قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

  بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز تىجەشلىك يېزا ئىگىلىكى، ئايلانما يېزا ئىگىلىكى ۋە ئېكولوگىيەلىك ئورگانىك يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى

2017-04-19 17:40:34     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىنىڭ سۇ، تۇپراق، قۇياش نۇرى، ئىسسىقلىق بايلىقى ناھايىتى مول. تۆت پەسىل ئېنىق، ئورگانىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئۆزگىچە شارائىت ۋە ئەۋزەللىككە ئىگە. بەزى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئورگانىك يېمەكلىك دەپ ئېتىراپ قىلىنىش شارائىتىنى ھازىرلىغان. بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز يېشىل ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى بىلەن يېزا ئىگىلىكىدە تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىجەشلىك يېزا ئىگىلىكى، ئايلانما يېزا ئىگىلىكى ۋە ئېكولوگىيەلىك ئورگانىك يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. شىمالىي شىنجاڭدىكى يېزا ئىگىلىك چوڭ ناھىيەسى-- گۇچۇڭ ناھىيەسىدە ئورگانىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش تەڭ قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېشىل يېزا ئىگىلىك كەسپى كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇلدى. گۇچۇڭ ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى ۋېنبونىڭ ئېيتىشىچە، يۆلەش ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىدە كەسپلەشكەن بىر تۈركۈم باشلامچى كارخانىلار ئورگانىك يېشىل مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى بولۇپ دەلىللىنىش شارائىتىنى ھازىرلىغان. ھازىر 1 مىليون 400 مىڭ مو يەردىكى يېشىل مەھسۇلات دەلىللەنگەن. كېيىنكى قەدەمدە گۇچۇڭ ناھىيەسى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى، بىخەتەرلىكى ۋە سىستېما قۇرۇلۇشى جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، بازارنى يېشىل، بىخەتەر، ئورگانىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەپ، دېھقانلار كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى