قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جايلاردىكى كادىرلار ۋە ئامما يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى

2017-04-21 12:10:15     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 9- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2- ئومۇمىي كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا: تەرەققىياتنى بوشاشتۇرماي قەتئىي چىڭ تۇتۇپ، مۇقىملىق ئىچىدە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى ئاساسىي روھىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا يېتىلدۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان يېڭى نورمال ھالەتكە ماسلىشىش ۋە ئىگىلەش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭغا قارىتا، جايلاردىكى كادىرلار ۋە ئامما يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
باش باھاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يول تۈرلىرىدە كەينى- كەينىدە ئىش باشلاندى. بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يول قاتناش قۇرۇلۇش تۈرى سېلىنمىسى تارىخىي خاراكتىرلىك سېلىنما يەنى 200 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ترانسىپورت نازارىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى لى خۇڭبىن مۇنداق دېدى:- يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىش، ئەۋزەل، ئالاھىدە كەسپلەرنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈش ۋە زورايتىش جەھەتتە ھەقىقىي تۈردە ئاپتونوم رايونىمىزغا يېڭى مەزمۇنلارنى قاتتى. بىز بىر تىرىليون 500 مىليارد يۈەنلىك مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز بولۇپمۇ قاتناش يول قۇرۇلۇشىغا 200 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ بولىشىمىز كېرەك. نۆۋەتتە، بىز يولغا قويماقچى بولغان ئومۇمىي مۇساپە 83 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىدۇ. دېمەك، يەر شارىنى ئىككى قېتىم ئايلىنىپ چىقىشىمىز مۇمكىن.
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزا ئىگىلىكىنى كەسپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانا- قورغاس جىنيى خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتىگىيەسىدىكى تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ ياردىمىدىن پايدىلىنىپ مىۋە، كۆكتاتلارنى ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش تۈرىنى يولغا قويدى. شىركەت ئىشلەپچىقارغان كونسېرۋالىق يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە سېتىلماقتا. شىركەتنىڭ باش مۇدىرى يۈ چېڭجۇڭ مۇنداق دېدى:- شىركىتىمىز يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش داۋامىدا، يۇقىرى يېڭى تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ، ئەنئەنىۋىي يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىش، يېشىل يېمەكلىكنى باشلامچى قىلىپ، زىيانسىز يېمەكلىكنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، مەملىكەت ئىچى- سىرتىدىكى خېرىدارلارنى يېڭىچە، تەبىئىي، ساغلام ۋە سۈپەتلىك ئېكولوگىيىلىك يېشىل مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم9- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ2- ئومۇمىي كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىىيىنىڭ 5- يىغىنىغا قاتناشقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، «ئۈچنى كېمەيتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش»نى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاھىدە، ئەۋزەل كەسپلەرنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. بۇنىڭغا قارىتا، باۋشەن پولات- تۆمۈر گۇرۇھى شىنجاڭ 1- ئاۋغۇست پولات- تۆمۈر چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى ۋېي چېڭۋېن مۇنداق دېدى:- بىرىنچىدىن بىز «ئۈچنى كېمەيتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش»، قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ تەلەپلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىشىمىز كېرەك. يەنە بىر جەھەتتىن «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتىگىيەسىنى چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك. «1- ئاۋغۇست» پولات -تۆمۈر چەكلىك شىركىتىنىڭمۇ غەربكە يۈزلىنىش ئىستراتىگىيەسى بار. بۇنىڭدىن باشقا، بىز تۈزۈلمە مىخانىزىمى ئىسلاھاتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك. ئىسلاھات ئارقىلىق، بەزى ئىش ئورۇنلىرىنى ھازىرلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپىمىزنى قوشۇشىمىز كېرەك.
شىنجاڭ پاختىچىلىق گۇرۇھى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىرى شياۋ يۈچىڭ مۇنداق دېدى:- پاختىچىلىق تەرەققىياتى تەمىنلەش ھالقىسىدىكى ئىسلاھاتقا ماسلىشىش كېرەك. ئاساسلىقى پاختىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە سۈپىتىنى تەڭشەش جەھەتتە كەسپنى چىڭ تۇتۇش بولۇپمۇ ئەمگەك سىجىللىقى يۇقىرى كەسپلەرنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. بىز پاختىنىڭ توقۇمىچىلىق ۋە كېيىم- كېچەك كەسپىنى 1-، 2- كەسپلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

تەرجىمان: ئامىنە نۇرئەخمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى