ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 100 مۇنەۋۋەر ئۇيغۇر سىياسىي-قانۇن كادىر-ساقچىسى بىرلىكتە ئىمزالىق خەت يېزىپ «ئۈچ خىل كۈچ»كە ئومۇميۈزلۈك جەڭ ئېلان قىلدى

2017-04-21 17:41:29     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 100 مۇنەۋۋەر ئۇيغۇر سىياسىي - قانۇن كادىر - ساقچىسى 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى بىرلىكتە ئىمزالىق خەت يېزىپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە، خەلققە بولغان ساداقىتى، «ئۈچ خىل كۈچ»كە ئومۇميۈزلۈك جەڭ ئېلان قىلىش ئىرادىسى ۋە ئېتىقادىنى بىلدۈردى.
  ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى مۇتەللىپ ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى نىشان ئىبراھىم ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى شىرزات باھاۋۇدۇن قاتارلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سىياسىي - قانۇن سىستېمىسىدىكى 100 ئۇيغۇر سودىيە، پىروكۇرور، خەلق ساقچىسى، ئەدلىيە كادىر - ساقچىسى ۋە سىياسىي - قانۇن كادىرى مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: بىز ئۇلۇغ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر ئەزاسى، بىزنىڭ ئورتاق سالاھىيىتىمىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسى، جۇڭگونىڭ سىياسىي - قانۇن كادىر - ساقچىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى. بىز بۇ يەردە تەنتەنە بىلەن قەسەم بېرىمىزكى: «ئۈچ خىل كۈچ»كە ئومۇميۈزلۈك جەڭ ئېلان قىلىمىز!
  «ئىمزالىق خەت»تە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «ئۈچ خىل كۈچ» ھاياتلىقنى دەپسەندە قىلدى، مىسلىسىز پاجىئە ئېلىپ كەلدى، كىشىنى غەزەپلەندۈرىدىغان زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى سادىر قىلدى. ئارىمىزدىكى يېقىن كىشىلەردىن بەزىلەر دۈشمەننىڭ تىغى ئاستىدا يىقىلدى، يەنە بەزىلەر بىگۇناھ ئاممىنىڭ ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا زەربە بېرىش جەريانىدا بەزىلەرنىڭ سەپداشلىرى كۆز ئالدىدىلا قۇربان بولدى، بەزىلەر تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئېغىر يارىلاندى. «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ داۋاملىق جىنايەت ئۆتكۈزۈشىگە ھەرگىز يول قويمايمىز!
  «ئىمزالىق خەت»تە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «ئۈچ خىل كۈچ» دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىپ، ياشلارنى ئۆز ئانىلىرىنى ئۆزلىرى بىلەن بىر يولدا ئەمەس، دەپ قاراپ، ئانىلىرى ئەتكەن تاماقلارنى يېمەسلىككە مەجبۇرلىدى؛ ئۇلار ئەنئەنىۋى ئېسىل مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا توسقۇنلۇق قىلدى، رەڭگارەڭ كىيىنىشكە ئادەتلەنگەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنى كۈنبويى ئورىنىپ يۈرۈشكە مەجبۇرلاشقا ئۇرۇندى؛ ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلدى، ھەتتا ئۇيغۇرلارنى نادانلىق، قالاقلىق، بېكىنمە، پاراكەندە زۇلمەت دۇنياسىغا قايتۇرۇپ كېلىشكە ئۇرۇندى؛ «ئۈچ خىل كۈچ» يەنە «غازات يولىدا شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەن رەزىل ئىدىيەنى تەرغىب قىلىپ، نۇرغۇن ياشنى مەڭگۈ قايتقىلى بولمايدىغان جىنايەت گىردابىغا ئىتتەردى. ئۇلارنىڭ ئادەمنى ئالۋاستىغا ئايلاندۇرۇشىغا ھەرگىز يول قويمايمىز!
  «ئۈچ خىل كۈچ» مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا دۈشمەنلىك بىلەن قارىدى ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلدى، مىللىي ئۆچمەنلىك، جەمئىيەتتە ۋەھىمە ۋە مىللىي ئارازلىق پەيدا قىلدى، شىنجاڭنى قالايمىقان قىلىپ، ۋەتەننى پارچىلىماقچى بولدى. ئۇيغۇرلارنى ئىسكەنجىگە ئېلىپ، ئەجدادلارغا، جۇڭخۇا مىللىتىگە، ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلدى، بۇنىڭغا ھەرگىز يول قويمايمىز!
  «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق، جۇڭخۇا مىللىتى ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. «ئۈچ خىل كۈچ»كە رەسمىي يوسۇندا شۇنى ئۇقتۇرىمىزكى، «ئۇيغۇرمۇ ئەمەسمۇ»، «مۇسۇلمانمۇ ئەمەسمۇ» دېگەندەك گەپلەر بىلەن بىزنى ئىسكەنجىگە ئېلىپ، بىزگە تەھدىت سالىمەن، دەپ خام خىيال قىلىشما! مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ئۇيغۇرلاردىكى ئۈچ زەھەرلىك ئۆسمە، بىز ئۇيغۇر سىياسىي - قانۇن كادىر - ساقچىسى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، شۇنى ئېنىق بىلىمىزكى، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەش ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداش كۈرىشى، بۇ ئۈچ زەھەرلىك ئۆسمە تەلتۆكۈس كېسىپ تاشلانمىسا، جەمئىيەتتە مۇقىملىق، مىللەتتە ئۈمىد، پۇقراغا خاتىرجەملىك بولمايدۇ. جىنايەتكە زەربە بېرىشتە، مىللەت ۋە دىن ئايرىمايمىز، بىز ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتى ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ھەل قىلغۇچ جەڭ. بۇ ھەل قىلغۇچ جەڭدە تولۇق غەلىبە قىلمىساق، ھەرگىز جەڭنى ئاخىرلاشتۇرمايمىز!
   100مۇنەۋۋەر ئۇيغۇر سىياسىي - قانۇن كادىر - ساقچىسى يازغان «ئىمزالىق خەت»تە مۇنداق دېيىلدى: ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىۋاتقان بۇ پەيتتە، بىز ئۇيغۇر سىياسىي - قانۇن كادىر - ساقچىلىرى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە شۇنداق دەپ تەنتەنىلىك بىلەن ۋەدە بېرىمىزكى:
  دۆلەت بايرىقى ئالدىدا قىلغان ۋەدىمىزنى ساداقەتمەنلىك بىلەن ئادا قىلىمىز، ۋەتەنگە، قانۇنغا، پارتىيەگە، خەلققە سادىق بولىمىز، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىش، زوراۋان - تېررورچىلارنى تەلتۆكۈس تازىلاش، تولۇق قېزىپ چىقىش، پاكىز يوقىتىش تەدبىرلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشقا يېڭى تۆھپە قوشىمىز.
  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمىز بىلەن قوغدايمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن پوستتا تۇرىمىز، قاراۋۇل بولىمىز، قانۇننى قورال قىلىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايمىز. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭرىتىپ، پارتىيەنىڭ مېھىر - شەپقىتى، يۇرتىمىزدىكى زور ئۆزگىرىشلەرنى تەشۋىق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر ئاممىنى پارتىيەنىڭ مېھىر - شەپقىتىنى بىلىش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە يېتەكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز - ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمىز!
  بىز ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، قەتئىي غەلىبە قىلىش ئىشەنچىمىز، ھايات - ماماتلىق جەڭ قىلىش ئىرادىمىز، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە جەڭنى توختاتماسلىق جاسارىتىمىز بىلەن «ئاۋانگارت ئەترەت»، «باشلامچى» بولۇشقا ئاتلىنىپ، سەپنىڭ ئالدىدا تۇرىمىز، ئاتاكىغا ئۆتىمىز، پارتىيە ۋە دۆلەت ئەڭ ئېھتىياجلىق ۋاقىتتا، ھېچنېمىگە قارىماي، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، قىممەتلىك قېنىمىز ۋە ھاياتىمىز بىلەن خەلقنىڭ مەنپەئىتى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغدايمىز، قولىمىزدىكى قورال ۋە قانۇن قورالىدىن پايدىلىنىپ «ئۈچ خىل كۈچ»كە ئەجەللىك زەربە بېرىمىز!

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى