قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئىرادىڭىزنى يۇقاتماڭ

2017-04-19 17:27:55     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
 مەلۇم بىر سەۋەنلىك تۇپەيلىدىن خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالغان بىر ياش، روھى جەھەتتىن ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويۇپتۇ-دە، ھاياتتىكى ھەممە نەرسىدىن راھى يېنىپ، مەھەللىسىدىكى دوقمۇشتا ئاچچىق موخۇركا چېكىپ ئولتۇرىدىغان بولىۋاپتۇ.
بۇرۇندىن ياخشى تەرىپىنى ئاڭلىغان بۇ ياشنىڭ يېقىندىن بۇيانقى روھسىز ھالىتىنى كۆرگەن بىر پىشقەدەم خانىم، بىر كۈنى خىزمەت ئورنىغا كىتىۋېتىپ، بۇ ياشنىڭ شۇنچە مېسكىن ھالىتىنى كۆرۈپ:
-سىز بۇرۇندىن مەن تونۇيدىغان ياخشى بىر ياش ئىدىڭىز، بىراق بۈگۈنكى بۇ ھالىتىڭىزنى كۆرۈپ، مەن سىزگە ئىشەنمىدىم. مەن سىزنىڭ ئىش كىچىككىنە ئىش تۈپەيلىدىن ئۆزىڭىزنى بۇنچە تۈگەشتۈرۋېلىشىڭىزنى ئويلىمىغان ئېكەنمەن،-قاراڭ يىگىت، سىز ئائىلىڭىزدىن، بالا-چاقىلىرىڭىزدىن، ئۈمۈدىڭىزدىن، غەيرىتىڭىزدىن، ئىككى قولىڭىزدىن، ئىرادىڭىزدىن، كاللىڭىزدىن ئايرىلىپ قالمىدىڭىز. بايلىقتىن ئايرىلغان بىلەن دوسلىرىڭىزنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىڭ. يېنىڭىزدىكى ئاۋۇ چۆمۈلىگە قاراڭ دەپتۇ-دە ئۆز يولىغا كېتىپ قاپتۇ.
يىگىت، ئايال كۆرسەتكەن ھېلىقى چۆمۈلىگە قاراپتىكەن، بىر تال داننى سۆرەپ كېتىۋاتقۇدەك. گەرچە ھېلىقى بىر تال دان چۆمۈلىگە نىسبەتەن بىر قەدەر چوڭ بولسىمۇ، چۆمۈلىنىڭ تىرىشچانلىقى يىگىتنى قايىل قىپتۇ-دە، ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىپتۇ. بىر نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ھېلىقى يىگىت مەھەللىسىدىكى ھەممە ئېتراپ قىلىدىغان، ھالال ئەمگىگى بىلەن بېيىغان كارخانىچىلاردىن بولۇپ قاپتۇ.
ھېكمەت: بىرەر ئاۋارىچىلىككە يولۇققاندا بېشىنى ئىچىگە يۇپۇرۇپ يۈرۈش ياخشى چارە ئەمەس، كۆپىنچە كىشىلەر خىزمەت ئورنىدا خىزمەتنى ياخشى قىلالمىغانلىقىدىن ئەمەس، پوزىتسىيەسىنىڭ ناچارلىقىدىن ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇلىدىغان ئەھۋاللار بولۇپ قالىدۇ. ھەرقانداق بىر بەخت-ئامەتمۇ مەلۇم جاپا-مۇشەققەتلەرنىڭ كەينىگە يۇشۇرۇنغان بولىدۇ. ھاياتتا جاپاغا چىداش، خىزمەتكە ئەستايدىل پوزىتسىيە تۇتۇش، ئۈمۈتۋارلىق بىلەن ئالغا ئىنتىلىش تىرىشىشلارنىڭ ھەممىسى سىزگە ئامەت ئېلىپ كېلىدۇ.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى