قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«تەكلىماكاندىكى ناغرا ساداسى» ناملىق فىلىم بېيجىڭدا تۇنجى قېتىم قويۇلدى

2017-04-21 17:54:55     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

تەڭرىتاغ كىنو ئىستۇدىيەسى ئىشلىگەن 2017- يىللىق نۇقتىلىق فىلىم − «تەكلىماكاندىكى ناغرا ساداسى» 4 - ئاينىڭ 17- كۈنى چۈشتىن كېيىن تۇنجى قېتىم بېيجىڭ خەلق سارىيىدا قويۇلدى.
  فىلىمدە مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلىرىدا يۈز بەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەر ئارقا كۆرۈنۈش، ئاپتونوم رايونىمىزدا قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى يىپ ئۇچى قىلىنىپ، ئايگۈل ئىسىملىك بىر قىزنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە ئۇسسۇلچى بولۇش ئارزۇسىغا يەتكەنلىكىدەك تەسىرلىك ھېكايە بايان قىلىنغان.
  ئۇقۇشىمچە، بۇ فىلىمنى ئىشلەشنى «مېھىر - مۇھەببەت» فىلىمىنى ئىشلىگەن ئىجادىيەت كوللېكتىپى ئۈستىگە ئالغان، فىلىمدە تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىگە جايلاشقان يىراق بىر كەنتتىكى ئۇيغۇر قىزنىڭ ئۇسسۇلچى بولۇش ئارزۇسى چۆرىدىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆزگىچە تۇرمۇش پۇرىقى ۋە سەنئەت كەيپىياتى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
  − بۇ فىلىم ناھايىتى تەسىرلىك ئىشلىنىپتۇ. فىلىمدە شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرى ياخشى تاللىنىپتۇ، فىلىمنى كۆرۈۋېتىپ، تەسىرلەنگەنلىكىمدىن كۆزۈمگە ياش كەلدى، ئايگۈلنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ياردىمىدە ئارزۇسىغا يېتىپ، چوڭ سەھنىدە ئۆز ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلغانلىقىنى كۆرگەندە ھاردۇقىم چىققاندەك بولدى، − دېدى مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى شىنجاڭ سىنىپىنىڭ كۇرسانتى ئۆمەرجان روزى.
  دۆلەتلىك 1 - دەرىجىلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپ مۇنداق دېدى: بۇ فىلىم كېرىيە ناھىيەسى، قەشقەر شەھىرى ۋە يوپۇغا ناھىيەسىدە سۈرەتكە ئېلىندى، فىلىمگە قاتناشقان ئاممىۋى ئارتىسلارمۇ ناھايىتى كۆپ بولدى، فىلىمدە ئارتىسلارنىڭ ئۆز ئاۋازى بېرىلدى، ھەقىقىي ۋەقەلىك ئاساس قىلىندى. شۇڭا بۇ فىلىمنىڭ «مېھىر - مۇھەببەت» فىلىمىگە ئوخشاش تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بۇ فىلىم يېقىندا ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە ئۈچ خىل تىلدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.

مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى