قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇدا  ئۈچ كۈن قورال كۈچى ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى

2017-04-21 12:04:12     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئاقسۇ ۋىلايىتى مۇشۇ ئاينىڭ 19- كۈنىدىن4-ئاينىڭ 21-كۈنىگىچە، ئۇدا  ئۈچ كۈن قورال كۈچى ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى، جامائەت خەۋپسىزلىكى، قوراللىق ساقچى قىسىم قاتارلىق مۇقىملىقنى قوغداشتىكى نەچچە مىڭ خادىم ھەرىكەتكە قاتناشتى.
مۇشۇ ئاينىڭ 19- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 9 دا، قورال كۈچى ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بويرۇق ئاۋازى بىلەن تەڭ ساقچى گۈدۈكى ياڭراپ، ئۇرۇش ئاپتوموللىرى مەيدانغا چىقتى. مىڭدىن ئارتۇق پۈتۈن قوراللانغان مۇقىملىقنى قوغداش ئوفىتسىر- ئەسكەرلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر- ساقچىلىرى ئايرىم ھالدا پىيادە ۋە ئاپتوموبىلدا مەيدانغا چىقىپ، مەيداننى زىلزىلىگە كەلتۈردى. ئۇلار ئاقسۇ شەھىرىدىكى ئاساسلىق كوچىلار ۋە نۇقتىلىق ئورۇنلارنى قوراللىق چارلاپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى مۇقىملىقنى قوغداش كۈچلىرىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، زورۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىش، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسىنى نامايەن قىلدى.
ھەرىكەتتە، قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى ئوفىتسىر- ئەسكەرلەر، جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرى بەس- بەستە، دادىللىق بىلەن «ئۈچ خىل كۈچ» كە جەڭ ئېلان قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار، خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تۈرلۈك مۇقىملىقنى قوغداش ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
تەرجىمان: ئامىنە نۇرئەخمەت
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى