قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئائىلە ـــ خارەكتېرنى يېتىلدۈرىدىغان مەكتەپ

2017-04-19 17:31:27     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
ئادەمنىڭ ياش ياكى قېرىغان مەزگىللىرىدە بولسۇن، ياخشى ئائىلە ھەقىقەتەن ياخشى ھېسابلىنىدۇ. ئائىلىدە ياشلار بىلەن ياشانغانلار شاد-خوراملىقنى، سەۋر-تاقەتنى، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى، ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقنى ئۆگىنىۋالىدۇ. ئۇلۇغ بىر ئانائائىلە ئىشلىرىنى تولىمۇ رەتلىك باشقۇرىدۇ، قاتتىق قول بولىدۇ. بالىلارنىڭ كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىدە ئۇ ئىنتايىن مېھرىبان بولىدۇ، بالىلىرى بىلەن ئىناق ئۆتىدۇ. بالىلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇشنى تولىمۇ ياقتۇرىدۇ. بۇ ھال ئانىنى ئىنتايىن شادلاندۇرىدۇ.
ئائىلە ئەڭ ياخشى مۇراسىم مەكتىپى. ئائىلىدە ئاياللار ھامان مۇنەۋۋەر ئۇستاز بولىدۇ. ئائىلىدە ئايال بولمىسا ئەرلەرنىڭ ئىشى چاتاق بولىدۇ. چوڭقۇر مۇھەببەت ئائىلىنى مەركەز قىلغان ھالدا ھاسىل بولىدۇ.
چېقىلغىلى بولمايدىغان مۇقەددەس ئائىلىدە ئەڭ دانا ۋە ئەڭ مۇنەۋۋەر ئادەملەر ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ «بالىلارنىڭكىدىن تۆۋەن» بولغانلىقى ئۈچۈن نۇمۇس ھېس قىلمايدۇ. ئەكسىچە، خوشاللىق ھېس قىلىدۇ، بەخت دەپ بىلىدۇ. ئائىلىۋى تۇرمۇشتا ئاق كۆڭۈل، مەسئۇلىيەتچان ئادەم بولسا، ئۇ ئاممىۋى تۇرمۇشتىكى مەسئۇلىيەتچانلىق ئۈچۈن ئاساس يارىتىدۇ.
ئەمما ئائىلىنىڭ ھەممىسىلا خارەكتېرىنى يېتىلدۈرىدىغان ئەڭ مۇنەۋۋەر مەكتەپ بولۇۋەرمەيدۇ. ئائىلە يەنە ئەڭ ناچار مەكتەپمۇ بولۇپ قالىدۇ. بالىلىق دەۋرىدىن يىگىتلىك دەۋرىگە كىرگەن مەزگىللەردە نۇرغۇن بەختسىزلىكنى تامامەن ئائىلە كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مۇبادا سىز بالىنى نادان بىر ئايالنىڭ بېقىپ تەربىيەلىشىگە تاپشۇرسىڭىز، ئۇ بالا كېيىنكى كۈنلەردە ھېچقانداق تەربىيەگە ئىگە بولالمايدۇ، قۇتۇلدۇرۋالغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يېتىدۇ. مۇبادا بىر ئانا راھەتكە بېرىلىپ، ئەمگەكتىن بەزسە، نىيىتى دۇرۇس بولمىسا، شاللاقلىق قىلسا ئائىلىدە ھەمىشە تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدەپ يۈرسە، مىجەزى ئوسال بولسا، ئۆز نېسىۋىسىگە شۈكۈر-قانائەت قىلمىسا، بۇنداق ئائىلە  بەختسىزلىك تۇمانلىرى بىلەن قاپلىنىدۇ، ھەممە ئادەمنى ۋەھىمە باسىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا ئائىلىگە بولغان مېھىر-مۇھەببەتتىن سۆز ئېچىشقا بولمايدۇ. بالىلارنىڭ بۇنداق ئائىلىدە چوڭ بولۇشى بالىلار ئۈچۈن بىر خىل چوڭ بەختسىزلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بالا ئەخلاقسىز چوڭ بولىدۇ. ئائىلە ھايات بوران-چاپقۇنلىرىدىكى پاناھگاھ، ھارغاندىن كېيىن ئارام ئالىدىغان بېھىشباغ، ئوقۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا تەسەللىي تاپىدىغان ماكان، ھەممە ئىشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنىڭ تۈپ كاپالىتى ۋە ھەر قانداق چاغدىكى شادلىق مەنبەسى.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى