قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شۆھرەت زاكىرنىڭ «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرەيلى» دېگەن ماۋزۇدىكى ئىمزالىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى

2017-04-20 12:45:58     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
شىنجاڭ گېزىتىنىڭ 4-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى سانىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرەيلى» دېگەن ماۋزۇدىكى ئىمزالىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى.
ماقالىدا مۇنداق دېيىلدى: 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5- يىغىنى مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ۋەكىللەرنى يوقلىدى ھەمدە شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتنىشىپ مۇھىم سۆز قىلدى. باش شۇجىنىڭ سۆزلىرى چوڭقۇر ئىدىيەۋىلىككە، مول مەزمۇنغا، ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى سىستېمىلىق پىلانى ۋە چوڭقۇر ئويلىنىشلىرىنى؛ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىر- ئاممىسىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىنى تولۇق ۋە مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەسەۋۋۇر، يېڭى ئىستىراتېگىيەلىرىنىڭ شىنجاڭ زىمىنىدىكى جانلىق ئەمەلىيىتى؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش فاڭجىنىنىڭ يەنىمۇ بېيىتىلىشى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى؛ يېڭى ۋەزىيەت ئاستىدا، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش جەھەتتىكى مۇھىم نەزەرىيىۋى يېتەكچى ۋە تۈپ قائىدە ھىساپلىنىدۇ.
ماقالىدا يەنە مۇنداق دېيىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ مول مەزمۇنى ۋە چوڭقۇر ئەھمىيىتىنى ئەستايىدىل ۋە تولۇق ئۆگىنىپ، ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش فاڭجىنىنى تولۇق ئىزچىللاشتۇرغاندىلا، تۇنۇش ۋە ھەركەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
بىرىنچى، ئۆگىنىشنى «پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش»تا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ ھىممىتىنى تولۇق ھىس قىلىپ، پارتىيەنىڭ ھىممىتىگە چىن قەلبىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن قەلبداش بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا، تىرىشىپ ئىتتىپاق- ئىناق، ئاۋات- باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
ئىككىنچى، ئۆگىنىشنى «ئار- نۇمۇسنى بىلىش، گۈللىنىشنى كۆزلەش»تە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. شىنجاڭ-- تارىختىن بۇيان ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇپ، ھەر مىللەت خەلقى چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، بۇ ئوتلۇق زىمىندىن ئايرىلماي كەلدى. بىرلىكنى قوغداش-- شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تارىخىي ئەنئەنىسى؛ ئانا زىمىننى قوغداش-- ھەر بىر شىنجاڭلىقنىڭ ئاڭلىق مەسئۇلىيىتى ھىساپلىنىدۇ. زوراۋان تېررورچىلارنىڭ رەزىل ماھىيىتى ئالدىدا، مەيدىمىزنى كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، سۆز قىلىشقا جۈرئەت قىلىشىمىز؛ ئەمەلىي ھەركىتىمىز ئارقىلىق، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، تەستە قولغا كەلگەن بەختىيار تۇرمۇشىمىزنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك.
ئۈچىنچى، ئۆگىنىشنى «تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىش، يېڭى تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈش»تە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مەۋقەنى ئەبەدىي ئەمىنلىككە قارىتىش-- ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ مۇھىم مەنبەسى؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ غايەت زور ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى؛ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ تۈپ كاپالىتى بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى ۋەزىپە- تەلەپلىرىنى ئورۇنداشتا، مۇھىمى-- يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى گەۋدىلەندۈرۈش، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش زۆرۆر.
تۆتىنچى، ئۆگىنىشنى «ئىتتىپاقلىقنى تەكىتلەش، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش»تە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى-- باشتىن- ئاخىر ھەر مىللەت ئاممىسى بولۇپ، ھەر بىر ئادەم شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى چىقىش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئويلىشى؛ «3 ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشلارنى باشلامچىلىق بىلەن قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان خاتا سۆز- ھەركەتلەردە بولماسلىقى؛ ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۆرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىش ۋە تەرەققىي قىلىشتەك ياخشى ۋەزىيەت شۇنىڭدەك ئىناق ۋە مۇقىم بولغان ئىجتىمائىي- سىياسىي ئومۇمىيلىقنى ھەسسىلەپ قەدىرلىشى؛ ئەمەلىي ھەركىتى ئارقىلىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ۋە مۇستەھكەملەش باشلامچىلىرىدىن بولۇشى؛ ھەر قايسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ كۆرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىش ۋە تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتىنى ئۆزلۈكسىز مۇستەھكەملىشى كېرەك.
بەشىنچى، ئۆگىنىشنى «ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش»تا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى تەلەپلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇردى. بولۇپمۇ، ئاپتونوم رايونلۇق 9- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم «ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشتىكى 9 چوڭ قۇرۇلۇش»نى يولغا قويۇپ، يېزىلاردىكى مەجبۇرىيەت ئەمگىكىنى بىكار قىلىپ ۋە بەشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايون مالىيەسىدىن خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاشقا ئاجرىتىلغان چىقىمنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىنى %74.7كە يەتكۈزدى؛ 3 يىللىق ھەقسىز يەسلى مائارىپىنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئومۇمىي خەلق ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈش قاتارلىقلارنى يولغا قويدى؛ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سالمىقى ۋە ئۈنۈمى-- ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە بولدى. بۇنىڭدىن كېيىن، بۇ جەھەتتە داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، تۈرلۈك چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەر ۋە مەسىلىلەرنى بىرمۇ- بىر ھەل قىلىپ، ئەل قەلبىنى ئەڭ زور چەكتە مۇجەسسەملەشكە تىرىشىمىز.
ئالتىنچى، ئۆگىنىشنى «ئىستىلنى ياخشىلاش، ئۇلنى چىڭىتىش»تا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيە پائالىيىتىنى دائىملاشتۇرۇش ۋە تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم قانات يايدۇرغان «بىر قاتار مۇھىم سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ئۆزگەرتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىگىلەش، ئېنىق چۈشىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز ھەمدە بۇ ئارقىلىق مېڭىمىزنى قوراللاندۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. خىزمەت ئىستىلىنى ھەقىقىي تۈردە ئۆزگەرتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، «4 خىل خاھىش» ۋە «4 خىل كەيپىيات»نى قەتئىي تۈگىتىپ، سىياسىي، ئىقتىدار ۋە ئىستىل جەھەتتە باشلامچى بولۇشقا تىرىشىشىمىز كېرەك. خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، باش نىشاننى كۆزلەپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش فاڭجىنىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز ۋە ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك.
ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلدى: تەرەققىياتنى تېزلىتىش ئۈچۈن، يىلتىز مۇستەھكەم ۋە چوڭقۇر بولۇشى كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن- ئاخىر بىردەك بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى بولۇپمۇ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى 1- سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى، قاتتىق بولغان سىياسىي ئىنتىزام ۋە خىزمەت ئىستىلى ئارقىلىق، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت مۇقەددەس بۇرچنى ئاڭلىق ئادا قىلىشىمىز؛ تىرىشىپ ئىتتىپاق- ئىناق، ئاۋات- باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتىۋېلىشىمىز؛ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغۋار گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى يارىتىشىمىز كېرەك.

تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى