قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىگە سايلاندى

2017-04-21 17:26:52     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

گۇيجۇدا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر سايلاپ چىقىلدى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گۇيياڭ، 20 -ئاپرېل تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گۇيجۇ ئۆلكىلىك 12 - قۇرۇلتىيى 4 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىن 20 - كۈنىگىچە گۇيياڭدا ئېچىلدى، قۇرۇلتايدا گۇيجۇ ئۆلكىسىدىن پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر سايلاپ چىقىلدى. مەركەز گۇيجۇدا سايلامغا قاتنىشىشقا كۆرسەتكەن ۋەكىل نامزاتى يولداش شى جىنپىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلاندى. 

 قۇرۇلتاينىڭ رەسمىي سايلىمى 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلدى. قۇرۇلتايدا يولداش شى جىنپىڭنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلانغانلىقى جاكارلانغاندا، يىغىن زالىدا ئۇزاققىچە قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.  

ھازىر گۇيجۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ۋە ماس قەدەمدە ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بەس - بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامرات رايونلاردىكى ئاممىنى ئەستىن چىقارماي، گۇيجۇدا سايلامغا قاتناشقانلىقى ئۇنىڭ گۇيجۇدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىغا زور دەرىجىدە ئىشەنگەنلىكى، ئۆلكىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ غايەت زور شەرىپى، گۇيجۇدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقى بولۇپلا قالماي، گۇيجۇنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە بېرىلگەن غايەت زور مەدەت. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گۇيجۇغا كېلىپ سايلامغا قاتنىشىشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى ئىستىلى ۋە ئوبرازىنى نامايان قىلدى، ياخشى يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، بۇ پارتىيە ئەزالىرى بىلەن ئامما ئارىسىدىكى ئالاقىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇش، يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى قاتارلىق دۆلەتنىڭ مۇھىم تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە يولغا قويۇشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە.  ۋەكىللەر بەس - بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلانغانلىقى ئۆلكىلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ 730 نەچچە ۋەكىلىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، ئۆلكىدىكى 1 مىليون 700 مىڭدىن كۆپرەك پارتىيە ئەزاسىنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسى، گۇيجۇدىكى 40 مىليوندىن كۆپرەك ھەر مىللەت كادىر، ئاممىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنى چىن كۆڭلىدىن قەدىرلەيدىغانلىقى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى چىن يۈرىكىدىن ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. 

 ۋەكىللەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گۇيجۇغا كېلىپ سايلامغا قاتناشقانلىقى ھەم تولۇق ئاۋاز بىلەن قۇرۇلتاي ۋەكىلى بولۇپ سايلانغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى چوقۇم يۇرتىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى، ئاممىغا ئۇقتۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە مەدىتىنى بەجانىدىل ئىشلەش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدىكى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرۇپ، قەلب - كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جاپاغا چىداپ ئەمەلىي ئىشلەپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن كۈتۈۋالىمىز.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى