قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جىگەر قېتىش كېسەللىكى بىمارلىرى تۆت نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك

2017-04-19 17:30:28     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
1. يىرىك، قاتتىق يېمەكلىلەرنى يېمەسلىك. ئاشقازان ئاستى ۋە قىزىلئۆڭگەچنىڭ تۆۋەن قىسمىدىكى ۋېنا تومۇر كېڭەيتىپ كەتكەندىن كېيىن، سىرتقى يۈزىنى نېپىز بىر قەۋەت شىلىمشىق پەردىلا ئوراپ تۇرىدۇ. يىرىك ۋە قاتتىق يېمەكلىكلەر بۇ نېپىز پەردىنى ئاسانلا زەخمىلەندۈرۈپ، قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا جىگەر قېتىش كېسەللىك بىمارلىرى قاتتىق، يىرىك، ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىكى، يۇمشاق، گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى دۈملەپ يېيىشكە ئادەتلىنىشى كېرەك.
2. كۈچلۈك ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىش. كۈچلۈك ھەرىكەت تومۇرنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇپ، ئاشقازان ئاستى ۋە قىزىلئۆڭگەچنىڭ تۆۋەن قىسمىدىكى ۋېنا تومۇرنىڭ يېرىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا بۇنداق كىشىلەر ئېغىرلىق كۆتۈرۈش، يىراققا، ئېگىزگە سەكرەشتەك تەنھەرىكەت تۈرلىرىگە قاتناشماسلىقى كېرەك.
3. كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇش. كەيپىياتنىڭ تۇراقسىزلىقى سمپاتىك نېرۋىلارنى جانلاندۇرۇۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قان تومۇرلارنىڭ بېسىمى تېزلىكتە ئارتىپ، قاتناش ئەھۋاللىرى كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا جىگەر قېتىش كېسەللىك بىمارلىرى كەيپىياتىنى ياخشى تۇتۇپ، قاتتىق ھاياجانلىنىش ۋە تەشۋىشلىنىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.
4. دورىنى ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىش. جىگەر قېتىش كېسەللىك بىمارلىرى قالايمىقان دورا ئىشلەتمەسلىكى، ئاشقازان دورىلىرى ۋە قاننى جانلاندۇرىدىغان دورىلارنى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىشلىتىشى كېرەك.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى