قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك پۇتبول مۇسابىقىسى باشلاندى

2017-04-21 18:54:25     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك پۇتبول مۇسابىقىسى باشلاندى.

تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپ پۇتبولى مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا باشلاندى. مەملىكىتىمىزدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلغان 14 ئۆلكە، شەھەر تەشكىللىگەن 15 كوماندىدىكى 270 تەنھەرىكەتچى بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتناشتى.
ئىگىلىنىشىچە، تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپ پۇتبولى مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتناشقان 15 كوماندا مەملىكىتىمىزدىكى 14 ئۆلكە، شەھەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلىنغان 93 مەكتەپتىن تاللىنىپ تەشكىللەنگەن. بۇ مۇسابىقە ئارقىلىق ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇۋاتقان مەكتەپلىرىدىكى ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلار بىلەن قولنى قولغا تۇتۇشۇپ، دوستلىشىپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرگىلى بولىدىكەن.ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئالدىنقى 8 - لىككىچە ئېرىشكەن كوماندىغا مۇكاپات تارقىتىلغاندىن باشقا، «مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچى»، «ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگۈچى»، «ئەڭ ياخشى ۋاراتار»، «مۇنەۋۋەر رېپېر» قاتارلىق مۇكاپاتلار تەسىس قىلىنغان، مۇسابىقىنى مائارىپ مىنىستىرلىقى مىللىي مائارىپ مەھكىمىسى، مائارىپ مىنىستىرلىقى تەنتەربىيە، سەھىيە ۋە سەنئەت مائارىپ مەھكىمىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، تەنتەربىيە ئىدارىسى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان، مۇسابىقە ئالتە كۈن داۋاملىشىدىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى