شارائىتىنى داۋاملىق ياخشىلايدىكەن.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى