ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تەرەققىياتنى قەتئىي بوشاشتۇرماي چىڭ تۇتايلى

2017-04-21 17:54:55     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

−ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2-ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن)يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (2)

 مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشتىكى ئىككى ئاچقۇچلۇق نۇقتا. ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2 - ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: مۇقىملىقنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىللە، تەرەققىياتنى قەتئىي بوشاشتۇرماي، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.  تەرەققىياتنى قەتئىي بوشاشتۇرماي چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن چوقۇم يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە بولۇشتىن ئىبارەت يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان يېڭى تونۇشىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى، ئۇنىڭدا ماركسىزملىق تەرەققىيات قارىشى زور دەرىجىدە بېيىتىلغان، ئۇ تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى كۈچەيتىش، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى كېڭەيتىشتە مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ماسلىشىپ، ئۇنى ئىگىلەپ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ، «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىشىمىز؛ تەرەققىياتقا مۇناسىۋەتلىك ئالاھىدە كەسىپلەرنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشىمىز؛ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىياتتىكى بوغما ھالەت ۋە چەكلىمىنى بۇزۇپ تاشلاپ، شىنجاڭنى تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  تەرەققىياتنى قەتئىي بوشاشتۇرماي چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن چوقۇم ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىشىنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى، پارتىيەمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ دەۋرنىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمىگە سالماق قەدەملەر بىلەن يېتىشىۋېلىشىدىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر، شۇنداقلا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى. ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش شىنجاڭغا نىسبەتەن ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى نىسبەتەن ئارقىدا قالغان، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ قوزغاتقاندىلا، جۇڭگوچە ۋە شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە تەرەققىيات يولىدا ماڭغىلى بولىدۇ. بىر تەرەپتىن، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرغان ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت كارخانىلىرى، دۆلەت مۈلكى ئىسلاھاتى، مەبلەغ سېلىش - يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، يېزا مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى، مۇھىم ساھەلەردىكى باھا ئىسلاھاتى، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ھەل قىلغۇچ ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتلارنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش؛ يەنە بىر تەرەپتىن، قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىش ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئىجادىيەتلىك قوزغىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىگە پائال سىڭىشىپ، ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. بىڭتۈەن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى مۇھىم كۈچ، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھات قەدىمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى تېزلىتىپ، بىڭتۈەننىڭ ئالاھىدە ئەۋزەللىكى ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى تولۇق قوزغاپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىڭتۈەننى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە روناق تاپقۇزۇش كېرەك. ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنى ھەر تەرەپلىمە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش يولىنى بارغانسېرى كېڭەيتىش كېرەك.

  تەرەققىياتنى قەتئىي بوشاشتۇرماي چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ئاۋۋال خەلقنى بېيىتىش كېرەك. تەرەققىياتنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى خەلقنى بەخت - سائادەتكە ئېرىشتۈرۈش، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلققە تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈش. تەرەققىياتنى تۇتۇش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ئارقىلىق، ئاممىنىڭ قىلىدىغان ئىشى بولۇشى، پۇل تېپىشى، ئۈمىدۋار ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تۇرمۇشىنى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلاش كېرەك. شۇڭا، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ھەم تەرەققىيات قۇرۇلۇشى، ھەم ئەلرايى قۇرۇلۇشى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «خەلق تۇرمۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاش»تىن ئىبارەت مۇھىم يوليورۇقىغا ئاساسەن، شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئەمىن تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىنى زىچ چۆرىدەپ، توققۇز چوڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايدىغان تۈرلەرنى كۆپرەك يولغا قويۇش، ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك قىلىش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ باش قېتىنچىلىقىنى كۆپرەك ھەل قىلىش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ياخشى بولۇشى خەلقنىڭ ئەڭ زور بەختى. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى كۈچەيتىپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ، ئاپئاق قار - مۇزلارمۇ زور بايلىق دەيدىغان ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيەنى ئاسراش تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، «ئۈچ يۇقىرى» تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى چەكلەپ، ئېكولوگىيەنى ئاسراش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، ئېكولوگىيەنى ئاسراش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇش كېرەك. خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈشتە، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشتە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  مۇقىملىق بىرىنچى مەسئۇلىيەت، تەرەققىيات بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە. تەرەققىياتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ماددىي ئاساس سېلىشىمىز كېرەك.
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى