قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يول تۈرلىرىدە كەينى- كەينىدە ئىش باشلاندى

2017-04-21 18:54:25     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
باش باھاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يول تۈرلىرىدە كەينى- كەينىدە ئىش باشلاندى. بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يول قاتناش قۇرۇلۇش تۈرى سېلىنمىسى تارىخىي خاراكتىرلىك سېلىنما يەنى 200 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ترانسىپورت نازارىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى لى خۇڭبىن مۇنداق دېدى:- يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىش، ئەۋزەل، ئالاھىدە كەسپلەرنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈش ۋە زورايتىش جەھەتتە ھەقىقىي تۈردە ئاپتونوم رايونىمىزغا يېڭى مەزمۇنلارنى قاتتى. بىز بىر تىرىليون 500 مىليارد يۈەنلىك مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز بولۇپمۇ قاتناش يول قۇرۇلۇشىغا 200 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ بولىشىمىز كېرەك. نۆۋەتتە، بىز يولغا قويماقچى بولغان ئومۇمىي مۇساپە 83 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىدۇ. دېمەك، يەر شارىنى ئىككى قېتىم ئايلىنىپ چىقىشىمىز مۇمكىن.
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى